قۇرئان كەرىمدىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-23 20:55:10

قۇرئان كەرىمدىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر قۇرئان كەرىمدىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر ھەققىدە سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن بۇ يەردە مۇقەددىمە ئورنىدا ئازراق توختىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. مۇشۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلى...

     

    قۇرئان كەرىمدىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر 



         قۇرئان كەرىمدىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر ھەققىدە سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن بۇ يەردە مۇقەددىمە ئورنىدا ئازراق توختىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.
        
    مۇشۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ، قۇرئان كەرىمدىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىشلەر بولدى. خەلقنىڭ ئىلىم سەۋىيىسى كۆتۈرۈلگەنسىرى قۇرئان كەرىمدىكى نۇرغۇن ئىلمىي، غەيرىي، تارىخىي مۆجىزىلەر بايقىلىشقا باشلىدى.
        
    قۇرئان كەرىمنىڭ تىل - ئەدبىيات جەھەتتىكى مۆجىزىلىرى دۇنياغا ئىلان قىلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ ئەپسۇسكى، بۇگۇنكى كۈندە دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن تەلىم - تەربىيە پروگراممىلىرىغا بولغان سۈيقەست ۋە تاجاۋۇزچىلىق سەۋەبىدىن كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئەرەپ تىلىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىپ، قۇرئان كەرىمنىڭ تىل - ئەدبىيات جەھەتتىكى مۆجىزىلىرىنى بايقىيالمىدى.
    قۇرئان كەرىمنىڭ غەيىپ ۋە تارىخ بىلىملىرىگە دائىر مۆجىزىلىرى، لوغەت ئىلمىگە ئىھتىياجلىق بولمىغانلىقتىن، شۇنداقلا ئەقىل، پىكىر ۋە رىئاللىقا ئۇيغۇن بولغانلىقتىن بولسا كېرەك، جەمئىيىتىمىزدىكى نۇرغۇن ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئالاھىدە تەتقىق ئېلىپ بېرىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز.
        
    شۇنىڭدەك جەمئىيەتتىكى مەدەنىيەتلىك زاتلار قۇرئان كەرىمدىكى ئىلمىي مۆجىزىلەرگە ناھايىتى قىزىقماقتا. چۈنكى بۇ،  مۇشۇ ئەسىر ئىنسانلىرى ئۆزلەشتۈرگەن مەدەنىيەتكە تامامەن ئۇيغۇندۇر.
        
    قۇرئان كەرىم مۆجىزىسى ئۈستىدە سۆزلىگىنىمىزدە پۈتۈن ئىنسانىيەتنى قانائەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىمىز. چۈنكى قۇرئان كەرىم پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھىدايىتى ئۈچۈن نازىل قىلىنغان بولۇپ، بارلىق ئىنسانلارغا ئىلان قىلغان.
        
    شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئۇلارنىڭ ئەقلىگە ئۇيغۇن خىتاپ قىلىشىمىز زۆرۈر. بۈگۈنكى كۈندە ئىلمىي ساھە شەرق ۋە غەرب ئىنسانلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ساھەدۇر. ئۇلار ئۆزلىرى ئىگەللىگەن ئىلمىي ساھەلەردە اﷲ تائالانىڭ كىتابىدىكى مۆجىزىگە دالالەت قىلىدىغان ھەقىقەتنى كۆرگەندە ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشى، ھەقىقەتكە تەسلىم بولۇشى ئاسانغا توختايدۇ.
        
    ئىلىم - پەننىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىغا ئايلىنىشى مۇتەپەككۈر ئالىملارنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئىلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولدى.
        
