سايرام كۆلىدە 70 نەچچە قەدىمىي قەبرىستانلىقى بايقالدى

يوللىغۇچى : akpar يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-19 16:36:00

سايرام كۆلىدە 70 نەچچە قەدىمىي قەبرىستانلىقى بايقالدى مىئوتسىن شىنجاڭ تورى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ،بۆرتالا شەھىرىنىڭ ئارخولوگىيىلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سايرام كۆلىنىڭ شەرقى تەرىپىدە يەنە 70 نەچچە كونا ...

    سايرام كۆلىدە 70 نەچچە قەدىمىي قەبرىستانلىقى بايقالدى

    مىئوتسىن شىنجاڭ تورى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ،بۆرتالا شەھىرىنىڭ ئارخولوگىيىلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سايرام كۆلىنىڭ شەرقى تەرىپىدە يەنە 70 نەچچە كونا قەدىمىي قەبرىستانلىق بايقىدى،بۇ بولسا ئالدىنقى يىللاردىن بۇيانقى سايرامنىڭ غەربى تەرپىدىن تېپىلغان ئەجداد قەبرىستانلىقىدىن كېيىنكى بىر مۇھىم بايقاش بولدى.بۇ ئورۇندىكى قەدىمىي قەبرىستانلىق توپى بولسا سايرام كۆلىنىڭ شەرقى قىسمىدىكى ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كەڭ كەتكەن ياچىغا ئورۇنلاشقان .ھەرخىل تۈردىكى قەدىمىي قەبرىستانلىق جەمئىي بۇلۇپ 70لەر ئەتراپىدا.مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قىدىرىپ تەكشۈرگىچىلەرنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا،قەدىمىي قەبرىستانلىقنىڭ كۆپىنچىسى جەنۇبتىن شىمالغا قارىتا زەنجىرسىمان ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ كۆرۈنىدۇ. تۇپا دۆڭلۈك قەبرە،تاش قورۇقلۇق تۇپا قەبرە،چاسا شەكىللىك تۇپا دۆڭلۈك قەبرە،قوش قەۋەتلىك تاش قورۇقلۇق تاش قەبرە،بىر قەۋەتلىك تاش قورۇقلۇق تاش قەبرە،تاش دۆۋىسى قەبرە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ،قەبرىنىڭ چوڭىنىڭ دىئامېتىرى 43 مېتىر،ئىگىزلىكى 2 مېتىر،كىچىكىنىڭ دىئامېتىرى بولسا6 مېتىر ئىگىزلىكى بولسا 0.4 مېتىر.تۇپا دۆڭلۈك قەبرە بولسا كۆك رەڭلىك تاش ۋە سېرىق تۇپىنىڭ دۆۋىلمىسىدىن تۈزۈلگەن،تاش دۆۋىسى قەبرىسى بولسا دەريادىكى ئاق سۈزۈك شېغىلى بىلەن ئادەتتىكى شېغىلدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ ئېدىرسىمان شەكىلدە كۆرۈنىدۇ. نىسبەتەن ئالاھىدە بولغىنى چاسا شەكىللىك خەندەك شەكىلدە قورشالغان توپا دۆۋە قەبرىسى بۇلۇپ،بۆرتالادا تۇنجى بۇلۇپ مۇشۇنداق شەكىلدىكى قەدىمي قەبرە بايقىلىشى بۇلۇپ پۈتۈن قورشالغان چاسا شەكىللىك توپا دۆۋە قەبرىسىنىڭ شەكلى بولسا بەئەينى<يەتتە قاراقچى يۇلتۇز> شەكلىدە بۇلۇپ،ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. قەدىمىي قەبرىستانلىقنىڭ يەر شەكلى تۈزۈلىشىگە ئاساسلانغاندا،شىنجاڭ ئارخولوگىيە قىدىرىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ پىرافىسسورى جاڭتېنەن ئەپەندىم ،بۇ قەبرىستان توپى ئورۇنلاشقان ئورۇن بولسا چىڭتۇڭ زامانىسىدىن ساقلىنىپ قالغان،ئىنتايىن مۇھىم تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش قىممىتىگە ئىگە دەپ ھېسابلىدى. بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىق توپىنىڭ بايقىلىشى بولسا، دۆلەت دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولغان سايرام كۆلىگە تېخىمۇ ئەدەبىي مەنزىرە ۋە سىرلىقلىق تۇيغۇسى قوشتى. مەنبە:شىنجاڭ تور خەۋىرى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق