مەنمۇ دەپ بىرەي

يوللىغۇچى : nur~sima يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-08 00:39:00

مەنمۇ دەپ بىرەي: بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ئىختىيارسىز كەلگۈسىمىزدىن ئەنسرەش، ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتتىن گۇمانلىنىش، كىشىلەرگە خەۋپسىرەش بىلەن قاراشتەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىكەن كىشى. دىمىسىمۇ، ماقالىدىك...

    مەنمۇ دەپ بىرەي:

           بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ئىختىيارسىز كەلگۈسىمىزدىن ئەنسرەش، ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتتىن گۇمانلىنىش، كىشىلەرگە خەۋپسىرەش بىلەن قاراشتەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىكەن كىشى. دىمىسىمۇ، ماقالىدىكى دېيىلگەنلەر ئەمەلىيەتتە ئەتراپىمىزدا بار ھەم يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار.. ئالدىنقى ئايدىمۇ ئەيتاۋۇر، <قانۇن ۋە پۇقرا> پروگراممىسىدا بىر ئۆسمۈرنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانى بېرىلدى. ئۇنىڭدا ئۇنىڭ زەھەر چىكىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئاكىسىنىڭ يەتتە نەزىر كۈنىنىڭ ئەتىسى ئىككىنىچى ئاكىسىنىڭمۇ يەنە شۇ زەھەر بىلەن ئۆلگەنلىكى، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭمۇ شۇ نەرسىنىڭ قۇربانى بولغانلىقى ھەققىدىكى بايانى، مەندە شۇنداق بىر خىل بىئاراملىق، ئىچىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلغان ئىدى. ... مەنمۇ خىزمەت ئىھتىياجى سەۋەپلىك زەھەر چىكىدىغانلار بىلەن ئوچرىشىپ قالىمەن، ھەم ئۇلارنى كۆرۈپ تولراق ئويلاپ قالدىغىنىممۇ دەل مۇشۇ نۇقتىلار، يەنى كۆپ ساندىكىسى ئۇيغۇر بالىلار، يەنى كىلىپ 20 -30 ياش ئەتراپىدىكىلەرنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ. بۇ ئۆكۈنۈش ئاز كىلىۋاتقاندەك يىقىنياقى قىزلارنىڭمۇ بۇ سەپكە قىتىلۋاتقىنىغا ھەيرانمەن، قارىسا شۇنداق چىرايلىق قىزلار. <مەجبۇرلانغانمۇ ياكى ئىخىيارى چەكتىڭلارمۇ؟> دەپ سۇرىسا، <ئۆزىمىز خالاپ> دەيدۇ..تۇۋا!! ئىچىدىغان، يەيدىغان نەرسىنىڭ مەمۇرچىلىقىدا نىمىسىگە نىمە يىتىشمەي بۇ نىجىسنى خالاپ قالغاندۇ دەيمەن؟ ... ئەيدىزنىڭ جۇڭگودىنلا ئەمەس شىنجاڭ رايونىدىلا يامراپ كىتىش ئەھۋالى ئادەمنى ھەقىقەتەنمۇ چۆچىتىدۇ. شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ 2007-يىلى 11-ئايدىكى خەۋىرىدە، 1995-يىلى ئەيدىز شىنجاڭدا بايقىغاندىن 2007-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان 12 يىل جەريانىدا ئەيدىزنىڭ يامرىشى شىنجاڭدا تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، تىزىملىكتىكى سانى 20 مىڭ 890 ئادەمگە يەتكەن، دېيىلگەن. بۇ پەقەت تىزىملىكتە ئىلىنغانلىرىكەن، ئىلىنماي قالغانلىرى قانچىلىك تېخى؟ .... پاھىشىۋازلىققا يۇقىرىدا تېما ئىگىسى دەپ ئۆتكەندەك ئەخلاق نۇقتىسىدىن چەتنىگەن بۇ قىلمىشقا بولغان چەكلەش، شۇ خىل سورۇنلارغا بولغان كونتىرۇل قىلىش يىتەرلىك ئەمەس. ئەيدىز كىسىلىنىڭ بۇ خىل يولدا يوقۇشىمۇ ھەم ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئىشىشىدىكى يوللىرىنىڭ سەۋەپى. قىسقىسى، <پاھىشە، ئەيدىز، چىكىملىك> ھەققىدە ھەر شەكىل، ھەر قايسى ئورۇنلاردا ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا تەشۋىقلار ئېلىپ بىرىلغان ھەم بىرىلىۋاتقان بولسمۇ، پەقەت زەھەر چەكلەش كۈنى، دۇنيا ئەيدىز كۈنى دىگەندەك يىلدا بىر كىلدىغان كۈنلىرىلا بۇ ھەقتە كۆپرەك چۈشەنگەندەك بولىمىز، خالاس. باشقا ۋاقىتتا كىتاپ-گېزىتتىلا يىزىلغان بىلەن بۇنى كۆردىغانلار بىلەنلا چەكلىنىپ، يەنى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشى تۆۋەن. كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تۇنۇشى، زەھەر، ئەيدىز ، پاھىشىۋازلىققا بولغان چۈشىنىشى ھەم زىيىنىنى تونۇشى يىتەرلىك ئەمەس، بولسا تېلىۋىزۇر، رادىئولاردا بۇ ھەقتىكى ئۇيغۇرچە تەشۋىق تەربىيە پروگراممىلىرى كۆپەيتىلسە، ئاز-تولا ئۈنۈمى بولار دەپ قارايمەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق