ئۈمىدسىزلىك - بىر خىل روھىي ھالەت

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-07 18:52:41

ئۈمىدسىزلىك - بىر خىل روھىي ھالەت ئادەمنىڭ ئۈمىدسىزلىنىدىغان چاغلىرى بولىدۇ. مەيلى ئۇ كاتتا ئەرباپ بولسۇن ياكى بىر گاداي بولسۇن ئۈمىدسىزلىك ھەممە ئادەمدە بولىدۇ. بەزى كىشىلەر بىرەر ئىشتىن ئۈ...

     

    ئۈمىدسىزلىك - بىر خىل روھىي ھالەت  

     

     

          ئادەمنىڭ ئۈمىدسىزلىنىدىغان چاغلىرى بولىدۇ. مەيلى ئۇ كاتتا ئەرباپ بولسۇن ياكى بىر گاداي بولسۇن ئۈمىدسىزلىك ھەممە ئادەمدە بولىدۇ. بەزى كىشىلەر بىرەر ئىشتىن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتسە، ئۇ ئىشتىن قول ئۈزىدۇ ياكى ئىككىنچىلەپ ئۇنداق كۆۋرۈكتىن ئۆتمەسلىككە قەسەم قىلىۋېتىدۇ. بەزى كىشىلەر بولسا ئۈمىدسىزلەنگەن تەقدىردىمۇ ئىشىنىڭ ئەسلى قانداق ئىكەنلىكىنى نېمە سەۋەپتىن ئۆزى ئويلىمىغان نەتىجىنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقى ئۈسىتىدە ئويلىنىپ كۆرىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر بولسا، ئۈمىدسىزلەنگەن ھامان ھەممىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنى ھەممە نەرسە بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ ئويلاپ چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا ئۆزىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن نەرسىدىن نەپرەتلىنىپ، تىللايدۇ، يامان كۆرىدۇ. دېمەك كىشىلەرنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشكە بولغان پوزىتسىيىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن ئوخشاش بولمىغان نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ.
          بىز ھازىر ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەم ھەل قىلغۇچ دەۋردە تۇرىۋاتىمىز. بىزنىڭ ياشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۈمىدسىزلىنىڭ ئامىللىرى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. بىر ئىشتىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىقىنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈلۈك مەغلۇبىيەت دەپ قارايدىغان، ئۆزىگە قايتا ئىشەنچ تۇرغۇزالمايدىغان دوسىتلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس. شۇڭا بىز ئۈمىدسىزلىككە قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر دەپ قارايمەن.
          ئۈمىدسىزلىك بولسا بىر خىل روھىي ھالەت. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاڭغا مەنسۇپ. ئۇنىڭ ئوبىكتېپ ئەمەلىيەتنى بەلگىلەش رولى بولمايدۇ. ئەمما ئەكس تەسىر كۆرسىتىش رولى بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدا بىر كىشىنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي بەربات قىلىۋەتكۈەك كۈچ يوق. ئەمما بۇ خىل ھالەت ئىچكى ئېنېرگىيە بىلەن بىرلىشىپ ئىنسان مەنىۋىيىتىنى قورشىۋالغاندا ئىنسانىيەتنى ۋەيران قىلغۇدەك ئېنېرگىيىنى توپلىيالايدۇ. شۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەت جەمئىيتىنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ شۇۋاقىتتىكى كۈچى ئىنتايىن زور بولىدۇ.
         ئۈمىدسىزلىك ۋاقىتلىقتۇر. دېمەك، ئۇنىڭ ۋاقتى تولىمۇ قىسقا بولىدۇ. داۋاملىق ئۈمىدسىزلىنىپ تۇرىدىغان ئادەملەر كۈنىگە نەچچە قېتىم ئۈمىدسىزلىنىۋەرگەچكە ئۆزىدىكى ئۈمىدسىزلىكنىڭ ۋاقتىنى ئۆزى ئۇزارتىۋەتكەن. مەسىلەن، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۈمىدسىزلىنىدىغان ۋاقتى بىر نەچچە مىنۇتتىن ئاشمايدۇ. سىز بىر ئىشتىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ، ئەتراپنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، ئىلمىي يەكۈن چىقىرىپ بولغانغا قەدەر سىزنىڭ ئىككلىنىش، زارلىنىش دەۋرىڭىز دەل ئۈمىدسىزلىنىشنىڭ ۋاقتى بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ خۇشال يۈرگەن ۋاقتىغا قارىغاندا بۇ ھېچنىمە ئەمەس. ئەمما بەزى كىشلەر ئۈمىدسىزلىكنى مەڭگۈلۈك قىلىۋالغان. خۇددى ئۇنى مەڭگۈ ئۆزىدىن ئاجرىمايدىغان نەرسىدەك ھېس قىلدۇ. ھەركۈنى ئۈمىدسىزلىك بىلەن تولغان ئىشلارنى ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىدىكى ئۈمىدسىزلىكنىڭ زامان جەھەتتىكى دەۋرىيلىكى بارغانچە ئۇزىراپ مەڭگۈلۈككە قاراپ داۋام قىلىدۇ. بۇنداق داۋام قىلىشمۇ پەقەت ئاڭدىلا يەنى ئادەمنىڭ مەنىۋىيىتىدىلا بولىدۇ. بۇنداق روھىي ھالەت داۋاملىشىۋەرسە ئادەمنى ۋەيران قىىلىدۇ.
          ئۈمىدىسزلىك بىر خىل پۇرسەت. بەلكىم بۇنداق دېيىشنى توغرا تاپماسسىز. ئەمما بىز ئۈمىدسىزلىكنىڭ بىزگە ئاتا قىلنغان بىر خىل ئېسىل پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى بىز ئۈمىدسىزلەنگەن ۋاقتىمىزدىلا ئۆزىمىزنىڭ مەلۇم ئىشىنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدىغانلىقىمىزنى ياكى مەلۇم كىشىلەر توپى تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنمايدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز. دەل مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزى بىزگە بېرىلگەن ناھايىتى قىممەتلىك پۇرسەتتۇر. سىز دەل مۇشۇ ۋاقىتتا كاللىڭىزنى ئىشقا سېلىپ، قانداق قىلمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ھازىرقىدەك ھالەتكە چۈشۈپ قالدىڭىز؟ ئەگەر سىز قانداق قىلغان بولسىڭىز نەتىجە سىز كۈتكەندەك چىقاتتى؟ دېگەن بۇ مەسىللەر ھەققدە كاللىڭىزنى سىلكىۋېتىپ، سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ باقسىڭىز، ۋە توغرا باسقۇچلار بىلەن ئالدىڭىزغا قاراپ ماڭسىڭىز جەزمەن بىر نەتىجىگە ئېرىشىسىز. بولۇپمۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى توختىتىۋېلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى، ئەستايىدىل تەھلىل قىلسىڭىز، جەزمەن توغرا يەكۈنگە ئېرىشەلەيسىز. ئەگەر توغرا يەكۈنگە ئېرىشەلمىسىڭىز، يەنە شۇ نەتىجىگە ئائىت ئامىللارنىڭ بىرەسىنى، بولۇپمۇ مۇھىمىنى تەھلىل قىلىشنى ئۇنتۇغان بولىسىز. دېمەك، سىزنىڭ بۇ جەريانىڭىز پەلسەپىدە ئايرىمىلقتىن پۈتۈنلۈككە ئۆتۈش دەپ قارىلىدۇ. مۇشۇنداق قىلىسڭىز سىز بۇ پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىزنى تامامەن كونترول قىلالايدىغان مەنىۋىي كۈچكە ئىگە بولىسىز.
          ئۈمىدسىزلىك بىر خىل نەتىجە. كىشىلىك تۇرمۇشتا بىزنىڭ ئاتا- ئانىمىز، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ۋە دوست - بۇرادەرلىرىمىزنىڭ قىزىقىدىغىنى پەقەت بىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان نەتىجىدۇر . جەريانىغا بولسا، ئۇلار ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ئۈمىدسىزلىكمۇ بىرخىل نەتىجە.  ئەمما بۇ باشقىلارنى نەپرەتلەندۈرۈپ قويىدىغان نەتىجە. ئۇنداقتا، سىز ئۈمىدسىزلەنگەن ئىكەنسىز جەزمەن بىرخىل نەتىجىگە ئېرىشكەن بولسىز. بۇ نەتىجىنى قانداق قىلىپ ئۆزگەرتىش بۇنىڭدىكى مۇھىم مەسىلىدۇر. شۇڭا گەۋدىڭىزنىڭ ئۈستىدىكى كاللىڭىزنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر سىز ئاشۇ مەركىزىي ئورگاننىڭ رولىدىن توغرا پايدىلىنالىسىڭىز، سىز بۇخىل نەتىجىنى تامامەن ئۆزىڭىزنىڭ تەقدىرىگە شەرەپ كەلتۈرەلەيدىغان نەتىجىگە ئۆزگەرتەلەيسىز.
         دېمەك، ئۈمىدسزلىك بىر خىل روھىي ھالەتتۇر. ئۇ ئوبىكتېپ ئامىلىمىزنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. ئۇ ۋاقىتلىقتۇر، ئۇبىزگە مەڭگۈلۈك يېپىشىۋالالمايدۇ. ئۇ بىرخىل پۇرسەتتۇر، سىزنىڭ چىڭ تۇتۇپ پايدىلىنىشىڭىزغا مۇھتاج. ئۇ بىر خىل نەتىجىدۇر، ئەگەر بۇ نەتىجىنى ياخشى تەھلىل قىلسىڭىز، سىزنى خۇشاللاندۇرىغان نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ.

     

                     ئۇيغۇر تېكىن بلوگىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.