شىمالى ياۋروپا ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ باپ دە

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2007-10-23 12:17:00

كىلىماتى يېقىشلىق ، يېشىللىق قاپلىغان ، سۈيى سۈزۈك بولۇش –بۇ ئامىرىكىدىكى نوپۇزلۇق «تەرمىلەر» ژورنىلىدا تەسۋىرلەنگەن «ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ئەڭ باپ كېلىدىغان» شەھەرنىڭ مەنزىرىسى. ت...

        كىلىماتى يېقىشلىق ، يېشىللىق قاپلىغان ، سۈيى سۈزۈك بولۇش –بۇ ئامىرىكىدىكى نوپۇزلۇق «تەرمىلەر» ژورنىلىدا تەسۋىرلەنگەن «ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ئەڭ باپ كېلىدىغان» شەھەرنىڭ مەنزىرىسى. تەرمىلەر ژورنىلىنىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا ، يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ئەڭ باپ كېلىدىغان مۇھىتى ياخشى ئون دۆلەت ۋە شەھەر باھالاپ چىقىلدى . نەتىجىدە شىمالىي ياۋرۇپادىكى بەش دۆلەت ۋە شەھەر ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلدى. يەنى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى بەش دۆلەت: فىنلاندىيە، ئىسلاندىيە، نورۋىگىيە، شىۋىتسىيە ۋە ئاۋسترىيە. كىشىلەرنىڭ ياشىشىغا ئەڭ باپ كېلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىگىدە 141 دۆلەت بار ، بۇنىڭ ئىچىدە فىنلاندىيە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. تەتقىقات دوكلاتىدا فىنلاندىيە ھاۋا سۇ سۈپىتى،  بالىلار كېسەللىگىنىڭ  قوزغىلىش نىسبىتى، پۇخرالارنىڭ سۇ بۇلغىنىشىدىن  خالىي بولۇشىغا ۋە تەبىئى ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىغىغا  كاپالەتلىك قىلىش جەھەتلەردە يۇقىرى نومۇر ئالدى، دىيىلدى. فىنلاندىيىدىن كېيىنكىسى ئىسلاندىيە،  نورۋىگىيە، شىۋىتسىيە ۋە ئاۋسترىيە. ئامىرىكا بۇ تىزىملىكتە 23-.ئەنگىلىيە 25-،  جوڭگو 84-ئورۇندا تىزىلدى. تىزىملىكتە ئەڭ ئاخرىغا تىزىلغان  بەش دۆلەتنىڭ ھەممىسى ئافرىقا قىتئەسىدە. 71 ئاساسلىق چوڭ شەھەرنىڭ ئىچىدە شىۋىتسىيىنىڭ ستوكھولم شەھرى ئولتۇراقلىشىشىغا  ئەڭ باپ كېلىدىغان شەھەر بولۇپ باھالاندى. ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى ئوسلو، ميۇنخىن،  پارىز ۋە فرانكفورت. كىشىلەرنىڭ ياشىشىغا ئەڭ باپ كېلىدىغان شەھەرلەر تىزىملىگىدە گېرمانىيەنىڭ  تۆت شەھىرى ئالدىنقى ئون شەھەر ئىچىگە كىردى،  نيۇ-يورك15-، لوندون27- ئورۇندا تۇردى. شىمالىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە  يەرلىكلەر يۇرتىنىڭ ياخشى ئولتۇراق شارائىتىدىن چەكسىز پەخىرلىنىدۇ. شىۋىتسىيەدە يەرلىكلەر ستوكھولمنى شىمالىي ياۋرۇپادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەر،  دىيىشىدۇ. دانىيەدە يەرلىكلەر كوپىھاگىننىڭ مۇھىتىنى ھىچقانداق يەرگە تەڭ قىلمايدۇ،  شۇنىڭغا ئوخشاش نورۋىگىيەدە ئوسلومۇ تېپىلغۇسىز گۈزەل شەھەر، دەپ تەرىپلىنىدۇ. لېكىن شىمالىي ياۋرۇپالىقلار ئولتۇراقلىشىشقا  باپ كېلىدىغان شەھەرلەر تىزىملىكىگە دېگەندەك ئېتىبار  قىلىپ كەتمىدى. شىمالىي ياۋرۇپادىكى ئاخپارات ۋاستىلىرىمۇ بۇ ھەقتە ناھايىتى ئاز خەۋەر بەردى، «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى   زىيارەت جەريانىدا  مۇھىتى شۇنچە گۈزەل بولسىمۇ،  كىشىلەرنىڭ ئۆزى  ئولتۇرۇۋاتقان جايىدىن دىگەندەك رازى ئەمەسلىگىنى ھىس قىلدى. فىنلاندىيىلىك بىركىشى  ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق شەھەرنى مۇنداق تەسۋىرلىدى :خېلسىنكىنىڭ ئاران 400 مىڭ نوپۇسى بار،  شۇڭا بەكلا زېرىكىشلىك. ئۇ يەنە :بېيجىڭغا بېرىشنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن ،  پۇرسەت تېپىلسىلا بېيجىڭغا بېرىپ مېترو بېكىتىدىكى  مىغ-مىغ كىشىلەر توپىنى كۆرۈپ،  تاماشا قىلغۇم بار،  دىدى. بۇنىڭدىن باشقا،  شىمالىي ياۋرۇپالىقلار  مال باھاسىنىڭ يۇقىرلىغىدىن  ئاغرىنىدۇ،  شىمالىي ياۋرۇپادىكى  بەزى دۆلەتلەردە كۈدە دانىسى بويىچە سېتىلىدۇ،  بىر دانىسىنىڭ باھاسى تەخمىنەن1.5يۇئەن خەلق پۇلىغا توغرا كېلىدۇ.
           ----------شىنجاڭ گېزىتى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق