ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 13

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-23 12:05:34

ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر(نائىما ۋە 28 ـ چەلەبى مەھمەت) ئەزىز قېرىنداشلار! نائىما تۈرك تارىخشۇناسلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۇ يېزىش ماھارىتى، ئۇسلۇبى ۋە تەسىۋى...



     

    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر

    (نائىما  ۋە 28 ـ چەلەبى مەھمەت)

        ئەزىز قېرىنداشلار! نائىما تۈرك تارىخشۇناسلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۇ يېزىش ماھارىتى، ئۇسلۇبى ۋە تەسىۋىرلەش سەنئىتى جەھەتتىن باشقا تارىخشۇناسلارغا سېلىشتۇرغاندا پەۋقۇلئاددە ئۆزگىچىلىككە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەقلىنىڭ ئۆتكۈرلىكى ۋە بىلىمىنىڭ چۇڭقۇرلۇقى بىلەن قىسغىنە ۋاقىت ئىچىدە نام چىقىرىپ، سارايدا تېگىشلىك ھۆرمەت ـ ئېھتىرامغا ئىگە بولغان ئىدى. نائىما قانۇنى سولتان سۇلايماننىڭ دەۋرىدە ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى سىنىپىغا كىرىپ، خىلمۇ خىل دۆلەت خىزمىتىدە بولغاندىن كېيىن، دىۋانى ھىمايون (مىنىستىرلەر كابېنتى)نىڭ كاتىپلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدغان ھەمدە ئۇنىڭغا ساراي قائىدىسىگە بىنائەن «نائىما» دېگەن نام بېرىلگەن ئىدى. 

       ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى مۇستاپا نائىم بولۇپ، 1655 ـ يىلى ھەلەپتە دۇنياغا كەلگەن ئىدى. ئۇ سارايدا كېيىنچە باش ۋەزىر بولغان نەۋشەھىرلىك ئىبراھىم ئەپەندى بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. نائىما تارىخقا ئىنتايىن قىزىقىدىغان بولغاچقا ئىبراھىم ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە قەدىمقىي پادىشاھلارنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى بىر ـ بىرلەپ ئوقۇپ چىقتى. فاتىھ سۇلتان مەھمەتتىن ياۋۇز سەلىم ۋە قانۇنى سۇلتان سۇلايمانغىچە بولغان ھەشەمەتلىك پارلاق دەۋلەر ئۇنىڭ روھىدا چۇڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغان ئىدى.

       ئۇ مەملىكەتنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان چاغدىكى  ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئىچىناتتى. چۈنكى مەملىكەتنىڭ ھۇلى تەۋرىمەكتە ئىدى. نائىمانىڭ كۆرگەن بىلگەنلىرى ئۇنى روھىي جەھەتتىن قاتتىق ئازابلايتتى. ئۇ سارايدىن ئايرىلىپ،  دىۋان كاتىپلىقىنى باشلىغان يىللاردىمۇ ئىلمىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى ۋە بەرگەن ئۇرۇنلۇق ھۆكۈملىرى دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. باش ۋەزىر ھۇسەين پاشا نائىمانى 1700 ـ يىلى ساراينىڭ «ۋاقا نەۋىسى» (يەنى تارىخچىسى) قىلىپ تەيىنلىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ نائىما، تارىخقا ئالاھىدە قىزىقىدىغان ھۇسەين پاشانىڭ 1574 ـ يىلىدىن 1655 ـ يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخىي ماتېرياللىرىنى مەنبە قىلغان ئاساستا توختىماي تارىخ يېزىشقا باشلىدى. نائىما يازغان تارىخنىڭ بىرىنچى تومىنى كۆرۈپ ئىنتايىن مەمنۇن بولغان باش ۋەزىر ھۇسەين پاشا،  نائىمانى مۇكاپاتلاپ، يېڭى ئىلمىي خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا يارىدەمچى بولدى. نائىما ھۆججەت توپلاش، مەنبەلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، بىۋاشتە كۆزدىن كەچۈرۈش، ۋەقەلەر ھەققىدە شاھىتلاردىن مەلۇمات ئىگىلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ، ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلدى. 3 ـ پادىشاھ ئەھمەتنىڭ دەۋرىدىمۇ ئۇنىڭغا ياخشى شارائىتل ھازىرلاپ بېرىلدى. نائىمانىڭ تارىخى ئەسىرىنىڭ ئىككىنچى تومىنىڭ يېزىلىشى دەل مۇشۇ دەۋردە باشلانغان ئىدى. بۇ جەرياندا مەرتىۋىسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئېسىل شارائىتلار يارىتىپ بېرىلىشكە باشلىدى. ئوردا مۇھاپىزەتچىسى مەھمەت پاشا باش ۋەزىر بولغاندىن كېيىن 1711 ـ يىلى رۇسلارغا قارشى ئۇرۇش باشلاندى. نائىما «پىرۇت يۈرىشى»نى رەت بۇيىچە نەخ مەيداندا كۆرۈشكە سازاۋرە بولغان ئىدى. مورا يۈرىشىگە قاتناشقاندىن كېيىن ھېساباتچى بولۇپ ھىزمەت ئىشلەشكە باشلىدى. نائىما 1716 ـ يىلى مۇرانىڭ پاتراس يېزىسىدا ئۆلەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ قالدۇرغان تارىخىي ئەسىرى 6 توم بولۇپ، بۇ ئەسەر 1591 ـ يىلىدىن 1659 ـ يىلىغىچە بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئەسەر تۇنجى قېتىم ئىبراھىم مۇتەفەررىقە تەرىپىدىن نەشىر قىلدۈرۈلدى.

    ************************************************

        نائىما ئەسىرىدىكى شىئېرى پۇراق، ئۇسلۇب ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئوسمان ئىمپېرىيەسى تارىخشۇناشلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي بايان ئۇسلۇبلىرىدىن پەرقلىق بىر تارىخ يازغۇچىلىقىنىڭ باشلامچىسى بولغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ كىتابى  17 ـ ئەسىردىكى ئەسمان ئىمپىرىيەسى خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي تۈرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۇرۈپ بەرگەن ئەڭ مۇھىم مەنبە ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆز كىتابىدا ۋەزىر ـ ۋۇزرالار، ئالىملار ۋە شەيخلەرنىڭ ھاياتلىق ھېكايىلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەينى چاغدىكى ۋەقەلەرنى، چۇڭ ئۇرۇش ۋە ئىسيانلارنى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى ۋە دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ مىجەز ـ خاراكتېرلىرىنىمۇ ئىنتايىن يۈرەكلىك ھالدا ئەمەلىيەتپەرۋەرلىك بىلەن ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. نائىمانىڭ قارىشىچە، ھەرقانداق قېيىن مەسىلە تارىخ ئارقىلىق ھەل بولاتتى. تارىخ پۈتۈن بىلەملەردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى. دەل مۇشۇ ۋەجىدىن ئۇ پۈتۈن ئۆمرى بويىچە تارىخشۇناسلىقنىڭ قائىدىلىرىگە تۇلۇق رىئايە قىلغان ئىدى.

        ئۇنىڭ قارىشىچە، تارىخنى يازىدىغان كىشىدە نۇرغۇنلىغان ئالاھىدىلىكلەر تېپىلىشى لازىم ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئۈچ ئاساسىي پىرىنسىپ بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى ۋەقەلەرنى توغرا ئېلىش، ھىكايە ۋە رىۋايەتلەرگە ئىشەنمەسلىك ئىدى. شۇڭا تارىخشۇناس خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن سۆز ـ چۆچەكلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماستىن، ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلىيەلىشى كېرەك ئىدى.

        ئىككىنچىدىن، كۈندىلىك ۋەقەلەرنى يېزىشتا باشقىلاردىن نەقىل قىلىش ۋە تەسۋىرلەپ بېرىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەسلىك ھەمدە تارىختىن ساۋاق چىقىرىش شەكلى بىلەن (يەنى يەكۈنلەش) بىلەن مەنپەئەتلىك قاراشلارنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالىشى لازىم ئىدى.

       ئۇچىنچىدىن، تارىخنى يازىدىغان كىشى ئىنساپ، ئادالەتلىك بولۇشى ۋە ئاغرىنىشلارنى بېزەك ھېكايىلەر بىلەن چۈشەندۈرمەسلىكى، يەنى تەڭپۇقلۇقنى مەھكەم ساقلىشى لازىم ئىدى. قىسقارتىپ ئېيتقاندا تارىخشۇناس ۋەقەلەرگە ئوبېكتىپ شەكىلدە باھا بېرىشى لازىم ئىدى.

    *******************************************

        نائىما كىتابىنى يازىدىغان چاغدا مۇيسىپىت شاھىدلاردىن باشقا يەنە ھەر قايسى تارىخشۇناسلارنىڭ ئەسەرلىرىدىنمۇ پايدىلانغان ئىدى. بولۇپمۇ ئىبنى خەلدۇننىڭ تارىخ پەلەسپىسىدىن چۇڭقۇر تەسىرلەنگەن ئىدى. نائىما دۆلەتنىڭمۇ ئىنسانغا ئوخشايدىغانلىقىنى، 5 خىل باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن يېقىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوسمان ئىمپېرىيەسى تارىخىغىمۇ مۇشۇ قاراشنى چۆرىدىگەن ھالدا باھا بەرگەن ئىدى.

        نائىمانىڭ ئەدىرنە ۋەقەسىنى ئەكس ئەتتۇرۈپ بەرگەن «كېچىك خىتاب» ناملىق بىر رىسالىسى بار بولۇپ، بۇ رىسالە ئىبراھىم مۇتەفەررىقە تەرىپىدىن 1734 ـ يىلى نەشىر قىلىنغان «نائىما تارىخى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاخىرقى قىسمىغا قوشۇمچە قىلىنغان ئىدى.

        ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! تۈرك مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ ئىلغار شەخسلىرىدىن بىرى بولغان نائىمانى بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز. تۆۋەندە سىلەرگە قىلغان خىزمەتلىرى ۋە ئىلغار قاراشلىرى بىلەن ئوسمان ئىمپېرىيەسى خەلقىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئۈنۈملۈك تۆھپىلەرنى قوشقان 28 ـ چەلەبى مەھمەتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمىز.

    ************************************************** 

        ئەزىزقېرىنداشلار! تۈركلەر 18 ـ ئەسىردە غەرب مەدەنىيتىگە تۇنجى قېتىم پەنجىرىلىرىنى ئاچتى. بۇ دەۋردە تۈركلەر شەرق مەدەنىيىتىنىڭ چېگرالىرىنى ھالقىپ، غەرب دۇنياسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. دەۋر پادىشاھى 1 ـ ئەھمەت بىلەن  ۋەزىرى ئەزەم نەۋشەھىرلىك ئىبراھىم پاشا، تىنچلىقپەرەۋەر، يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن دۆلەتتە يېڭى تەرتىپ ئورنۇتۇش ۋە يېڭى ئىلغار پىكىرلەر بىلەن دۆلەتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلاتتى. باش ۋەزىر دامات ئىبراھىم پاشا ئاۋۇستىرالىيە بىلەن «پاسارافچا كېلىشىمى»نى ئىمزالاشقاندىن كېيىن، دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭىلىنىشى ئۈچۈن خىزمەتكە تەيىلەندى. ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن ياۋروپا ئەلچىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرماقتا ئىدى. دەل مانا بۇ خىل قاراشلارنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى سۈپىتىدە  28 ـ مەھمەت چەلەبى 1720 ـ يىلى تۇنجى قېتىم دۆلىتىمىزنىڭ دائىمىي ئەلچىسى سۈپىتى بىلەن پارىژغا ئەۋەتىلدى. 28 ـ مەھمەت چەلەبى فىرانسىيە بىلەن ئوسمان ئىمپېرىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسۋەتلەرنى ياخشىلاش، فارانسىيە مەدەنىيىتى ۋە ئارتۇقچىلىقىلىرى جەھەتتە تۈركىيەگە پايدىلىق مەلۇماتلانى ئىگىلەش، ھەمدە شۇ دەۋرلەردىكى ياۋروپانىڭ ئەڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان فىرانسىيەدىن ۋەتىمىزدە ئومۇمۇلاشتۇرۇشقا بولىدىغان يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىش... قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەش مۇناسىۋىتى بىلەن قىرانىسىيەدە تەخمىنەن بىر يىل تۇرۇپ قالدى. ئۇ كۆرگەن ـ بىلگەنلىرىنى «سافارەتنامە» ناملىق كىتابىدا ئىنتايىن جانلىق بىر ئۇسلۇبتا ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەردى. مەھمەت چەلەبى فىرانسىيە پادىشاھى 15 ـ لۇئىنىڭ ياشلىق دەۋرىگە توغرا كەلگەن ساياھىتىدە، ئەينى چاغدىكى پارىژنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ئوخشاش بولمىغان ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئەتراپلىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن ھالدا يېزىپ چىققان ۋە بۇ ئارقىلىق ياۋروپا خەلقىنىڭ ھەقىقىي خاراكتېرى ھەققىدە بىزگە تۇنجى قېتىم تۇلۇق مەلۇمات بەرگەن تۈرك يازغۇچىمىزغا ئايلانغان ئىدى.

