ئىىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى ۋە «77دۆلەت گ

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-19 10:22:00

20- ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن 60- يىللىرىنىڭ بېشىغىچە ، يېڭىدىن گۈللەنگەن نۇرغۇن مىللى مۇستەقىل دۆلەتلەر ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تالاش - تارتىشىغا ئارىلىشىپ قېلىشىنى خالىماي ...

    20- ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن 60- يىللىرىنىڭ بېشىغىچە ، يېڭىدىن گۈللەنگەن نۇرغۇن مىللى مۇستەقىل دۆلەتلەر ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تالاش - تارتىشىغا ئارىلىشىپ قېلىشىنى خالىماي ، ئىككى قۇتۇپلۇق خەلقئارا ۋەزىيەتتە بىتەرەپلىكىنى ساقلاشقا ئۇرۇنۇپ ، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك دىپلوماتىيە سىياستىنى يولغا قويدى . 1961- يىلى ، يوگۇسلاۋىيە رەھبىرى تىتو ، ھىندىستان رەھبىرى نېھرو، مىسىر رەھبىرى ناسىرلارنىڭ تەشەببۇسى ۋە تۈرتكىسىدە ، ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر ياكى ھۆكۈمەتلەر باشلىقلىرىنىڭ تۇنجى يىغىنى چاقىرىلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى رەسمى ۋۇجۇدقا كەلدى . نۆۋەتتە ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىگە ئەزا دۆلەتلەر 100 دىن ئېشىپ ، تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم خەلقئارالىق تەشكىلاتى بولۇپ قالدى .

    20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە، ئاسىيا، ئافىرىقا ، لاتىن ئامېرىكىسدىكى دۆلەتلەرنىڭ كەڭ تۈردە قاتنىشىشى ۋە تۈرتكىسىدە ، « 77 دۆلەت گورھى » قۇرۇلدى . بۇ گورۇھنىڭ شەكىللىنىشى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىقتسادىي ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. بۇ گورۇھ تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سىياسى ۋە ئىقتسادى مەنپەئىتى ئۈچۈن ، خەلقئارالىق سىياسى ۋە ئىقتسادىي يېڭى تەرتىپ ئورنىتىش مەقسىتىدە ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم جاپالىق كۈرەش قىلدى .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق