ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى

يوللىغۇچى : گىتلېر يوللىغان ۋاقىت : 2008-11-05 00:41:00

ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ئاۋاز تۈسىنىڭ كۆپ خىللىقى، شەكلىنىڭ نەپىسلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكىلىرى بىلەن مەشھۇردۇر. ئۇيغۇر چال...


    ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى

     

       ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ئاۋاز تۈسىنىڭ كۆپ خىللىقى، شەكلىنىڭ نەپىسلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكىلىرى بىلەن مەشھۇردۇر.
       ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىنى قۇرۇلمىسى ۋە ۋېلىنىش قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن يەللىك چالغۇلار يەنى نەي، بالىمان، بۇرغا، سۇناي، كاناي، قوۋۇز قاتارلىقلار؛ چەكمە چالغۇلار يەنى كاراۋابى، چاپلىما راۋاب، تەمبۈر، دۇتتار، قالۇن، چاڭ قاتارلىق؛ كامانچىلىق چالغۇلار يەنى ساتار، غىجەت، قۇمۇل غىجىكى، خۇشتار قاتارلىقلار؛ سوقما چالغۇلار يەنى تەبىلۋاز، ناغرا، داپ، ساپايە، قوشۇق، تاش، جاللار، دۈمباپ، ساپال چۇرا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈرىگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

    1.غىجەك - ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولغان ئۇيغۇر چالغۇلىرىدىن بىرى، ئۇ ياڭاق، ئۈجمە، چىنار ياغاچلىرىدىن ياسىلىپ، خەرەك ئاستىدىكى ئاۋاز تىرىكى دە سىسىتىلىدىغان ئوتتۇرا قىسىمىغا يىلان تېرىسى كېرىلىپ، يۈزلۈكىگە نېپىز تاختاي قويۇلىدۇ.شارسىمان قاپقىنىڭ ئالدى - كەينىگە كۆپلىگەن تۆشۈكچىلەر ئېچىلىپ، ئىچكى قىسىمىدا پەيدا بولىدىغان ئەكس سادا ئاۋازلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىدۇ. غىجەك ئۇيغۇر ئوركىستىرىدا كۆپرەك قوللىنىدىغان كامانچىلىق چالغۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

        دولان غىجىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاساسەن توي - تۆكۈن، مەشرەپ ۋە باشقا پائالىيەتلەردە چېلىنىدۇ. شەكلى، سازلىنىشى ئۆزگىچە بولۇپ، دەستىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە 12 قۇلاق ئورنىتىلغان. ئاتنىڭ قۇيرۇق قىلى تار ئورنىدا تارتىلغان.

      قۇمۇل غىجىكى قۇمۇل ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇ ئەسۋابى بولۇپ، قۇمۇل مۇقاملىرى ۋە خەلق ناخشىلىرىنىڭ كۈيلىرىنى چېلىشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. قۇمۇل غىجىكىنىڭ كامانچىسى ئات قۇيرۇقىنىڭ قىلىدىن ياسالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى كامانچىلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان .

      2.خۇشتار - ئۆزىنىڭ كۆركەم شەكلى ۋە يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكا ئوركىستىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتقان بىر خىل چالغۇ. خۇشتارنىڭ دەستىسى ئۈستىگە قۇشنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن، ئاساسىي گەۋدىسى چاپلىما راۋابقا ئوخشاش ياغاچ تارشىلىرىدىن چاپلىنىپ ياسىلىدۇ. چېلىش ئۇسۇلى غىجەك بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئاۋازى سۈزۈك ۋە جاراڭلىق ئاڭلىنىدۇ.

      3.راۋاب - ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئىچىدە كەڭ ئومۇملاشقان ۋەكىللىك خاراكتېردىكى بىر خىل چالغۇ ئەسۋابى. راۋاب ئادەتتە قۇلاق ئورنى، دەستىسى ۋە راۋاب بېشىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. راۋاب كۆپرەك ياڭاق، ئۆرۈك، چىنار ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ. يۈزىگە يىلان تېرىسى ئىشلىتىلىدۇ.

    راۋابنىڭ خەلق ئارىسىدا قەشقەر راۋابى، دولان راۋابى، چاپلىما راۋاب، باس راۋاب قاتارلىق خىللىرى بار.

       دولان راۋابى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇ ئەسۋابى بولۇپ، دولانلىقلارنىڭ توي - تۆكۈن، مەشرەپ ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلىرىدە كەڭ تۈردە چېلىنىدىغان ئۆزگىچە بىر خىل چالغۇ ئەسۋاب. ئاساسلىق تارلىرى ئۈچەي، قوشۇمچە تارلىرى سىم تارىدىن ئىبارەت.

       دۇتتار تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن، خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان ئاممىباب چالغۇلارنىڭ بىرى. دۇتتار ئۇزۇن دەستىلىك چالغۇ ئەسۋاب بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 130 سانتىمېتىر كېلىدۇ. كۆپىنچە ئۈجمە ياغىچىنىڭ تالالىرىدىن چاپلىنىپ ياسىلىدۇ. يۈزلۈكى نېپىز ئۈجمە ياغىچى تاختىسىدىن ياسىلىدۇ. دەستىسىگە 15 دانە پەدە باغلىنىدۇ. ئىككى تال ئۈچەي ياكى يىپەكتىن ئىشلەنگەن تار سېلىنىدۇ.

      4. قالۇن - قەدىمكى چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەتتە ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. ئەكس سادا ساندۇقى پەلەمپەي شەكلىدە بولۇپ، ئالدى تارراق، كەينى كەڭرەك، سول تەرىپى ئەگرى، ئوڭ تەرىپى تۈز بولىدۇ. قالۇننىڭ 16، 18 ۋە 24 تارىلىق شەكىللىرى بار. ھەر بىر تارىسى جۈپ سىم قىلىنىپ، بىر تەبىئىي ئاھاڭغا تەڭشەلگەن ۋە تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ تەبىئىي ئاۋاز باسقۇچلىرى رىتى بويىچە تىزىلغان. قالۇن دولان مۇقاملىرىنىڭ مۇھىم تەڭكەش قىلغۇچى چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى.

      5.تەمبۇر - ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەتتە ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ « شاھى » دەپ تەرىپلىنىدۇ.

      6.نەي - يانتۇ تۇتۇپ پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇ ئەسۋابى بولۇپ، ئۈستىدە كۆپلىگەن ئاۋاز تۆشۈكلىرى بولىدۇ. بارماقلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئاۋاز تۆشۈكلىرىنى تولۇق ۋە يېرىم ئېتىش ئارقىلىق خىلمۇ خىل ئاھاڭلارنى چېلىشقا بولىدۇ. ئادەتتىكى نەينىڭ سەككىز دانە تۆشۈكى بولىدۇ. ئەڭ قەدىمكى نەيلەر ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىدىن ئىككى ياكى ئۈچ تۆشۈكلۈك قىلىپ ياسالغان. ھازىرقى نەيلەر ئاساسەن بامبۇك قۇمۇشى ۋە مېتالدىن ياسىلىدۇ.

      7.سۇناي - ئادەتتە ئۆرۈك، چىلان ياكى قاتتىقراق ياغاچلاردىن ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ كىچىك ئۇچىدا قۇمۇشتىن ياسالغان ئاۋاز چىقىرىش پىيىكى بولۇپ، ئۇنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. چوڭ ئۇچى بارغانسېرى كېڭىيىپ، سىلىندىرلىق كاناي شەكلىدە ياسىلىدۇ. ئۈستىدە كۆپلىگەن تۆشۈكچىلەر بار بولۇپ، تۈر تۇتۇپ، بارماق بىلەن بېسىپ، پۈۋلەپ چېلىنىدۇ. ئۈستۈنكى تەرىپىدە يەتتە، تۆۋەندىكى تەرىپىدە سەككىز ئاۋازى تۆشۈكى بولىدۇ. سۇناي بىر خىل ياڭراق چالغۇ بولغاچقا، قەدىمدە ناغرا - دۇمباقلار بىلەن ھەربىي ئىشلاردىمۇ ئىشلىتىلىگەن.
      
      8.بۇرغا - ئەڭ قەدىمكى چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىر بولۇپ، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇلار ئىچىدە ئاۋاز كۈچى ئەڭ زور، ياڭراق بولغاچقا، قەدىمكى زاماندا ھەربىي پائالىيەتلەردە كۆپ قوللىنىلغان. بۇرغا دەسلەپتە كالا ۋە ئۆچكە مۈڭگۈزىدىن ياسالغان. مىس قوراللار دەۋرىدە مىستىنمۇ ياسالغانلىقى مەلۇم. بۇرغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 - 30 - سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، يېرىم ئەگمە شەكلىدە بولىدۇ. ئۇچلۇق تەرىپىنىڭ ئۇچىدا بىر دانە پۈۋلەش تۆشۈكى بار بولۇپ، تۈز تۇتۇپ، بارماق بىلەن بېسىپ، پۈۋلەپ چېلىنىدۇ. ئۈستۈنكى تەرىپىدە يەتتە، تۆۋەندىكى تەرىپىدە سەككىز ئاۋاز تۆشۈكى بولىدۇ. سۇناي بىر خىل ياڭراق چالغۇ بولغاچقا، قەدىمدە ناغرا - دۇمباقلار بىلەن ھەربىي ئىشلاردىمۇ ئىشلىتىلگەن.
          

    9. داپ - ئۇيغۇر ئوركىستىردىكى مۇھىم چالغۇ بولۇپ، ئادەتتە چالغۇ ئەسۋابلار ئىچىدە يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. داپ قەدىمكى سوقما چالغۇلىرىنىڭ تەرەققىي قىلغان بىر خىل تۈرى بولۇپ، ئاۋاز جۇشقۇن، ئۆزى يەڭگىل، ئىشلىتىشكە ئەپچىل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇ قول ئالقىنى ۋە بارماق بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدىغان چالغۇدۇر. داپنىڭ كەردىشى ئاساسەن ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. يۈزلۈكىگە ئات. ئۆچكە تېرىسى كېرىلىدۇ.
        گەردىشى ئىچىگە نۇرغۇنلىغان ئۇششاق تۆمۈر ھالقىلار ئېسىلغان بولۇپ، بۇ ھالقىلار داپ ئۇرۇلغاندا قوشۇمچە ئاۋازلارنى چىقىرىپ بېرىدۇ. داپنىڭ تۈرلىرى ھەر خىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىتىش ئورۇنلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ.

      10.ساپا - يە قەدىمكى زامان سوقما چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن ئۆرۈك، ياڭاق ۋە ئۈجمە ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ. يەنە بەزىلىرى كىيىك مۈڭگۈزىدىنمۇ ياسىلىدۇ. ساپايە ئادەتتە ئىككى تال دۈگىلەك، قىسقا ياغاچ ساپنى بىر - بىرىگە جۈپلەپ، ئۈستىگە ئىككى تال چوڭ تۆمۈر ھالقا بېكىتىپ ياسىلىدۇ. ھەر بىر تۆمۈر ھالقىغا ئون نەچچە تالدىن ئۇششاق تۆمۈر ھالقىلار ئۆتكۈزۈلگەن بولىدۇ. ساپايىنى تىك كۆتۈرگەندە، كىچىك تۆمۈر ھالقىلارنىڭ ياغاچ ساپقا تېگىشىش ئورنىغا ئاۋازى جاراڭلىق چىقىش ئۈچۈن قەلەي بېكىتىلىدۇ.
       قولنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ياغاچ ساپ يۇقىرى - تۆۋەنگە ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ، تۆمۈر ھالقىلار ياغاچنىڭ سېپىغا بىر خىل ئۇداردا ئۈزلۈكسىز تەگكۈزۈلىدۇ. نەتىجىدە بىر خىل رىتىملىق ئاۋاز پەيدا بولۇپ، مۇزىكا رىتىمىگە ئالاھىدە تۈس قوشىدۇ. ساپايە دەستىسىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 46 سانتىمېتىر، چوڭ ھالقىنىڭ دىئامېتىرى توققۇز سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. چېلىش جەريانىدا ساپايىنىڭ يۇقىرى ئۇچى ۋە تۆۋەنكى ئۇچىنى ئۇدارغا كەلتۈرۈپ ھەر بىر سىلكىگەندە ئوڭ مۈرە، قول ۋە باشقا جايلارغا يېنىك تەگكۈزۈپ قويۇلىدۇ.

       ھازىرقى زامان مىللىي ئوركىستىرلىرىدا، توي - تۆكۈن، مەشرەپلەردە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى چالغۇ ئەسۋابلىرىمىز بىلەن بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن، يوقالغان ياكى شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن قەدىمكى زامان چالغۇ ئەسۋابلىرىنى قوشۇپ ھېسابلىساق، ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ سانى 40 نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ.

    مەنبە: ئاسىيا كىندىكى گېزىتىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق