ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 11

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-20 10:26:40

ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 11(كوچى بەي ھەققىدە)ئەزىز قېرىنداشلار! 17 ـ ئەسىرگە كەلگەندە ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى كونىراپ قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى ياۋروپادىكى ئويغۇنۇش ۋ...



     

    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 11

    (كوچى بەي ھەققىدە)

    ئەزىز قېرىنداشلار! 17 ـ ئەسىرگە كەلگەندە ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى كونىراپ قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى ياۋروپادىكى ئويغۇنۇش ۋە ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى بىلەن يېڭى كەشپىياتلارنىڭ باشلىنىشىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشكىمۇ بولىدۇ.

    ئەسلىدە ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ جاھالەتلىك دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ياۋروپا خەلقى 15 ـ ئەسىردە، «ئىنسان مەركىزىچىلىك» ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنسانغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق قىممەت قاراشلارنى تەتقىق قىلغان ۋە دىنىي قالاقلىقنىڭ تار قەپەسلىرىنى بوسۇپ تاشلاپ، كۆز قاراش ۋە تەپەككۈر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن ئىدى. بۇ ئارقىلىق پىكىر ئەركىنلىكىگە ئىگە بولغان ئىنسانلار ئويغۇنۇش ھەرىكىتىگە ئوخشاشلا سەنئەت ۋە پىكىر جەھەتتە يېڭى دەۋرنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسا، ئىسلاھات ھەرىكىتى ئارقىلىق دىندا يېڭىلىنىش ھەرىكىتى باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۈستىدىكى دىنىي بېسىملار ئاستا ـ ئاستا يىنىكلەشكە باشلاپ، سەنئەت، پىكىر ۋە دىنىي چۈشەنچە جەھەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى قاراشلار، يېڭى دەۋر ئىنسانلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. كۆز قاراش دائىرىسى كېڭەيگەن ۋە ھەر خىل ئەركىنلىكلەرگە ئېرىشكەن ياۋروپا خەلقى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا، باي ـ باياشاتلىققا، جۈملىدىن بەخىتىيار بىر ھاياتقا سازاۋەر بولۇش ئۈچۈن يېڭى قىتئەلەرگە قاراپ ئاتلىنىشقا باشلىدى. ئۇ جايلاردىن قولغا كەلتۈرگەن خام ئەشيالار ئارقىلىق يېڭى بويۇملارنى ئىشلەپچىقاردى ۋە سودا ـ تىجارەتلىرىنىڭ كۆلىمىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۈردى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئاق دېڭىز تىجارەت يوللىرى، ئاتلانتىك ئوكيانغىچە تۇتاشتى. يېڭى پورتلار ۋە يېڭى سانائەت شەھەرلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ، ياۋروپا بىردىنلا ئىقتىسادىي ساھە بويىچە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. بۇ ئەھۋال شەرق ئىمپېرىيەلىرىگە چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. يېڭى دەۋردىكى يېڭى ھەرىكەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنىغا ئۇچرىغۇچى، تەبىئىيكى، ئوتتۇرا دەۋرنىڭ ئەڭ پارلاق ئىمپېرىيەسى بولغان ئوسمان ئىمپېرىيەسى بولدى.

    ئەينى چاغدا سەنئەتتە، ھەربىي ئىشلاردا ۋە سىياسەتتە ھەر كاتتا يېڭى ئىنقىلابلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ ئوسمان ئىمپېرىيەسى ئۆز ئىزىدا توختاپ قېلىشقا باشىلغان ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، بۇ تورمۇزلۇنۇپ قىلىشنىڭ سەۋەبىنى كۆرۈپ يەتكەن مۇتەپەككۈرلەرنىڭ بىرەر فورمىلا تۈزۈپ چېقىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۆز پىكىرلىرىنى كونا ئەنئەنىلەرگە پەرۋا قىلماستىن يولغا قويالايدىغان بىر جەسۇر رەھبەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى لازىم ئىدى. بۇ چاغلاردا رەھبەرلەرگە يول كۆرسىتەلەيدىغان مۇتەپەككۈرلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس بولۇپ، بۇ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلغان ۋە ئۆز پىكرىنى جاسارەتلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويالىغان مۇتەپەككۈرلىرىمىزنىڭ ئەڭ كاتتىسى كوچى بەي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.

