ياپونىيەدە تېبابەتچىلىكتە ئىشلىتىلىدىغان يېڭى ماتىرىيال تەتقىق قىلىپ چ

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-23 20:35:01

ياپونىيەدە تېبابەتچىلىكتە ئىشلىتىلىدىغان يېڭى ماتىرىيال تەتقىق قىلىپ چىقىلدىياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىروفېسسور ئايدا تاكوزو رىياسەتچىلىك قىلغان بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىر خىل يېڭ...

                    ياپونىيەدە تېبابەتچىلىكتە ئىشلىتىلىدىغان يېڭى ماتىرىيال تەتقىق قىلىپ چىقىلدى

     

    ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىروفېسسور ئايدا تاكوزو رىياسەتچىلىك قىلغان بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىر خىل يېڭى ماتېرىيالنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى سۇ بولسىمۇ، پۇختا بولۇپ، كېسىپ پارچىلىغاندىن كېيىنمۇ، كۈچلۈك چاپلىشىشچانلىقى بىلەن يەنە ئەسلىگە كېلەلەيدىكەن.

    بۇنداق يېڭى ماتېرىيالنىڭ %95 ى سۇ، %3 ى دائىم ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي سېغىز توپا، ھالقىلىق تەركىبى بىر تۈرلۈك ئورگانىك ماددا بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبى %0.2 تىن ئاشمايدىكەن. ئۇنى ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا بىر قانچە سېكونت ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، سېغىز تۇپا تەركىبىدىكى سۇنى ئورگانىك ماددا سۈمۈرۈۋېلىپ، نەم ھالەتتە قاتتىقلىشىدىكەن. تاشلىۋەتكەندە، ھاۋادىلا ئوكسىدلىنىپ پارچىلىنىپ كېتىدىكەن. ئۇنىڭ چاپلىشىش كۈچى ئامور فوفاللۇسىنىڭ 500 ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، كەسكەندىن كېيىن قايتا بىرىكتۈرسە، دەرھال ئەسلىدىكى ھالىتىگە كېلىدىكەن. ئىلاستىكىلىقى رەزىنكىگە ئوخشايدىكەن. پىروفېسسور ئايدا تاكوزونىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇنى ئوپېراتسىيەدە جاراھەت ئورنىغا چاپلايدىغان ماتېرىيال ئورنىدا ئىشلەتكىلى، سۈنئىي بوغۇملارنىڭ قۇرۇلما تەركىبى قىلغىلى بولىدىكەن. پۇختىلىقىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەندە، نېفىتتىن ئېلىنىدىغان پىلاستىماسسانىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولىدىكەن.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.