    ئىلىم - پەن قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى سىرلىرىنىڭ ئاچقۇچى، قۇرئان كەرىم مۆجىزىلىرىنىڭ ئىسپاتى بولغانىكەن شەكسىزكى، بىز بۇ ھەقتە تەتقىقات ئىلىپ بېرىشىمىز، خەلقنى ئۇ تەرەپكە باشلىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈردۇر. قۇرئان كەرىممۇ ھەر قانداق زامان ۋە ماكاندا خەلقنىڭ ئەقىل ۋە مائارىپىغا ئۇيغۇن خىتاپلار بىلەن مەخلۇقاتلاردىكى ئاجايىباتلارنى تونۇتۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئاسمان - زېمىن ۋە پۈتۈن كائىناتنىڭ يارىتىلىشىغا نەزەر سېلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.
        
    بۇ قۇرئان كەرىم مۆجىزلىرى ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل ئۇسلۇپدۇر. ئىنسان مۇشۇنداق ئوسلۇپ بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنساننىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى اﷲ تائالانىڭ سۆزى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەت ھاجىتىنى اﷲ تائالانىڭ كىتابىدا تېپىشقا ھەر ۋاقىت قادىر بولالايدۇ.
        
    ئىلىم - پەن تەرەققىي قىلغانسىرى ئىسانلار ئىلگىرى بايقىيالمىغان يېڭى سىرلارنى بايقىماقتا.
    بۇنىڭ ئۆزىلا قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنساننىڭ سۆزى ئەمەسلىكىگە ئوچۇق دەلىل بولۇشىغا يىتەرلىكتۇر. پۈتۈن ئىنسانلار ئۆز-ئارا ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ بۇ كىتاپنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.
    قۇرئان كەرىم گىئولوگىيە ياكى ئاسترونومىيە ۋە ياكى باشقا پەن - تېخنىكا كىتابى بولۇپ نازىل بولغانمۇ؟
    شەكسىزكى، ياق!
        
    قۇرئان كەرىم مەكتەپلەردە ئۈگىتىلىدىغان پەن - تېخنىكا كىتابى بولۇپ نازىل بولمىدى. بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە توغرا يولنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان يىتەكچى، دەستۇر بولۇپ نازىل بولدى.
    اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر"
    قۇرئان كەرىم مۆجىزە كىتابى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانلارنىڭ نەزىرىنى ئىلىم - مەرىپەت ۋە پەن - تېخنىكىغا ئەھمىيەت بىرىشكە قارىتىپ كائىناتنىڭ نۇرغۇن سىرلىرى ئۈستىدە توختالدى.
        
    بۇنىڭغا ئاساسەن قۇرئان كەرىمدىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر ئۈستىدە توختالغان ۋاقتىمىزدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بىرىش، قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، ئازغۇنلىقتىن ھىدايەتكە چىقىرشتىن ئىبارەت ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم.
        
    قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى ئاساسلىق ۋەزىپىسىدىن چەتنىتىپ، ئۇنىڭغا يات بولغان مەزمۇنلارغا مەجبۇرى قارىتىشىمىز توغرا بولمىغىنىدەك قۇرئان كەرىمنى توغرا چۈشىنىشكە تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ئىلىم كەشپ قىلغان بەزى ئىلمىي نەتىجىلەرنى تۈپتىن ئىنكار قىلىپ ،ئىلگىرىكى تار ۋە چولتا چۈشەنچىلىرىمىز ئۈستىدە قېتىۋېلىشىمىز ھەرگىز توغرا ئەمەس.
        
    بۇ ھەقتە ئالىملار تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىلغا بۆلىنىدۇ:
        
    بىرىنچى خىلدىكى ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ تار، چولتا ۋە كونىچە چۈشەنچىلىرىگە ئېسىلۋېلىپ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى باش تارتىشقا بولمايدىغان، ھەقىقىتى ناھايىتى ئوچۇق بولغان يېڭى دەۋر ئىلىمىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق تەپسىر قىلىشنى قەتئى رەت قىلىدۇ.
        
    بۇ خىلدىكى جامائەتلەرنىڭ پىكرى، ئىلىم بىلەن دىننىڭ ئوتتۇرسىدا چوڭ بوشلۇق قالدۇرۇشقا سەۋەپ بولۇپ، ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدىغان نەتىجىلەرگە ئېلىپ بارىدۇ.
        
    مۇسۇلمانلار شەرئىي دەلىللەر بىلەن ھەر قانداق زامان ۋە ماكانلاردا بارلىق ئىلمىي ھەقىقەتلەردىن تولۇق ئىستىپات قىلىشقا چاقىرىلدى. ئىسلام دىنى ئىلىم - مەرىپەت دىنى بولۇپ، ئۇ تەبىئەت ۋە كائىنات ھەققىدىكى ئىلمىي نەتىجىلەرگە ھېچقاچان زىت كەلمىدى ۋە كەلمەيدۇ.
        
    ئىككىنچى خىلدىكى ئالىملار بىرىنچى خىلدىكىلەرنىڭ تامامەن ئەكىسچە بولۇپ، يېڭى دەۋر ئىلىمىي نەتىجىلىرىگە قارغۇلارچە چوقۇندى، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ لۇغەت، ئەدەبىيات ۋە باشقا تەرەپلىرىگە پۈتۈنلەي كۆز يۇمۇپ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى يېڭى دەۋر ئىلمى نەتىجىلىرى بىلەن تەپسىر قىلىشقا بىرىلىپ كەتتى.
    بەزىدە يېڭى دەۋر ئىلمىي نەتىجىلىرى خاتا چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرغا قويىشىمۇ مومكىن. بۇنىڭ مىساللىرى ناھايىتى كۆپتۇر. شۇڭا بۇ خىلدىكىلەرنىڭ كەلتۈرگەن زىينىمۇ بىرىنچى خىلدىكىلەرنىڭ كەلتۈرگەن زىينىدىن قېلىشمايدۇ.
        
    ئۈچىنچى خىلدىكىلەر ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇپ ماڭغان ئۆلىمالاردۇر. ئۇلار قۇرئان كەرىمنى تەپسىر قىلىشتا ھەر ئىككى تەرەپكە ئەھمىيەت بەردى، دىن بىلەن ئىلىم ئوتتۇرىسدا زىتلىق كىلىپ چىقىشقا ئورۇن بەرمىدى. يېڭى دەۋر ئىلمى نەتىجىلىرىدىن ئەتراپلىق پايدىلىنىپ، ئۇنى قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىچىپ بىرىشكە خىزمەت قىلدۇردى.
        
    ھېكمەت مۆمىنلەرنىڭ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىدۇر، ئۇلار ئۇنى قەيەردە ئۇچراتسا ئۇنىڭغا ھەقلىقتۇر. قۇرئان كەرىم پەقەت ئىلگىرىكىلەرگىلا ئەمەس، بەلكى ھەر قانداق زامان ۋە ماكاندا بارلىق خەلققە مۆجىزە بولغان ھالدا نازىل بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى دەۋر ئىنسانلىرىنىڭمۇ قۇرئان كەرىم مۆجىزىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. ئۇنى لۇغەت ئىلىملىرى ئارقىلىق بايقىيالمىسا يېڭى دەۋر ئىلمىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق بولسىمۇ تېپىشقا تىرىشىشى لازىم.
        
    قۇرئان كەرىم مۆجىزىلىرىنى، ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقىلار بايقىغاندەك شەكسىزكى، كىيىنكىلەرمۇ ھەم بايقايدۇ، لىكىن قايسى ئۇسۇل بىلەن بۇنى ھازىر بىز بىلمەيمىز.
        
    بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلمىي، غەيبىي، تارىخىي تەرەپلىرىدە مۆجىزىلەر بايقىلىۋاتقاندەك ھەر بىر ئايەتلەرنىڭ سۆز تەركىبىدە بولسۇن، مەنىسىدە بولسۇن ئۆزگىچە مۆجىزىلەر بار.




    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-26 11:42:22]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.