بىرىكمە تاختاي ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىسى (پەنەركە)

يوللىغۇچى : ablimitt يوللىغان ۋاقىت : 2013-12-18 10:58:40

يۇرتىمىزدىكى تەبئى بايلىقلارنىڭ ئىسراپ بۇلىشى بەك ئېغىر، بۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقايلى.

     
    بىرىكمە تاختاي ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىسى

      ئەتىيازدا مۇشۇ پەنەركە ئىشلەش تېخنىكىسىغا قىزىقىپ قالغان ئىدىم، كىيىن بىرەيلەن مۇشۇ ئىشقا ئشىلىتىلىدىغان ماشىنىلارنى ئىزدەپ تىپىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان ئىدى، ئىزدەپ تېپىپ قويغاندىن كىيىن قايتا كەلمىدى. شۇ جەرياندا ساپ ھەرە كېپىكىدىنلا يۇقىرى بېسىمدا پىرىسلاپ ياغاچ كالتەك چىقىرىدىغان ماشىنىلارنى كۆردۈم. 
      ئەمما كىيىن بىرىكمە تاختايغا قىزىقىپ قالدىم. مەسلەن، ھەرە كېپىكىنى تەكشى يېيىتىپ، بىر قەۋەت سىر پۈركۈپ يەنە بىر قەۋەت ھەرەكېپىكىنى تەكشى يېيىتىپ، ئاندىن يۇقىرى بېسىمدا پىرىسلاپ پەنەركە ياساش دېگەندەك. ئەمىلىيەتتىمۇ شۇنداق چىقىرىلىدىكەن. ئەلۋەتتە سىر ئورنىغا سۇيۇق يىلىم ئىشلىتىلىدۇ، كۆپ پۈركىۋەتسە تاختاينىڭ قۇرۇتۇش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ ھەم تاختاي ئېغىر بولۇپ قالىدۇ. ئۇندىن باشقا يىلىم بېسىمغا ئۇچرىغاندا سىرغىپ چىقىپ قېلىپقا يېپىشىۋالىدۇ. بەك ئاز بولۇپ قالسا يىلىم يۇقىرى بېسىمدا پىرىسلانغاندىمۇ ھەممە يەرگە تاراپ بولالماي پەنەركىنىڭ سۈپىتىگە تەسەر يەتكۈزىدۇ. لايدىن كېسەك تۈكۈپ باققانمۇ؟...بىر ھېساپتا پاختىنى پىرىسلاپ تۆت چاسا قىلىپ تايلىغانغا ئوخشاپ كىتىدۇ.
      بىرىكمە تاختايلار ھازىر، ئىشىك-دىرىزە، ئۆي-جاھازىلىرى، ئۆي بېزەش، ماشىنا بېزەش دىگەندەك  ئىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ، سۇلياۋ بىلەن ھەرە كىپىكىنى (شاخ-شۇمبىلارنى كېپەكلەش ماشنىلىرى بار) يىلىملەر بىلەن قوشۇپ نەچچە مىگا پاسكال بىسىمدا پىرىسلاپ چىقىرىلدىغان بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەيدىغان  مەخسوس ماشنىلارمۇ قىممەت  ئەمەسكەن. چىگە (كەندىر غۇلىنىڭ پوستى)، ھەرە كېپىكى، پولىۋىنىل خلورىد [聚氯乙烯][ju lv yi xi ](پولى ۋىنىل خلورىد ،پولى چىنىل خلورىد سىمۇلىسى)، ئۆي بېزەش يەنى ئاساسلىقى ھەرە كېپىكى بىلەن پولىۋىنىل خىلورىدتىن ئارلاشتۇرۇپ، پىرىسلاش، ئېقىتىپ قۇيۇش قاتارلىق ئۇسوللار بىلەن ھەر شەكىللەردە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.
    \
    رەسىم؛
      بۇنىڭدا ياغاچ ۋە سولياۋنىڭ خۇسوسىيەتلىرى بىرىكىب، ھەرىلەپ كېسىش، تۆشۈك ئېچىش، سەل ئىگىش قاتارلىق مەشغۇلاتلار ئارقىلىق ياغاچتىنمۇ ئارتۇق ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە بۇلىدۇ، ھەم سۇدىن قورقمايدىغان ئارتۇقچىلىققا ئىگە بۇلۇپ، نەم مۇھىتلاردا ئىشلەيدىغان نەرسىلەرنى ياساشقا بۇلىدۇ.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.