    چۈنكى ئۇ ئوسمان ئىمپېرىيەسى بىر ئىزىدا توختاپ قالغان مەزگىللەردە بۇنىڭ سەۋەبىنى تەتقىق قىلىپ چىققان ۋە ھەر بىر ۋەقەلىكنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، خولاسىسىنى بىر كىتاب شەكىلىدە يېزىپ چېققاندىن كېيىن، دەۋر ھۆكۈمدارى 4 ـ مۇراتقا تەقدىم قىلغان ئىدى.

    *************************************************  

    كوچى بەي 1953 ـ يىلى گۈمۈلجىنەدە دۇنيا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ «گۆرەجەلى»لىك ئىكەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇ كېچىك ۋاقتىدىلا ئىستانبۇلغا كېلىپ، باشلانغۇچ تەلىم ـ تەربىيەسى تاماملىغاندىن كېيىن، ئەندىرۇنغا قوبۇل بولىدۇ. ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي مەكتەپلىرىدىن بىرى بولغان ساراي مەكتىپى ئەندىرۇندا ئوقۇيدۇ. فاتىھ سۇلتان مەھمەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ مەكتەپ، 3 بۈلۈمدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەربىي مەكتەپ ئىدى. ئوقۇش مۇددىتى 14 يىل بولغان بۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار، دىنىي ئىلىملەرنى، ئىجتىمائىي پەن، مۇزىكا ۋە ھەربىي ئىلىملەرنى ئۆگىنەتتى.

    كوچى بەيمۇ ئوندىرۇندا ئوقۇپ يېتىشىپ چىققان ئىدى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى كوجا مۇستاپا بولۇپ، «ئىنتايىن زىننەتلىك ھارۋا» دېگەننى بىلدۈرىدىغان «كوچى» دېگەن سۆز ئۇنىڭ لەقىمى بولۇپ قالغان ئىدى. كوچى بەي ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.  3 ـ مۇراتتىن كېيىن ئالتە پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. شۇ چاغلاردا يۈز بەرگەن نۇرغۇنلىغان ۋەقەلەرگە شاھىد بولدى. «يەنى چەرىك ئوچىقى» (يەنى كېچىك بالىلارنى ھەربىيلىك ئۈچۈن مەخسۇس تەربىيەلەيدىغان مەركەز) نىڭ بارغانچە بۇزۇلۇشىنى، ۋالىدە ۋە ھاسەكە سۇلتانلارنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئوينىغان ئويۇنلىرىنى، «بۈشۈك ئۆلىماسى» دەپ ئاتىلىدىغان ئۆلىمالىق ئۇنۋانىنىڭ دادىسىدىن بالىسىغا بۆشىكىدىلا مىراس قىلىپ بېرىلىدىغان بىمەنىلىلكەرنى ھەمدە ساراي ئاغالىرىنىڭ نوپوز مەسىلىلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. بۇ ئىشلار ئۇنىڭ روھىدا چۇڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ كۆرگەن بىلگەنلىرى، دۆلەتنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن بىر ئىزىدا توختاپ قالغانلىقى ئۈستىدە تەپەككۈر يۈركۈزۈشكە ئۇندىدى.

    شۇ چاغلاردا پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان 4 ـ مۇرات دۆلەتنىڭ بۇ ۋەزىيەتتىن بالدۈرراق قۇتۇلۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. يېڭى ئۈمىد ۋە ئىزدىنىشلەرگە بېرىلگەن بۇ ئىككى ئىنسان قىسقىغىنە ۋاقىتا بىر ـ بىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئەمدىلىكتە كوچى بەي پادىشاھنىڭ ئەڭ يىقىن مەسلىھەتچىسى بولۇپ قالغان ئىدى. پادىشاھ دۆلەت مۇپتىلا بولغان بۇ ناچار ۋەزىيەت ھەققىدە ئۇنىڭدىن سوئال سورىدى ۋە كوچى بەينىڭ جاۋاپ بېرىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن كوچى بەي، چۇڭقۇر تارىخ بىلىمىنى ئىشقا سېلىپ، ۋەقەلەرنى تەپسىلى ھالدا ئوچۇق ئاشكارا، جەسۇر بىر شەكىلدە يېزىپ چىقتى. ئۇ ئۆز كىتابىدا تارىخ پايلاسوپىغا خاس كۆز قاراشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىمپېرىيەنىڭ ئارقىغا چېكىنىپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ قانۇنىي سۇلتاننىڭ دەۋرىدىن 4 ـ مۇراتنىڭ دەۋرىگىچە بولغان جەريانىنى يېزىپ چىقتى.  سىياسىي ۋە ئىجتىمائيى ئورگانلارنىڭ بۇزۇلۇشىنى ھەمدە بۇنىڭ تۈپ سەۋەپلىرىنى چۈشەندۈردى. كوچى بەي بۇ رىسالىسىنى 1632 ـ يىلى تاماملاپ 4 ـ مۇراتقا سۇندى. 4 ـ مۇراتقا ئوخشاش قوپال پادىشاھقا بۇ خىل تەنقىدىي قاراشلارنى ئاشكارا ئېيتىش ھەقىقەتەنمۇ جاسارەت تەلەپ قىلىدىغان ئىش ئىدى. بىراق كوچى بەي دەل ئەنە شۇنداق جاسارەتنى نامايەن قىلدى ۋە بۇنىڭدىن باشقا يەنە سۇلتان ئىبراھىم ئۈچۈنمۇ شۇنىڭدەك يەنە بىر رىسالە تەييارلاپ تەقدىم قىلدى.

    ****************************************************

     كوچى بەينىڭ يازما ئەسەرلىرى بىر قانچىلىغان غەرب تارىخشۇناسلىرى تەرىپىدىن ئۆز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى. كوچى بەينىڭ كېيىنكى چاغلاردا نەشىر قىلىنغان «كوچى بەي رىسالىسى» ئوقۇپ چېقىلىدىغان بولسا، ئىمپېرىيەنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئارقىدا قالغانلىقىنى ئوچۇق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. كوچى بەي ئۆز رىسالىسىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە بۇ نۇقتىنى مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ:

    «پادىشاھلار دىۋانى ھىمايۇن، (يەنى مىنىستىرلەر كېڭىشى)نى چاقىرمايدىغان بولۇپ قالدى. تەجرىبىسىز نۇرغۇن كىشىلەر تۇيۇخسىزلا ۋەزىرى ئەزەم (يەنى باش مىنىستىر) بولۇپ قېلىشتى. قائىدە ـ قانۇنلار بۇزۇلدى. يېڭى پادشاھلار ئۆزلىرىنىڭ تۇققانلىرىغا نۇرغۇنلىغان  باجلارنى تەيىن قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنى باي قىلدى. دۆلەتنىڭ مال ـ مۇلكى ئىسراپ قىلىندى. ۋەزىرلەر زىبۇ ـ زىننەت بىلەن بولۇپ كەتتى. خەلق بىر چەتكە تاشلاپ قويۇلدى»

    كوچى بەي ئىنتايىن چۇڭقۇر تەپەككۈر ۋە ناھايىتى چۈشۈنۈشلۈك تۈركچە بىلەن يېزىپ چىققان كىتابىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەنگە ئوخشاش، پادىشاھنىڭ سىر كىتابلىرىنى ۋە دۆلەت دەپتەرلىرىنى بىر ـ بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى. بۇ دەپتەرلەر دۆلەت غەزىنىسىگە، ئەسكەرلەرنىڭ سانىغا، دۆلەت خادىملىرىنىڭ مائىشىغا ۋە ئېلىنىۋاتقان باجغا ئائىت تىزىملىك دەپتەرلىرى ئىدى.

    كوچى بەي كىتابىدا بۇلاردىن باشقا يەنە، «يەنىچەرىلەر»نىڭ ۋە ساراينىڭ شۇنداقلا ئىلمىي ئورگانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە، پۈل تۈپەيلى قەدىمقىي ـ قائىدە ـ قانۇن، ئۆرپ ـ ئادەتلەرنىڭ قانداقلارچە بوزۇلغانلىقى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرىلىدۇ. كوچى بەي ئۆز كىتابىدا يەنە سۇلتان 4 ـ مۇراتقا خىتاب قىلغان ھالدا، «پادىشاھىم! بۇ يازغانلىرىمدىن خاپا بولۇپ قالمىسىلا، كېچىككىنە ئەقلىمنىڭ يېتىشىچە دۆلەتكە پايدىلىق بولۇشنى ئويلىدىم. ئەيىبلىنىشتىن قورقمىدىم. ئاللاھ سىزگە بۇ دۇنيانى ئىنتىزامغا سېلىشنى نىسىپ قىلسۇن» دەپ يازغان ئىدى.

    كوچى بەي ئىلىم ئەھلى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ:

    «ھەرقانداق بىر ئىلىم ئەھلى يولدىن ئۆتسە، كىشىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ ھۆرمەت كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ تەقى ـ تۇرقى ۋە كۆرىنىشى تەمكىن بولىدۇ. ئاددى ـ ساددە كىيىم بىلەن كوچىغا چىقىدۇ. ئۈستى ـ بېشىنى بېزەپ يۈرمەيدۇ. ئورۇنسىز ھالدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە كۆز تىكىپ يۈرمەيدۇ. ھەممىسى دېگۈدەك ئۆيلىرىدە ئىلمىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. سىرتقا پەقەت دەرسكە بېرىش ئۈچۈنلا چىقىدۇ. بىراق ھازىرقى چاغدا ئالىم بىلەن جاھىل ئوخشاش ھالغا كېلىپ قالدى. ئىلمىي مەرىتىۋىلەرگە تەيىنلىنىش ئارقىلىق ئىگە بولۇش توغرا ئەمەس، ئىلمىي مەرتىۋە كىم ئالىم بولسا شۇنىڭغا مەنسۇپ بولىشى لازىم» 

    *************************************************

    ئەزىزلەر17 ـ ئەسىردە بۇنداق بىر تۈرك مۇتەپەككۈرىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى تۈرك خەلقىگە نىسبەتەن ئىنتايىن خوشاللىنارلىق بىر ئىش بولغان ئىدى.

    دەرۋەقە، تارىخىي ۋەقەلەرنى ماتېرىياللارغا ئاساسەن يېزىپ چىققىلى بولىدۇ. بىراق ئەشۇ تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ سەۋەپلىرىنى كۆرۈپ يېتىش زامانىۋىي تارىخشناسلارغا خاس ئالاھىدىلىكتۇر. كوجا مۇستافا كوچى بەينىڭ  بۇنداق ئالاھىدىلىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە تالانت ـ ئىقتىدارىنىڭ ۋايىغا يەتكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. چۈنكى ئەينى چاغدا رىم ئىپېرىيەسىنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى مونتېسكېيۇغا ئوخشاش ئالىي پەيلاسۇپ يېزىپ چىقالىغان بولسا، ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ چۈشكۈنلىشىشكە باشلىشىنىڭ سەۋەپلىرىنىمۇ تۇنجى قېتىم كوچى بەي خۇددىي بىر تارىخ پەيلاسۇپىغا ئوخشاش ئىنچىكە تەتقىق قىلغان، ھەمدە ئەقلىي ھەل قىلىش يوللىرىنى كۆرسىتىپ، تۈركلەرنىڭ مونتېسكېيۇسىغا ئايلانغان ئىدى.

    «كوچى بەي رىسالىسى» تۇنجى قېتىم 1860 ـ يىلى تەنزىمات دەۋرىدە مەدەنىي ھاياتىمىزدا مۇھىم رول ئوينىغان دۆلەت ئەربابى ئەھمەت ۋەقىپ پاشا تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. كېيىنچە رۇسچە، نېمىسچە تەرجىمە قىلىنغاندىن سىرت، ۋېنگىرچە ۋە فرانسوزچە تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىندى. 

    ئەزىز قېرىنداشلار! 17 ـ ئەسىردىكى قىممەتلىك مۇتەپەككۈرلىرىمىزدىن بىرى بولغان كوچى بەينى بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.