       28ـ چەلەبى مەھمەت قائىدە ـ يوسۇنلۇق مۇئامىلىسى، رەتلىك كىيىنىشى، ئۈستۈن بىلىم ـ سەۋىيەسى ۋە ئىلغار چۈشەنچىسى  بىلەن فىرانسىيەلىكلەردىمۇ چۇڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇردى. ئىلىم ئەھلى، پەن ـ تېخنىكا ساھەسىدىن تارتىپ، ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى ۋە ساراي ئەھلىگىچە بولغان جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەبىقىلىرى ئارىسىدا كەڭ دائىرىلىك ئالاقە ـ مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى.

    ****************************************** 

        28ـ مەھمەت جەلىبىنىڭ ئەدىرنە ئەتراپىدا تۇفۇلغانلىقى مەلۇم. مەھمەت جەلىبىي ياش ۋاقىتىدا بالىلارنى مەخسۇس تەرىبىيلەش مەكتىپى «يىنىچەرى»دە ئوقۇغان ۋە ئۇزۇن زامانغىچە 28 ـ ئۇتتۇرا مەكتەپتە خىزمەت قىلغان ئىدى. كېيىنكى چاغدا بۇ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىسمى ئۇنىڭ لەقىمىگە ئايلىنىپ قىلىپ، كىشلەر ئۇنى «28 ـ مەھمەت چەلەبىي» دەپ چاقىرىدىغان بولغان ئىدى. ئۇ ئەسكەرلىكتىن ئايرىغلاندىن كېيىن، ھەرخىل ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن بىر دۆلەت ئەربابىغا ئايلاندى. ئۇ باش ھېساباتچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان پەيتتە فىرانسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر تەرەققىي قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، فىرانسىيەگە تۇنجى دائىمىي ئەلچى سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن ئىدى.

        ئۇ بىر تۈرك زىيالىيىسى، مۇھىم دۆلەت ئەربابىي بولۇش سۈپىتى بىلەن مەدەنىيەت تارىخىمىزدا ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك  ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ «سەفارەتنامە» ناملىق ئەسرى تۇنجى قېتىم 1841 ـ يىلى پارىژدا،  1867 ـ يىلى تۈركىيە دە نەشىر قىلىندى. مەھمەت چەلىبى پارىژدىن قايتقاندىن كېيىن، ھەرخىل ئالىي خىزمەتلەردە بولدى. ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن مەلۇم بىر سىياسىي ۋەزىپە بىلەن مىسىرغا ئەۋەتىلدى. مەھمەت چەلەبى  1732 ـ يىلى قىبرىس (سىپرۇس)نىڭ لوفكوشا شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ ئۇنىڭ قەبرىسى ھازىرمۇ لەفكوشادا مەۋجۇت.

       ئوسمان ئىمپېرىيەسى تۈركلىرىنىڭ غەرب مەدەنىيىتى بىلەن تۇنۇشۇشىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان بۇ كاتتا دۆلەت ئەربابىمىزنى، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا نام چىقارغان ئۇلۇغ تۈرك بۇزرىكۋارلىرىمىزنىڭ بىرى سۈپىتىدە ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.