قەدىمكى مىسىرنىڭ قۇياش(شەمسىيە) كالېندارى

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-28 15:53:00

مىسىرنىڭ قۇياش كالېندارى 6000 يىل بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەن . ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى نىل دەرياسى سۈيىنىڭ تېشىش ۋە تارتىلىش مەزگىلىنى ھېسابلاش ئېھتىياجى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . مىسرلىقلار تېرىقچىلى...

       مىسىرنىڭ قۇياش كالېندارى 6000 يىل بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەن . ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى نىل دەرياسى سۈيىنىڭ تېشىش ۋە تارتىلىش مەزگىلىنى ھېسابلاش ئېھتىياجى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . مىسرلىقلار تېرىقچىلىق مەزگىلىگە تەسىر يەتكۈزمەي ، يېزا ئىگىلىكنى راۋاجانلاندۇرۇش ئۈچۈن ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيتى جەريانىدا نىل دەرياسى سۈيىنىڭ تېشىپ كېتىش قانۇنىيتىنى تەدىرىجى ئىگىلىگەن . ئۇلار ئىككى قېتىملىق تاشقىن ئارىلىقىنىڭ 365 كۈن بولدىغانلىقىنى بايقىغان . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، يەنە ھەر يىلى -6 ئاينىڭ -17 ياكى -18 كۈنى سەھەردە نىل دەرياسىنىڭ كۆكىرىشكە باشلايدىغانلىقىنى ، بۇنىڭ نىل دەرياسىدا پات ئارىدا تاشقىن بولدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى ، نىل دەرياسىنىڭ كەلكۈن بېشى ھازىرقى قاھىرەنىڭ ئەتراپىغا كەلگەندە ، سىرىئوس (ئاسمان بۆرىسى يۇلتۇزى ) بىلەن قۇياشنىڭ ئۇپۇق سىزىقىنىڭ تەڭ كۆتۈرۈلدىغانلىقىنى بايقىغان ، مىسىرلىقلار سىرىئوس بىلەن قۇياشنىڭ ئۇپۇق سىزىقىدىن تەڭ كۆتۈرۈلۈشىنى يىلنىڭ باشلىنىشى ، ئىككى قېتىملىق تاشقىن ئارىلىقىنى بىر يىل دەپ بىلگەن . مۇشۇلارنىڭ ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ، بىر يىلنى تاشقىن مەۋسۈمى (-10-7 ئايلار) ، تېرىقچىلىق مەۋسۈمى ،( 2-11-ئايلار ) يىغىم مەۋسۈمى (،-3 -6 ئايلار )غا ئايرىپ ، ئاسترونومىيە، كالېنىدار بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىنى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرگەن . مسىرلىقلار يەنە بىر يىلنى 365 كۈن قىلىپ بېكىتپ ، 12 ئايغا بۆلگەن ، ھەر ئاينى 30 كۈن قىلغان ، يىل ئاخىرىغا بەش كۈن قوشۇپ بايرام قىلغان . بۇ ، دۇنيادىكى ئەڭ بالدۇرقى قۇياش كالېندارىدۇر. بۇ كالېنداردا ھەر تۆت يىلدا بىر كۈن پەرق كۆرۈلسىمۇ ، لېكىن ئۇنى ئىشلىتىش ناھايتى قۇلايلىق ئىدى ، كېيىن مىسىرنىڭ قۇياش كالېندارى ياۋروپاغا تارقالغان ، رىم ئىمپېراتورى كائېسار ۋە رىم پاپاسى گرېگورى13 نىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئارقىلىق ھازىر ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان مىلادىيە كالېندارىغا ئايلانغان .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق