ھېكمەتلەر

يوللىغۇچى : TarimDadxah يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-11 00:17:00

ھېكمەتلەر ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن پەس كەلمىگەن ئىنسان بۈيۈكدۇر.فىرەۋسىي ھېكمەتلىرىدىن نادانلىقتىن يامانلىق كېلىدۇ پەقەت ، نادانغا يانداشما ، باسمىسۇن غەفلەت .٭ ٭ ٭شانۇ - شەۋكەت يۈكسەك مەقسەد تام...

        ھېكمەتلەر 
    ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن پەس كەلمىگەن ئىنسان بۈيۈكدۇر. 
       
     فىرەۋسىي ھېكمەتلىرىدىن     
     
    نادانلىقتىن يامانلىق كېلىدۇ پەقەت ،   
    نادانغا يانداشما ، باسمىسۇن غەفلەت .

    ٭ ٭ ٭

    شانۇ - شەۋكەت يۈكسەك مەقسەد تامان  ئىنتىلگەننىڭ مۈلكىدۇر.

    ٭ ٭ ٭

    دانالار سۆزىگە قۇلاق سالمىساڭ ،
    ئەڭ نادان سەندۇرسەن ، بىلگىن بىلمىسەڭ.

    ٭ ٭ ٭

    پەندۇ - نەسىھەتدىن كىم ئۆرىدى يۈز ،
    زەھمەتى مىڭ بولۇر ، پۇشايمانى يۈز .

    ٭ ٭ ٭

    تەجرىبىلىك ئىت يولۋاس تۇتۇپ يەر ،
    قاچار تۈلكىدىن جەڭ كۆرمىگەن شەر.
    ٭ ٭ ٭
     
    كىمكىتىغ كۆتۈرەر بىراۋ جانىغا ،
    زامان تەشنا بولار ئانىڭ قانىغا.

    ٭ ٭ ٭

    بىراۋغا سېغىنسا ھەركىم يامانلىق ،
    نىھايەت ئۇ ئۆزى تاپماس ئەمىنلىك.

    ٭ ٭ ٭

    توغرىلىقدىن كەلمىشتۇر ھەممە ئىزگۈ ئات ،
    ئەگرىلىكتىن پايدا كۆرمىدى ھېچقانداق بىر زات.

    ٭ ٭ ٭

    قايدا روشەن بولسا توغرىلىق نۇرى،
    ئەگرىلىك سۇنىدۇ ، قۇرۇيدۇ شورى.

    ٭ ٭ ٭

    سۆزلىمە سۆزلىرىڭ ئىچىڭدە نىھان،
    ھەر تامان يېيىلار ئېيتقىنىڭ زامان.

    ٭ ٭ ٭

    ئۆزىنىڭ ئەيبىنى بىلگەندە ئادەم،
    بوشقىلار ئەيبىنى سۆزلىمەستى ھەم.

    ٭ ٭ ٭

    ئۆزگىگە قىلغان ياخشىلىقىڭدىن دوستۇڭغا ھەم، دۈشمىنىڭگە ھەم ماختانما.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق