ئاق شىكەر ھېق تۇتۇشنى توختىتىدۇ

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-24 16:20:04

خېنەنلىك تېۋىپ لۈي پېيۋەن يېقىندا مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق ئادەمدە ھېق تۇتۇش بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ھېق تۇتۇش سوغۇقنىڭ تەسىرى، تاماقنى تويۇنۇپ يېيىش ياكى تېز يېيىشىنىڭ ۋاقىتلىق نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن


    ئاق شىكەر ھېق تۇتۇشنى توختىتىدۇ

    خېنەنلىك تېۋىپ لۈي پېيۋەن يېقىندا مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق ئادەمدە ھېق تۇتۇش بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ھېق تۇتۇش سوغۇقنىڭ تەسىرى، تاماقنى تويۇنۇپ يېيىش ياكى تېز يېيىشىنىڭ ۋاقىتلىق نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن، بىراق ھېق تۇتۇش كېسەل ھېسابلانمايدۇ. كۆپ قىسىم ھېق تۇتۇش نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن توختايدۇ، ئەمما بەزىلەردە ھېق ئۆزلۈكىدىن توختىماي، ئەكسىچە ھېق تۇتۇش قېتىم سانى كۆپىيىپ، كۈندە دېگۈدەك ھېق تۇتىدۇ، ھەتتا نەچچە يىلغىچە داۋاملىشىدۇ».
    لۈي پېيۋەي يەنە مۇنداق دېدى: «جۇڭگو تېبابىتىدە ھېق تۇتۇش ئاشقازاندىكى يەلنىڭ يۇقىرىغا تەتۈر مېڭىشىدىن كېلىپ چىققان، دەپ قارىلىدۇ؛ ئاق شېكەر جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، ئاشقازاندىكى يەلنى تەڭشەيدۇ، شۇڭا ھېق تۇتۇپ قالغاندا بىر قوشۇق ئاق شېكەرنى تىلىنىڭ ئاستىغا بېسىۋالسا، ھېق تۇتۇش توختايدۇ».
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى 
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر شېكەر ھېق يەل