كۈندە بىر تال تاماكا چېكىشمۇ زىيانلىق

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-16 18:12:16

«كۈندە پەقەت بىر تال تاماكا چېكىدىغانلارنىڭمۇ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئۈچ ھەسسە ئاشىدۇ. ناۋادا ئاياللار كۈندە بىر تال تاماكا چەكسە، ئۇلارنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى ھەسسىلەپ كۈچىيىدۇ


    كۈندە بىر تال تاماكا چېكىشمۇ زىيانلىق
     
    بەزىلەر: «كۈنىگە بىر، ئىككى تال تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە ھېچقانچە زىيىنى يوق» دەپ قارايدۇ، بىراق ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر تاماملىغان تەتقىقات مۇنداق نەتىجە بەردى: «كۈندە پەقەت بىر تال تاماكا چېكىدىغانلارنىڭمۇ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئۈچ ھەسسە ئاشىدۇ. ناۋادا ئاياللار كۈندە بىر تال تاماكا چەكسە، ئۇلارنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى ھەسسىلەپ كۈچىيىدۇ».
    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «تاماكا چېكىش بالدۇر ئۆلۈشنى پەيدا قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل، ئىككى بەڭگىنىڭ بىرى چوقۇم تاماكا سەۋەبلىك بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدۇ، بىراق تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال شۇكى، كۈندە بىر نەچچە تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھېلىھەم تاماكىنىڭ زىيىنىنى ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ».
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

     ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.