خەنزۇچە خەتلەرنى ئاسان ئەستە ساقلاش ئۇسۇل

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-22 17:45:00

ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇچە خەتنى ئىگىلىشى ئانچە ئاسان ئەمەس. چۈنكى ، خەنزۇچە يېزىق بىلەن ئىلىپبەلىك يېزىق تۈپتىن ئوخشىمايدۇ . شۇڭا ، ئوقۇغۇچىلار خەنزۇچە خەتلەرنى ئەستە ساقلاش...

    ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇچە خەتنى ئىگىلىشى ئانچە ئاسان ئەمەس. چۈنكى ، خەنزۇچە يېزىق بىلەن ئىلىپبەلىك يېزىق تۈپتىن ئوخشىمايدۇ . شۇڭا ، ئوقۇغۇچىلار خەنزۇچە خەتلەرنى ئەستە ساقلاشقا ئاسان  ماسلىشىپ كېتەلمەيدۇ . قانداق قىلغاندا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خەنزۇچە خەتلەرنى ئەستە ساقلىغىلى بولىدۇ.

    1. يېزىش ئارقىلىق ئەستە ساقلاش.

    بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەك .

    1) يېڭى خەتنى ئۆگەنگەندە ئاۋۋال تەپىسلىي كۆزىىتش، ئاندىن يېزىپ مەشىق قىلىش لازىم . چۈنكى ، خەنزۇچە خەتلەر ئىچىدىكى ھەر قانداق مۇرەككەپ خەتمۇ بىر قانچە تاق خەتلەرنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بىرىكمە خەتلەرنى ئۆگەنگەندە ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئالاھدىلىكىدىن پايدىلانساق ، ئەستە ساقلاش ئاسان بولىدۇ. مەسىلەن ، « 碧» ( زۇمرەت ، كۆك ، كۆكۈش ) دېگەن خەت «王» ،  ، «石»« 白» غا پارچىلىنىدۇ. بۇ ئۈچ تاق خەتنى بىرلەشتۈرسەك ،«碧» دېگەن خەت ھاسىل بولىدۇ. « 衷» ( چىن قەلىب، چىن يۈرەك ) دېگەن خەت بولۇپ « 衣» ، « 中» غا پارچىلىنىدۇ، بۇ ئىككى خەتنى بىرلەشتۈرسەك ، « 衷» دېگەن خەت شەكىللىنىدۇ. خەنزۇچە خەتنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۆگەنگەندە ئاددىي ھەم ئاسان ئەستە ساقلىغىلى بولىدۇ.

    2) بۇرۇن ئۆگەنگەن خەتلەرنى ئاۋۋال قارىماي تۇرۇپ يېزىش، ئاندىن كىتابتىكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ خاتالىقىنى تېپىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش لازىم . بۇنداق قىلغاندا بۇرۇن دىققەت قىلمىغان نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۋالىغىلى بولىدۇ.

    3) ئۆگىنىپ بولغان خەتلەر بىلەن يېڭى ئۆگەنمەكچى بولغان خەتنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا تەھلىل قىلىپ يېزىپ ئۆگىنىش ، بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا ئۆز ئارا ئوخشىشىپ كېتىدىغان خەتلەرنى ئالماشتۇرپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ( ئاساسەن يان بۆلەك جەھەتتىن تەھلىل قىلىنىدۇ. ) . مەسىلەن ، يېڭىدىن ئۆگەنمەكچى بولغان « 泡» دېگەن خەتنى مىسالغا ئالايلى . بىز بۇرۇن « 抱» ( قۇچاقلاش ) «跑» ( يۈگۈرۈش ) دېگەندەك خەتلەرنى ئۆگىنىپ بولغان . شۇڭا ، بىز بۇ يەردە « 泡» خېتىنىڭ ( چىلاش ) دېگەن مەنىسى بارلىقىنى ھەمدە « سۇ » بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ئالدىغا « 氵» ئىشلتىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز . مانا بۇ ، خەتلەرنىڭ مەنىسى ، ئوقۇلۇشىنى تەڭ ئەستە ساقلىغلى ۋە ئالماشتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل .

    2. خەت مەنىسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق ئەستە ساقلاش.

    خەنزۇچە خەت ئوبرازىنى ئاساس قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن مەنە ئىپادىلەيدىغان يېزىق بولۇپ ، خەتنىڭ مەنىسى يان بۆلەكتىن ساقلىنىپ قالغاندىن باشقا ، يەنە باشقا بۆلەكلەرىنىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن تەسەۋۋۇر قىلىپ ئۆگەنسەك ، خەت ئۆگىنىشتىكى زېرىكىشلىكىنى يەڭگىلى ، خەتنى ئاسان ئەستە ساقلىغىلى ۋە تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مەسىلەن ، « 尖» ( ئۇچلۇق ) دېگەن خەت « 小» (كىچىك ) ، « 大» (چوڭ ) ئۇچى كىچىك ، تۈۋى يوغان نەرسە ئەلۋەتتە ئۇچلۇق بولىدۇ ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ.

    « 男» ( ئەر ) دېگەن خەت، «  田» ( ئېتىز ) ___ « 力» ( كۈچ ) ئېتىزغا كۈچ چىقرىدىغان ئادەم « ئەر » دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ.

    يۇقىرىقى ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق خەتلەرنى ياخشى ئەستە ساقلىغىلى بولىدۇ. ئەمما، بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، يەنى خەتلەرنى داۋاملىق تەكرار قىلىپ تۇرۇش كېرەك . تەكرار قىلغاندا دەسلەپتە قىسقا ۋاقىت تەكرار قىلىش، كېيىن بارا - بارا ۋاقىتنى ئۇزارتىپ تەكرارلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك .

    3. خەنزۇ يېزىقىدىكى كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇش ئارقىلىق ئەستە ساقلاش.

    دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتا كۆرگەن كىتاب كۆپىنچە تىل ئۆگەنگۈچى قىزىقىدىغان تېمىدىكى كىتاب بولىدۇ. شۇڭا ، مەزمۇننى بىلىشكە ئىنتىلىدۇ- دە ، بىلمىگەن خەتلەرنى لۇغەتتىن تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەرسلىكتە دىققەت قىلمىغان ياكى چۈشەنمىگەن خەتلەرنى بۇ كىتابتا ئۇچراتقاندا بۇ خەتلەر تىل ئۆگەنگۈچىنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىشىگە ، ئەتراپلىق تەھىلىل يۈرگۈزۈشىگە مۇيەسسەر بولىدۇ. بۇ تىل ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ سۆز بايلىقىنى ئاشۇرۇشقا ، تۇنۇق ، چۈشىنىش قابىلىيتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە ۋە خەتلەرنى ئەستە قالدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن ، يەنى ئۇلارنى كەڭ دائىردىكى بىلىمگە ئىگە قىلىدۇ.

    « شىنجاڭ مائارىپ » ژورنلىدىن .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق