ئەرەب رەقىمى

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-16 11:07:00

قەدىمكى ھىندىلار «0» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەقەم بەلگىسىنى ، شۇنداقلا يەنە ساننىڭ ئورنىنى بەلگىلەشنىڭ ھازىر ئاساسەن ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان ئونلۇق سېستېما بويىچە ساناش ئۇسۇلىنى ئىجاد قى...

        قەدىمكى ھىندىلار «0» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەقەم بەلگىسىنى ، شۇنداقلا يەنە ساننىڭ ئورنىنى بەلگىلەشنىڭ ھازىر ئاساسەن ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان ئونلۇق سېستېما بويىچە ساناش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان . ئورۇن بەلگىلەش ، ساناشتا ، ئوخشاش بىر  رەقەم بەلگىسىنىڭ ئورنى ئوخشاش بولمىسا ئۇ بىلدۈرىدىغان سانلىق قىممەتمۇ ئوخشاش بولمايتتى. ئەگەر مەلۇم بىر ئورۇندا سان بولمىسا، بۇ ئورۇنغا « 0 » يېزىپ قويۇلاتتى. «0» نىڭ ئىشلىتىشى ئونلۇق سېستېما بويىچە ساناش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى ، ئۇنىڭ ئەھمىيتى زور ئىدى . ئون رەقەم بەلگىسى كىيىن ئەرەبلەر ئارقىلىق ياۋروپاغا تارقالغاچقا ، ياۋروپالىقلار ئۇنى خاتا ئالدا ئەرەب رەقىمى دەپ ئاتىدى . ساناشتا ئونلۇق سېستېما بويىچە ساناش ئۇسۇلى قوللىنىلغاچقا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرەب رەقىمى ئاددىي بولغاچقا ، ئۇنى يېزىش ئوڭاي ئىدى ، رەقەممۇ ئېنىق كۆرۈنەتتى، بولۇپمۇ ئۇ يازمىچە ھېسابلاشقا بەكمۇ قولايلىق ئىدى . شۇڭا ، تارىخ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، ئەرەب رەقىمى تەدىرىجى ھالدا ھەر قايسى دۆلەتلەردە كەڭ ئىشلىتىلىپ ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان رەقەمگە ئايلاندى .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق