ماۋزىدۇڭ ۋە ئۇنىڭ 10پەرزەنتى

يوللىغۇچى : tohtaji يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-09 23:03:00

ماۋزىدۇڭ ۋە ئۇنىڭ 10پەرزەنتى دادا بولۇش سۈپىتى بىلەن ماۋزىدۇڭمۇ چوڭقۇر ۋە چىن ھىسىياتقا ئىگە .ئۇ تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دىگەن:"بىزنىڭ ئىنقىلاپ قىلشىمىز كىينكى ئەۋلاتلارغا بەخىت يارتىش ئۇچۇن.ئەم...

    ماۋزىدۇڭ ۋە ئۇنىڭ 10پەرزەنتى

    دادا بولۇش سۈپىتى بىلەن ماۋزىدۇڭمۇ چوڭقۇر ۋە چىن ھىسىياتقا ئىگە .ئۇ تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دىگەن:"بىزنىڭ ئىنقىلاپ قىلشىمىز كىينكى ئەۋلاتلارغا بەخىت يارتىش ئۇچۇن.ئەمما ئىنقىلاپ ئۇچۇن ، ئۆزبالىلىرىمزىدىن ۋاقتىنچە ۋاز كەچمەي بولمايدۇ"

    تىلگەن (ئەرۋاھ ئېشى )ئاشنى يەپ چوڭ بولغان ماۋ ئەن يىڭ

    ماۋ ئەن يىڭ ماۋزىدۇڭ بىلەن ياڭ كەي خۈينىڭ چوڭ ئوغىلى .1922-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى چاڭ شانىڭ چىڭ شۈي تاڭدا تۇغۇلغان.ئەشۇ قالايمقان يىللاردا،ئۇ ئاتا-ئانىسغا ئەگىشىپ ھەر تەرەپتە چېپىپ يۈرگەن.ماۋزىدۇڭ تولمۇ تەسىرىلىك قىلىپ ،مۇنداق دىگەن:"ئىنقىلاۋىي ئىشلار ئۇچۇن بۇ بالام كىچىكىدىن باشلاپلا تىلىگەن ئاشنى(ئەرۋاھ ئېشى ) يەپ چوڭ بولدى.ھەمدە بىزگە ئەگىشىپ ئون مىڭ چاقىرىم يول ماڭدى!"1930-يىلى 10-ئايدا،ياڭ كەي خۇي دۇشمەنلەر تەرپىدىن شيى زاۋ خۇي تۇرمىسگە قامىلىدۇ.ئەن يىڭمۇ ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرمىدە تۇرۇدۇ.ياڭ كەي خۇي قۇربان بولغاندىن كىيىن ، ماۋ ئەن يىڭ  تۈرمىدىن قويۇپ بىرلىدۇ.كىيىن پارتىيە تەشكىلى ئۇچ ئاكا – ئۇكىنى شاڭخەيگە ئىلىپ بارىدۇ.1931-يىلى 4-ئايدا،يەر ئاستى پارتىيە ئورگىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراپ ،ئەن يىڭ ئاكا –ئۇكىلار كوچىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرۇيدۇ.1936-يىلى ،شاڭخەي يەر ئاستى پارتىيە تەشكىلى پەقەت ئەن يىڭ بىلەن ئەن چىڭنىلا ئىزدەپ تاپالايدۇ.ھەمدە ئۇلارنى سوۋىت ئىتتپاقىغا ئىلىپ بارىدۇ.ماۋ ئەن يىڭ ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ موسكىۋا لىنىن ھەربىي مەكىتىۋى ۋە فرونېزى ھەربىي ئىشلار ئىنىستوتىدا ئوقۇيدۇ.1943-يىلى 1-ئايدا،بولشىۋىكلار پارتىيسىگە قاتنىشىدۇ.ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن،ماۋ ئەن يىڭ   لېينتېنانتلىق  ئونۋانىغا ئىرىشىپ ،سوۋىت ئارمىيسنىڭ چوڭ كۆلەمدىكى قايتتۇرما ھۇجىمغا قاتنىشدۇ.1946-يىلى مەخپي ھالدا يەنئەنگە قايتىپ كىلىدۇ.ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ دادىسنىڭ تەلىۋى بويچە،يېزىغا ئەمگەككە چۇشىدۇ.خۇ زۇڭ نەن يەنئەنگە بېسىپ كىرگەندىن كىيىن ،ماۋ ئەن يىڭ ئاندىن دادىسنىڭ قېشىغا قايتىپ بارالايدۇ.

    دۆلەت قۇرۇلغاندىن كىيىن،ماۋئەن يىڭ بىيجىڭدا ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىلىرى باش زاۋۇتنىڭ پارتىيە ياچايكسنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىك ۋەزىپسىنى ئۆتەيدۇ.چاۋشىيەن ئۇرىشى پارتىلىغاندىن كىيىن، پىدايى قوشۇنغا قاتنىشىپ،چاۋشىيەنگە بارىدۇ ھەمدە 1950-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بەخىتكە قارشى شەرەپ بىلەن قۇربان بولىدۇ.مىڭلىغان ،ئونمىڭلىغان ئەمگەكچى خەلقىنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە  مەڭگۇ چاۋشىيەندە قالىدۇ.

      ماۋزىدۇڭ زور ئۇمۇتلەرنى كۈتكەن ماۋ ئەن چىڭ

    ماۋ ئەن چىڭ ماۋزىدۇڭ بىلەن ياڭ كەي خۇينىڭ ئىككىنجى ئوغىلى .1923-يىلى تۇغۇلغان.ئەن چىڭ ئاكىسى ئەن يىڭ بىلەن بىرگە سوۋىتقا بېرىپ ئوقىغان بولۇپ،ماۋزىدۇڭ ئەن يىڭنى تولمۇ ياخشى كۆرەتتى،ئەن چىڭغىمۇ كۆيدىغان بولۇپ،ئۇنىڭدىن زور ئۇمۇتلەرنى كۈتەتتى.ھەر قېتىم ئۇلاردا ئالغا ئىلگىرلەش بولغانلقىنى كۆرگەندە ،ئىلھاملاندۇرۇپ تۇراتىتى.

    يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن،ماۋ ئەن چىڭ  ج ك پ تەشۋىقات بۆلىمى ماركىسىزىم ،لىنىنىزىم ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش ئورنىدا تەرجىمانلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىردىن 60-يىللىرىغچە بولغان ئارلىقتا،ماۋ ئەن چىڭنىڭ مىڭسى بالىلىق چاغلىردا ئېغىر يارلانغانلىقتىن شۇنداقلا ،ئاكسىنىڭ قۇربان بولغانلىق خەۋىرنىڭ تەسىرى تۈپەيلى،دالىيەن ساناتورىيسىدە داۋالىندۇ.ماۋزىدۇڭنىڭ قوللىشى بىلەن،  ئەن چىڭ  شاۋ خۇا  بىلەن بىرلىكتە بىيىجىڭغا قايتىپ كىلىپ ،يەنە بىرلىكتە يۇرتى خۇنەنگە قايتىپ كىتىدۇ.1970-يىلى ئىككەيلەن بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇپ، چەكسىز خوشاللىققا چۈمۈپ،ئىسمىنى ماۋ شىن يۈ قويىدۇ.

    ئىز- دىرىكى بولمىغان ماۋ ئەن لوڭ

    1927-يىلى 2-ئايدا ماۋزىدۇڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىلگىرى –كىيىن بولۇپ،ۋۇ چاڭغا يىتىپ كىلىدۇ.ئۇزاق ئۆتمەي ياڭ كەي خۇي ئۇچىنجى ئوغىلى ماۋ ئەن لۇڭنى تۇغققان.1930-يىلى ،ياڭ كەي خۇي باتۇرانە قۇربان بولغاندىن كىيىن،ماۋ ئەن لۇڭ بىلەن ئىككى ئاكسى تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن ،چوڭ ئانسى ۋە ھاممىسى بىلەن بىرگە شاڭخەيگە كىلىپ،تاغىسى ماۋزىمىن ،ھاممىسى چىيەن شى  جۈننىڭ  يېندا ،شاڭخەي يەر ئاستى پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى دا تۇڭ بالىلار باغچىسدا تۇرغان.1931-يىلى باھاردا شاڭخەي يەر ئاستى پارتىيە تەشكىلاتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراپ ،ئۇچ ئاكا –ئۇكا شاڭخەيدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن.شىياۋ ئەن لوڭ بەختكە قارشى يوقاپ كەتكەن بولۇپ،كىيىن ھىچكىم ئۇنى ئۇچۇرتۇپ باقمىغان.

    تۇغۇلۇپلا ئاتا –ئانسىدىن ئايرىلغان تۇنجى قىز پەرزەنت

    1929-يىلى 3-ئايدا ،قىزىل ئارمىيە ئىككىنجى قېتىم لۇڭ يەنگە ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتدا ،خې زىجېن بىر قىز تۇغۇدۇ.بۇ قىز پەرزەنت تۇغۇلغاندا ئۇلار ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.ماۋزىدۇڭمۇ بۇ قىزىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ.بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن،ماۋزىدۇڭ باشقىلارغا بالىنى بېقىۋالغۇدەك بىرەر ئادەم تېپىشنى ھاۋالە قىلدۇ.ئۇ خې زىجېنغا:"بالىنى باشقىلارغا بېقىۋىلىشقا بىرەيلى ،ھازىر بىز پەقەت مۇشۇنداقلا قىلالايمىز.ئىنقىلاپ غەلبە قىلغاندىن كىيىن ئۇنى قايتتۇرۇپ ئەكىلۋالساق بولىدىغۇ "دىگەن.

    ئىز –دىرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكەن ماۋ ماۋ ئۇلارنىڭ 5-پەرزەنتى ئىدى

    1932-يىلى 11-ئايدا خې زىجېن  فۇجىيەننىڭ چاڭجىياڭدا  ئىككىنجى بالىسىنى تۇغققان.بۇ بالا ئوغۇل بولغاچقا ،ماۋزىدۇڭ ئۇنى ياڭ كەي خۇيدىن بولغان ئوغۇللىرى بىلەن بىر قاتاردا  قويۇش ئۇچۇن ئىسمىنى ماۋ ئەن خۇڭ قويىدۇ.ئەينى ۋاقىتتا ،خې زىجېن تولغاق بولۇپ قالغاچقا ،ماۋزىدۇڭ  باشقىلارغا بالىغا بىر ئىنك ئانا تېپىپ  بىرىشنى ھاۋالە قىلدۇ.ئىنك ئانىسى بۇ بالىنى ماۋ ماۋ دەپ چاقىرىدۇ.ئۇزۇن سەپەر باشلانغاندىن كىيىن،ماۋزىدۇڭ ئەر –ئايال مەسلھەتلىشىپ،بالىنى مۇشۇ يەردە قېلىپ ،پارتىزانلىق پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ باردىغان ماۋ زې تەن بىلەن خې يىغا قويۇپ كىتىدۇ.رۇيجىن ناھايتى تىزلا دۇشمەننىڭ قولغا چۇشۇپ كىتىدۇ.ماۋزىتەن خەۋەرنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىپ،ماۋ ماۋنىڭ زىيان –زەخمەتكە ئۇچۇرىشندىن ئەنسىرەپ،بالىنى مەخپى ھالدا رۇيجىندىكى بىر مۇھاپىزەتچىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدۇ.كىيىن ماۋزېتەن بەختكە قارشى قۇربان بولۇپ، شۇندىن ئىتبارەن ،ماۋ ماۋنىڭ دىرىكى بولمايدۇ.

    بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بالا

    1933-يىلى خې زىجېن يەنە ھامىلدار بولىدۇ.ئەينى يىلى ،قىزىل ئارمىيە قورشاپ يوقۇتۇشقا قارشى جاپالىق كۆرەش قىلۋاتقان بولۇپ،خې زىجېن ئىككى قات  ھالەتتە قىزىل ئارمىيگە ئەگىشىپ،رۇيجىندىن يولغا چىقىدۇ.ئەينى چاغدا تۇرمۇش شارائىتى ئىنتايىن جاپالىق بولۇپ،ئۇنىڭ ئۇستىگە خې زىجېننىڭ تىنىمۇ بەك ئاجىزلاپ كەتكەچكە ،بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالىدۇ.پىشانىسى شور بۇ ئوغۇل بالا ھەتتا ئىسىمىمۇ قويۇلماي تۇرۇپ ،بۇ ئالەم بىلەن خوشلىشىدۇ.

    ئىزدەپ تېپىش ئىمكانىيتى بولمىغان 7-پەرزەنت

    1935-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىردا ،قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر قىلىپ،گۈيجۇنىڭ بەيمىياۋزۇدىكى بىر كەنتىگە كىلىدۇ. خې زىجېن بىر قىز تۇغۇدۇ.كۆز ئالدىدىكى سەپەر ھەم يىراق ھەم مۇشكۇل بولغاچقا ،بۇ بوۋاقنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ پەقەت بىرلا چارسى بار ئىدى.ئۇ بولسىمۇ بالىنى يەرلىكتىكى يۇرۇتداشلارغا بىرىۋىتىش ئىدى.كىيىن خې زىجېن ھەر ئاماللارنى قىلىپ  بۇ قىزىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ ئىز –دىركىنى ئالالمىغان.ئۇ ئەينى ۋاقىتتا بىرەر نەرسىنى تەۋەرۇك ئورندا قالدۇرۇپ كەتمىگەنلىكىگە بەكمۇ پۇشايمان قىلغان.ئەينى ۋاقىتتا،ماۋزىدۇڭ خې زىجېننىڭ بالىنى باشقىلارغا بىرۋەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ،ئۇنى ماختاپ :"بىز پەقەت مۇشۇنداقلا قىلالايمىز،بىزنىڭ ئىنقىلاپ قىلشىمىز كىينكى ئەۋلاتلارغا بەخىت يارتىش ئۇچۇن ،ئەمما ھازىر ئىنىقىلاپ ئۇچۇن ،ئۆز بالىلىرمىزدىن ۋاقتىنچە ۋاز كەچمەي بولمايدۇ"دىگەن.

