پارىژدىكى گۆھەرلەر

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-12 21:18:29

پارىژ دىكى گۆھەرلەر سېنا دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان، 800 يىلللىق تارىخقا ئىگە لۇۋرى سارىيى پارىژنىڭ ھەممىدىن بەك شۆھرەت قازانغان قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سەنئەت مۇزېيى بول...

    پارىژ دىكى گۆھەرلەر

       سېنا دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان، 800 يىلللىق تارىخقا ئىگە لۇۋرى سارىيى پارىژنىڭ ھەممىدىن بەك شۆھرەت قازانغان قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سەنئەت مۇزېيى بولۇپ يالغۇز سىرتقى كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك ۋە نەپىس بولۇپلا قالماي يەنە ئىچىدىكى ھەر خىل ئەتىۋارلىق بۇيۇملارمۇ سان ـ ساناقسىز. ئۇنىڭدا يىغىپ ساقلانغان يادىكارلىقلار 400 مىڭدىن ئاشىدۇ.
       لۇۋرى سايىدا ئۈچ دانە گۆھەر ساقلانغان: ۋېناس بىلەن غالبىيەت ئىلاھىنىڭ ھەيكىلى قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ ھەيكەلتىراشلىق ئەسەرلىرى ئىچىدىكى نادىر ئەسەر؛ «مونالىزا»مەشھۇر رەسسام داۋىنچنىڭ دۇنيادا كەم تېپىلىدىغان داڭلىق رەسىمىدۇر.
       ئېيففېل تۆمۈر مۇنارى پارىژدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، ئېگىزلىكى 300 مېتىردىن ئاشىدۇ، ھازىرغىچە 100 يىلدىن كۆپرەك تارىخنى باشتىن كەچۈردى. ئۇ فرانسىيە ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياسالغان بولۇپ، يەنە تۆمۈر قوراللار مەدەنىيىتىنىڭ سومۋولى دەپمۇ قارىلىدۇ. بۇ مۇنار مىسىردىكى ئېھرامدىن بىر ھەسسە ئېگىز بولۇپ، ئۇنى ياساشقا پەقەت 26ئايلا ۋاقىت كەتكەن. ئۇنى قۇرۇلۇشلارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە تېخنىكىسى تارىخىدىكى بىر مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر لۇۋرى سايىدا