ھەرقايسى مەدەنىيەتلەرنى ئۇچراشتۇرغان شەھەر: ئىستانبۇل

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-08 00:00:00

ھەرقايسى مەدەنىيەتلەرنى ئۇچراشتۇرغان شەھەر: ئىستانبۇل بۇرۇندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە قانچىلىغان ئەدەبىياتشۇناس ئالىملارغا، رەسساملارغا ئىلھام مەنبەسى بولغان، قانچىلىغان شېئىرلەر يېزىلىپ، ناخش...

    ھەرقايسى مەدەنىيەتلەرنى ئۇچراشتۇرغان شەھەر: ئىستانبۇل

     

       بۇرۇندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە قانچىلىغان ئەدەبىياتشۇناس ئالىملارغا، رەسساملارغا ئىلھام مەنبەسى بولغان، قانچىلىغان شېئىرلەر يېزىلىپ، ناخشىلار ئوقۇلغان، تەبىئىي ۋە تارىخىي بايلىقلىرى بىلەن دۇنياغا داڭلىق مىسلىسىز شەھەرلەرىدىن بىرى ئىستانبۇلدۇر. بولۇپمۇ جۇغراپىيىلىك ئەھمىيىتى تۈپەيلى دۇنيادا تەڭدىشى بولمىغان ئىستانبۇل، بىر قىسمى ئاسىياغا، يەنە بىر قىسمى بولسا ياۋروپاغا جايلاشقان قىتئەلەر ئارا بىر شەھەردۇر

     . قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ھەممىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىپ كېلىۋاتقان، ئىستانبۇل ۋە يېقىن ئەتراپىغا يەرلەشكەن تۇنجى ئىنسانلارغا ئائىت ئىزلار، مىلادىدىن بۇرۇنقى 6500 – يىللارغا قەدەر سوزۇلىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000 – يىللاردا بولسا ئىستانبۇلدا ئىنسانلار ناھايىتى زىچ ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان. بىراق ھازىرقى ئىستالبۇلنىڭ ئۇل تاشلىرى مىلادىدىن كېيىنكى 7 – ئەسىردە بىزانتىئونلا سېلىنغان. مىلادىدىن كېيىنكى 4 – ئەسىردە بولسا روما ئىمپېراتورى 1 – كونستانتىن تەرىپىدىن قايتىدىن قۇرۇلۇپ، پايتەخت قىلىپ بېكىتىلگەن. ئىستانبۇل، شۇندىن تارتىپ تەخمىنەن 16 ئەسىر مابەينىدە ئۇدا روما، بىزانس ۋە ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقلىرىدىن ئىبارەت 3 چوڭ ئىمپېراتورلۇقنىڭ پايتەختى بولغان. تارىختىن بۇيان ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر بىرلىكتە ياشاپ كەلگەن ئىستانبۇل، قانچە ئەسىرلەر مابەينىدە خرىستىئان دىنى، يەھۇدى دىنىي ۋە ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت 3 چوڭ ساماۋىي دىننىڭ ئۇچراشقان شەھرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئوخشىمىغان دىن، ئوخشىمىغان تىل ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىشتەك مانا بۇ ئالاھىدىلىك ئىستانبۇلنى باشقا شەھەرلەردىن ئالاھىدە پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. «بىرلىكتە ياشاش مەدەنىيىتى» بىلەن يوغۇرۇلغان، بىر – بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن سەنئەت خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ئەسەرلەر ۋە كۆركەم تارىخىي – مەدەنىي يادىكارلىقلارغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان ئىستانبۇلنىڭ تەبىئىي گۈزىللىكىمۇ، ئىستانبۇلنى ئىستانبۇل قىلغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. فرانسىيىيىلىك ئاتاغلىق يازغۇچى ۋە دۆلەت ئەربابى ئالھونسې دې لامارتىنې (1790 – 1989 – يىللار)، ئىستانبۇلنى مۇنداق تەرىپلەيدۇ: «دۇنياغا پەقەت بىر قېتىملا نەزەر تاشلاشتىن باشقا ئىمكانىيىتىڭ بولمىسا، ئۇنداقتا ئىستانبۇلغا نەزەر تاشلىغىن. ئۇ يەردە تەڭرى بىلەن ئىنسان، تەبىئەت بىلەن سەنئەت بىرلىكتە شۇنداق مۇكەممەل بىر جاينى بەرپا قىلغانكى، ئۇنداق گۈزەل شەھەرنى باشقا جايلاردا ئۇچرىتىشىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس».

      ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، 14 مىليۇنغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە ئىستانبۇل، قاينام - تاشقىنلىق، دىنامىكىلىق ۋە جەزبىدارلىق بىر شەھەردۇر. ئىستراتېگىيىلىك ئورنى، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يوللىرىنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان بىر ئاچال بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ، تۈركىيىدە ئىقتىساد ۋە سودا - سانائەتنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان بۇ شەھەر، ئەينى ۋاقىتتا تارىخىي – مەدەنىي يادىكارلىقلىرى، كۇتۇبخانىلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلىرى، مۇزېيلىرى، كونسېرت زاللىرى، تىياتىرلىرى، يەرمەنكە ساھەلىرى ۋە سەنئەت كۆرگەزمىخانىلىرى ئارقىلىقمۇ مەدەنىيەت – سەنئەتلەرنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. ئىستانبۇل، «سۇ بىلەن بىرلىشىپ، سۇ بىلەن ئايرىلىدىغان» ئىككى قىتئەگە سوزۇلغان جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكى، ساياھەت مەۋجۇدىيەتلىرى، مىسلىسىز مەدەنىي مىراسلىرى، قانچە مىڭ يىللىق شەھەر تەجرىبىلىرى بىلەن 2006 – يىلى 13 – نويابىر كۈنى «2010 – يىللىق ياۋروپا مەدەنىيەت پايتەختى» ئېلان قىلىندى. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارى ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئىستانبۇلدىن سىرت يەنە، ماجارىستاننىڭ پېجس ۋە گېرمانىيىنىڭ ئېسسېن شەھەرلىرىمۇ «2010 – يىللىق ياۋروپا مەدەنىيەت پايتەختى» ئېلان قىلىندى. ياۋروپا مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ بېىتقان، ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايەن قىلىدىغان شەھەرلەرگە بېرىلىدىغان بۇ ئۇنۋانغا، تۇنجى قېتىم 1985 – يىلى يۇنانىستاننىڭ پايتەختى ئاتىنا ئېرىشكەنىدى. ئىستانبۇلنىڭ «2010 – يىللىق ياۋروپا مەدەنىيەت پايتەختى» بولۇشى بىلەن، ياۋروپا ئىستانبۇلدا ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ ئىزلىرىنى كەشىپ قىلسا، دۇنيا جامائەتچىلىكى بارغانسىرى گۈزەللىشىپ، كۈندىن – كۈنگە ھەممىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋاتقان جەزبىدارلىق، ھەمدە دۇنيانىڭ مەدەنىيەت – سەنئەت، مودا ۋە يەرمەنكە مەركىزىگە ئايلىنىۋاتقان بۇ شەھەرنى تېخىمۇ يېقىندىن تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۆزىنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ۋە ئىلكىدىكى پۈتكۈل مەنىۋىي بايلىقلارنى بارلىق مەدەنىيەت – سەنئەتخۇمارلارغا كەڭ ئېچىۋەتكەن ئىستانبۇل، 2010 – يىلى خەلقئارا سەۋىيىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ناھايىتى كۆپ مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلىدۇ. شۇ مەقسەتتە، ئىستانبۇلنىڭ كېلەچىكىگە مۇھىم تۆھپە قوشىدىغان، شەھەرنىڭ تارىخىي مىراسلىرى ۋە مەدەنىي بايلىقلىرىنى كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزىدىغان، ئىستانبۇللۇقلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى مەدەنىيەت – سەنئەت مەركىزىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆستۈرىدىغان پىلان – لايىھىلەر تۈزۈپ چىقىلدى. مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىشىدا «مۇكەممەل ماسلىق» قېلىپىنى كەشىپ قىلىپ، سانسىزلىغان مەدەنىيەتلەرنى باغرىغا باسقان ۋە ھازىرمۇ مىسلىسىز ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۋاتقان ئىستانبۇلدا، ھەرقايسى مەدەنىيەت – سەنئەتلەرنى بىرلەشتۈرگۈچىلىك كۈچى، ھەمدە توپراق، ھاۋا، سۇ ۋە ئوتتىن ئىبارەت 4 ئېلېمېنتنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكى نامايەن قىلىنىدىغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت سەھنىسدىكى ئورنىنى كۆرسەتكۈسى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئىستانبول