شىنجاڭنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى نوپۇس سىتاستىكىسى

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-30 03:06:21

شىنجاڭنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى نوپۇس سىتاستىكىسى 1949 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن4 مىلىيون 333مىڭ 400 بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 4 مىلىيون 42 مىڭ 400 بولۇپ ، ئومۇم...

    شىنجاڭنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى نوپۇس سىتاستىكىسى

     

         1949   - يىلى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن4 مىلىيون 333مىڭ 400 بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 4 مىلىيون 42 مىڭ 400 بولۇپ ، ئومۇمىي نوپۇسنڭ 93.3% تىنى ، خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى 291 مىڭ بولۇپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ تەخمىنەن 6.07 % تىنى ئىگەللەيتتى. 1953-يىلى بىرىنچى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە، ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ نوپۇسى 4 مىلىيون 783 مىڭ 600 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سانى 4 مىلىيون 451 مىڭ 500 گە ، خەنزۇلارنىڭ 3 يۈزمىڭ 321 مىڭغا يەتكەن. بۇ 4 يىل ئىچىدە خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان بولۇپ تەخمىنەن 300 مىڭ نوپۇس ئاشقان.
    1964- يىلى 2- قىتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە، ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ نوپۇسى 7 مىلىيون 270 مىڭ 100 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ 4 مىلىيون 948 مىڭ 900 بولۇپ، 2 مىلىيون 321 مىڭ 200 بولغان.
    1982 -يىلى 3 - قىتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە، ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ نوپۇسى 13 مىلىيون 81 مىڭ 500گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ 7 مىلىيون 797مىڭ 500 ، خەنزۇلارنىڭ 5 مىلىيون 284 مىڭ بولغان.
    1990 - يىلى 4- قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە، ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 15 مىلىيون 156 مىڭ 900گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ 9 مىلىيون 461 مىڭ 500 ، خەنزۇلارنىڭ 5 مىلىيون 695 مىڭ 400 گە يەتكەن.
    2000- يىلى 5 - قىتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە ، ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ نوپۇسى 18 مىلىيون 459 مىڭ 500 ( بۇ دائىمى تورۇشلۇ ئورنى ئىنىق بولمىغان790 مىڭ نوپۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.) گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەتلەرنڭ نوپۇسى 10 مىلىيون 969 مىڭ 600 بولۇپ ، خەنزۇلارنىڭ 7 مىلىيون 489 مىڭ 900گە يەتكەن.
    2008- يىلىدىكى نوپۇس سىتاستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە شىنجاڭنىڭ نوپۇسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى يارىتىپ، 20 مىلىيون 600 مىڭ ( ئىشلەمچى، ئاقما نوپۇسلارنى ۋە دائىمى تۇرۇشلۇق بولمىغان نوپۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ ) بولۇپ، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ 10 مىلىيوندىن ئوشۇق، خەنزۇلارنىڭ 10 مىلىيون 500 مىڭ بولغان، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ج خ نازارىتى ۋاقىتلىق نوپۇس ئىشخانىسىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا 2008- يىلى بىر يىلدىلا 900 مىڭ نوپۇس كۆپىيىپ ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكەن. ئەمما كۆپەيگەن بۇ 900 مىڭ نوپۇس ئاساسلىقى ئىچكىردىن كۆچۈرۈپ چىقىرىلغان ياكى ئاقما نوپۇس سالاھىيتىدە، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە پارتىكومنىڭ غەمخورلىقىدا دائىمى تۇرۇشلۇق سالاھىيتىگە ئېرىشكەنكەن.
    يولداش ۋاڭ لېچۈەن ئاپتۇنۇم رايونلۇق پارتىكومنىڭ دائىمى ئىشلار يېغىنىدا ئىنىق قىلىپ : شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى مول دەپلا نوپۇس زىچلىقىنى ئاشۇرۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى شىنجاڭنىڭ بوستانلىق كۆلىمى ئىنتايىن كىچىك ،ھەم ئىكولوگىيەسى ئاجىز بولۇپ، نوپۇس سىغدۇرۇشچانلىقى تولىمۇ ئاجىز. . دېگەن ، شۇڭلاشقا ھەممە بىر نىيەتتە شىنجاڭنىڭ مۇھىتىنى قوغداش كېرەك.
    نۆۋەتتە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سىتاستىكا ئىدارىسىنڭ ئېيتىشىچە شىنجاڭدا پىلانلىق توغۇتنى يولغا قويغان 20 يىلدىن بۇيان ، 4 مىلىيوندىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ ئارتۇق تۇغۇلىشى تىزگىنلىنىپ، ئاپتۇنۇم رايونىمزنىڭ نوپۇس بېسىمىنى خېلى يېنىكلەتكەن. ئەمما ئاقما نوپۇس بىلەن كۆچمە نوپۇسنىڭ تەسىرىدە شىنجاڭدا نوپۇسنىڭ ھەر كۇۋادىرات مىتىردىكى زىچلىقى ب د ت ئېلان قىلغان 7 ئادەمدىن ئېشىپ كەتكەن ، ئوتتۇرچە 700 ئادەمگە يەتكەن، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ، مۇھىت قارشىنى، ھەم پىلانلىق تۇغۇت قارىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر شىنجاڭ نوپۇس