    جىياۋ جىياۋ دەل لى مىڭ ئىدى

    1936-يىلى قىشتا قىزىل ئارمىيە شەنشىنىڭ شىمالغا يىتىپ كەلگەندە،خې زىجېن يەنە بىر قىز تۇغۇدۇ.دېڭ يىڭچاۋ بالىنى كۆتۈرۇپ تۇرۇپ:"ھەقىقەتەنمۇ بىرئوماق <جىياۋ جىياۋ>ئىكەنغۇ بۇ!"دەيدۇ(ئەسكەرتىش:  姣خەنزۇ تىلىدا چىرايلىق دىگەن مەنىدە)   .بىر چەتتە تۇرغان ماۋزىدۇڭ دىڭ يىڭچاۋنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ،"غەربىي پايتەختتىكى خاتىرلەر"دىكى :"مەلىكە شۇنچىلك چىرايلىق ئىدىكى،قاشلىرى قەلەم قاش،چىھرى تۇلۇن ئايدەك بولۇپ، ئاينىمۇ خىجىل قىلاتتى "دىگەن مۇنۇ تەسۋىرلەرنى ئىسگە ئىلىپ،بالىنىڭ ئىسمىنى ماۋ جىياۋ جىياۋ قويىدۇ.1937-يىلى 10-ئايدا،خې زىجېن سوۋىت ئىتتىپاقىغا     كىسلىنى داۋالىتىشقا ۋە ئوقۇشقا بارىدۇ.1940-يىلى ئەمىدىلا 4ياشقا كىرگەن جىيا جىياۋ يەنئەندىن مۇسكىۋاغا كىلدۇ.1947-يىلى ،جىياۋ جىياۋ سوۋىت ئىتتىپاقىدىن دادىسنىڭ يېنغا كىلىپ ئوقۇيدۇ.ماۋزىدۇڭ ئۇنىڭغا لى مىڭ دەپ ئىسىم قويۇپ قويدۇ.ئۇنىڭ فامىلسنىڭ لى بولىشدىكى سەۋەپ ،ئەينى ۋاقىتتا ،ماۋزىدۇڭ ئىسمىنى لى دې شىڭغا ئۆزگەرتىۋالغان ئىدى.ئىسمنىڭ مىڭ بولۇشدىكى سەۋەپ ،بۇ"مۇھاكىمە(     论语   )"دىن ئېلىنغان سۆز بولۇپ،ئۇنڭدا:"ئالىيجاناپلار ئەمەلىي ئىش قىلشقا ماھىر كىلىدۇ"دىيلگەن.(ئەسكەرتىش :بۇ جۇملىدە 敏   سۆزى ماھىر،ئۇستا دىگەندەك مەنىلەرنى بىلدۇرۇپ كەلگەن.)     

       ياقا يۇرۇتتا ئۆلۇپ كەتكەن 9-بالا

    خې زىجېن موسكىۋاغا بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي ،يەنە بىر ئوغۇل تۇغۇدۇ.بۇ ماۋزىدۇڭنىڭ 9-بالىسى ئىدى.بالا 10ئايلىق بولغاندا ،زوكام بولۇپ قېلىپ،كىسلى ياخشى پەرۋىش قىلنمىغانلىقتىن ،ئۆپكە ياللۇغىغا ئۆزگۇرۇپ كىىتپ،قۇتقۇزىۋىلىشقىمۇ ئۈلگۇرمەي ئۆلۇپ كەتكەن.

    ئەڭ كىچىك قىز لى نې

    1940-يىلى 8-ئايدا،جياڭ چىڭدىن تۇغۇلغان.1953-يىلى ،لى نې بىيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرستىتى قارمىغىدىكى قىزلار ئوتتۇرا مەكتىۋىگە كىرىپ ئوقىغان.1959-يىلى بىيجىڭ ئۇنۋىرستتنىڭ تارىخ فاكۇلتىتغا ئۆتكەن.1965-يىلى ئوقۇش پۇتتۇرگەن.بۇ مەزگىلدە ماۋزدۇڭ ئۇنىڭ ئۆسۇپ –يتىلشىگە ناھايتى كۆڭۇل بۆلگەن.كۆپ قېتىم ئۇنڭغا خەت يېزىپ،ئۇنڭغا ياخشى تەربىيە بەرگەن.دادسنىڭ ھەر بىر جۇملە سۆزى چوڭقۇر مھىرى –مۇھەببەت بىلەن تولغان ئىدى.

     

    قەشقەر كونشەھەرناھىيە ئاۋات ئوتتۇرا مەكتەپ دىن توختىھاجى يۈنۇس تەرجىمە قىلغان .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق