سودىدا ئۇتۇشنىڭ 5خىل تەدبىرى

يوللىغۇچى : Biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2009-02-21 01:59:00

سودىدا ئۇتۇشنىڭ 5خىل تەدبىرى بازارنى تەڭشەش مەڭگۈ ئۆگىنىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان دەرسلىك. بازار ئېھتىياجىنى، يېڭى بازار ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ تۇرغاندىلا، تەرەققىيات يۆنىلىشىنى توغرا بە...

    سودىدا ئۇتۇشنىڭ 5خىل تەدبىرى

                بازارنى تەڭشەش مەڭگۈ ئۆگىنىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان دەرسلىك. بازار ئېھتىياجىنى، يېڭى بازار ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ تۇرغاندىلا، تەرەققىيات يۆنىلىشىنى توغرا بەلگىلىگىلى بولىدۇ. چەتئەللەرنىڭ بەزى سودا تاكتىكىسى ۋە تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىپ قويۇش ، سودا ئەھلى بولمىغانلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا مۇھىم.

              1 .ئىستېمالغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بازار بەرپا قىلىش. مەھسۇلات بازاردا بولمىسىلا بازىرى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، يېڭىلىق يارىتىش ئويلىمىغان مۇۋەپپىقىيەتنى ئېلىپ كېلىشى مۈمكىن. ئامېرىكىدىكى بالىلار بويۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر شىركەت ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ھازىر ياشلاردا كېچىكىپ توي قىلىش، كېچىكىپ بالىلىق بولۇشنىڭ ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكى، خىزمىتى ئالدىراش، ئىشتىن سىرت كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭمۇ كۆپلىكىدىن، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشقا ۋاقىت چىقمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكنى بايقاپ، بۇنىڭغا قارىتا ياش ئەر- ئاياللارنىڭ بالىلىق بولۇشتىن بۇرۇن خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتى ئۇزاق بولغاچقا، پۇلنىمۇ خېلى تاپقىلى بولىدۇ، بالىغا خەجلەشكە قۇرسىقى ئاغرىمايدۇ، شۇنداقلا قولايلىق بالىلار بويۇملىرىنى ئىشلىتىشنى خالايدۇ دېگەن يەكۈننى چىقىرىپ، زاكا يەنى سۈيدۈك لاتىسى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ، بىرلا قېتىم ئىشلەتكىلى بولىدىغان، باھاسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان قەغەز زاكا ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان ھەمدە ھەدەپ ئېلان ئىشلەپ، ياش ئەر - ئاياللارغا زاكا يۆتكەشنىڭ ئاۋارىچىلىكى ھەم قەغەز زاكىنىڭ قولايلىقلىقىنى تەشۋىق قىلىپ، ياش ئاتا- ئانىلارنى ئۆز شىركىتى ئىشلەپچىقارغان قەغەز زاكا ئىشلىتىشكە يېتەكلىگەن. بۇ ياش ئەر- ئاياللارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بولغاچقا، بۇ شىركەت زاكا بازىرىدا ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن.

               2.ئوبرازنى ئۆزگەرتىپ، بازارغا ئېرىشىش. باشقىلارغا راست گەپنى قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، ياخشى نام بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ مەقسەتكە يېتىشمۇ سودىدا كۆپ قوللىنىدىغان ئۇسۇل. 1978- يىلى ئامېرىكىنىڭ پېپسى كولا شىركىتى ھىندىستاننىڭ ئىچىملىك بازىرىنى ئاچماقچى بولغان. لېكىن، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ سانائىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان يوللۇق شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، ھىندىستان ھۆكىمىتى تەرىپىدىن تەلىپى رەت قىلىنغان. ھىندىستان ئىچىملىك بازىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىدىن ۋاز كېچەلمىگەن پېپسى كولا شىركىتى ئوبرازىنى ئۆزگەرتىپ، ساخاۋەتچى رولىدا مەيدانغا چىقىپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە مەزكۇر دۆلەتنىڭ بازىرىغا كىرىشكە ئىچ تۈرلۈك كاپالەت بەرگەن. يەنى بىرى، خام ئەشيانى ھىندىستاندىن سېتىۋېلىپ، ھىندىستاننىڭ دېھقانچىلىق قوشۇمچە ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ ئىككىنچىسى، زاۋۇتقا پۈتۈنلەي ھىندىستانلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھىندىستاننى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش؛ ئۈچىنچىسى، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ 50 پىرسەنت مەھسۇلاتىنى ئېكسپورت قىلىپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە تاشقى پېرېۋوت يارىتىپ بېرىش. پېپسى كولا شىركىتىنىڭ بۇ خىل تەدبىرى ھەقىقىي كۆڭلى بىلەن ھىندىستان خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشتەك ياخشى ئوبرازىنى تۇرغۇزغاچقا، ھىندىستان ھۆكىمىتىمۇ ئۇلارنىڭ ھىندىستان بازىرىغا كىرىشىگە ماقۇل بولغان، ھىندىستانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىدە ئىشلەنگەن پېپسى كولانى ئىچكىنىدىن خوش بولغان.

               3.ئۆز- ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىپ، بازارنى قوغداش. رىقابەتچىنىڭ يوقلۇقى ھەرگىز سىزنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىسىڭىز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كومپيۇتېر ئۆزنىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان، ئامېرىكىنىڭ ئىنتېل شىركىتى ئۆزىنىڭ كىشىنى چۆچۈتكۈدەك مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىش سۈرئىتىگە تايىنىپ، ئۆزەك بازىرىنىڭ ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنيا ئۆزەك بازىرىنى كونترول قىلىپ كەلمەكتە. 1971- يىلى ئىنتېل شىركىتى 4004 تىپلىق ئۆزەكنى مەيدانغا كەلتۈردى. 1979- يىلى 16 خانىلىق ئۆزەك يەنى 8086 تىپلىق ئۆزەكنى، 1982- يىلى 80286 تىپلىق ئۆزەكنى، 1985- يىلى 80386 تىپلىق ئۆزەكنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئىنتېرنېت شىركىتى مانا مۇشۇنداق توختىماستىن كونا مەھسۇلاتنىڭ ئورنىغا يېڭى مەھسۇلاتنى دەسسىتىپ، ئاجايىپ يېڭىلىق يارىتىش سۈرئىتى بىلەن ئۆزەك بازىرىنىڭ سەركىسى بولۇپ، رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، ئەسلىدىكى بازار ئۆلۈشىنى مۇقىم ساقلاپ كەلدى .

               4.كەڭ قوساقلىق ۋە سۈپەتكە تايىنىپ بازار ئىگىلەش. رىقابەتچىلەرگە پۇرسەت بەرمەسلىك قوساق كۆپۈكى چىقىرىدىغان شۇنداقلا سودىدا كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل. بىراق كەڭ قوساقلىقمۇ تەرەققىياتنىڭ يەنە بى يولى. ئامېرىكىنىڭ جېسمېن شىركىتى بىخەتەر ساقال ئالغۇچ ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر كارخانا بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا بازارنى گىلىت شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بىخەتەر ساقال ئالغۇچ ئىگىلەپ كەتكەنىدى. جېسمېن شىركىتى كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلەش ئارقىلىق ئىككى بىسلىق بىرىتىۋانى ئىشلەپچىقاردى. شۇ چاغلاردا گىلىت ساقال ئالغۇچنىڭ تىغىدا ساقال ئالغۇچقا بېكىتىش ئۈچۈن قويۇلغان ئۈچ تۆشۈكچە بار ئىدى. ئەمما، جېسمېننىڭ ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ساقال ئالغۇچىنىڭ تىغىنى گىلىتنىڭمۇ ساقال ئالغۇچىغا بېكىتكىلى بولغاچقا، گىلىتنىڭ تىغلىرىدىن بىر بالداق يۇقىرى تۇرۇپ، گىلىت ساقال تىغى بازىرىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئىگىلىۋالدى. گىلىت شىركىتى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىپ، جېسمېننىڭ تىغى چۈشمەيدىغان يېڭى بىر خىل ساقال ئالغۇچنى ئىشلەپ چىقاردى. ئەمما جېسمېنمۇ بوش كەلمەي، بىر ھەپتە ئىچىدىلا ساقال ئالغۇچ دەستىسىنى ۋە تىغىى ھەم دەسلەپتىكىگە ھەم گىلىتنىڭ يېڭى ساقال تىغىغا باب كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلەپ بازارغا سالدى. گىلىت دەسلەپكى ساقال ئالغۇچىغا كېيىنكى تىغى ماس كەلمىگەنلىكتىن خېرىدارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپلا قالماي يەنە بازارنى ئۇتتۇرۇپ قوش زىيان تارتتى.

                 5. يىپنى ئۇزۇن قويۇپ بېلىق تۇتۇش. كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى قوغداشنى بىلىشى ئەنئەنىۋى سودىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى، ئەمما يىراقنى كۆرۈشمۇ سودىدا نەتىجە قازىنىشنىڭ تېپىلغۇسىز پۇرسىتى. 1963- يىلى ئامېرىكا كوداك شىركىتى يېڭى تىپلىق ئاپتوماتىك پوتو سۈرەت ئاپپاراتىنى بازارغا سالدى. بۇ خىل ئاپپاراتنى ئىشلىتىش ئاسان، كونا ئاپپاراتتەك تەڭشەش تەس بولمىغاچقا، ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى رەسىم تارتالايدۇ، قائىدە بويىچە كوداك شىركىتى بۇ خىل تېخنىكىلىق پاتېنىتتىن ئۆزى بەھرىمان بولۇپ، قانۇنسىز تەقلىد قىلىپ ياسىغۇچىلارغا قاتتىق زەربە بەرسە بولاتتى. لېكىن مەزكۇر شىركەت بارلىق زاۋۇتلارنىڭ بۇ خىل ئاپتوماتىك رەسىم تارتىش ئاپپاراتىنى تەقلىد قىلىپ ياسىسا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ شىركەتنىڭ مەرتلىكى بىلەن كۆپلىگەن زاۋۇتلار ئۆزىنىڭ تېىنىكىسىدىن ۋاز كېچىپ بۇ خىل ئاپتوماتىك پوتوئاپپاراتىنى ئىشلەپ چىقىرىشقا باشلىدى، ئەرزان باھالىق ئاپاراتلار كۆپەيگەنلىكتىن پوتوئاپارات ئىشلىتىدىغانلارمۇ تېز كۆپەيدى. بۇنىڭ بىلەن ئاپاراتقا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلات- پىليونكىغا بولغان ئېھتىياجمۇ ئېشىپ كەتتى، مانا بۇ دەل كوداك شىركىتىنىڭ ئۈمىد قىلغىنى ئىدى. كوداك شىركىتى ئاپتوماتىك رەسىم تارتىش ئاپپاراتىنىڭ پاتېنتىدىن ۋاز كېچىشنى جاكارلىغاندىن باشلاپلا زور كۈچ بىلەن پىليونكا مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلىپ، تېخنىكا جەھەتتە باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان سۈپەتلىك مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىپ، كەلگۈسىدىكى پىليونكا بازىرىنى مونوپول قىلىشقا بەل باغلىغانىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كوداك شىركىتى قويۇپ بەرگەن «ئاپتوماتىك رەسىم تارتىش ئاپپاراتى» دىن ئىبارەت بۇ ئۇزۇن يىپقا، ئاخىرى «پىليونكا بازىرى» دىن ئىبارەت بۇ چوڭ بېلىق ئىلىندى.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 9:55:57]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق