(پاسئان) كېچىنىڭ ئېنىقلىغۇچىلىرى

يوللىغۇچى : پاسئان يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-27 13:08:00

ئۇيقۇ ھەربىر يول ئېغىزى بىردىن ماشىنا ھەربىر ماشىنا بىردىن كۆچەت ھەربىر كۆچەت بىردىن بايراق ھەربىر بايراق بىردىن ئالقان ھەربىر ئالقىنىم يول ئېغىزى بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلغان. زىياپەت توپا ئوخچ...

        ئۇيقۇ ھەربىر يول ئېغىزى بىردىن ماشىنا ھەربىر ماشىنا بىردىن كۆچەت ھەربىر كۆچەت بىردىن بايراق ھەربىر بايراق بىردىن ئالقان ھەربىر ئالقىنىم يول ئېغىزى بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلغان. زىياپەت توپا ئوخچۇپ تۇرغان بولار، يېقىنلىقىمنى پۇلاڭلاتسام دېڭىز ئۇزىراش ئاسمىنىدا بولار، يىراقلىقىم بىرئاز تەۋرەنسە قىزىل رەڭ يىرتقۇچقا ئايلىنىۋاتقان بولار، ئاۋازىم مايسىلاشسا ھەم ھېچقايسىسى بولماس، مەن تولۇپ تاشمىسام زېمىن مەندىن ئاغرىنار، ئادەملەر قەھرىمنى شەكىللەندۈرەر سۇلار ئىتتىپاقلىشار، ئېقىنلار تۇزانىمدا ئاخىرلىشىشنى ئىستەر رەڭلەر ئۆز قۇشلىرىنىڭ تىرنىقىغا قونار ھەم ھېچقايسىسى بولماس، چۈش لەخمىسىنى ياساپ چىقمىسام توپان توپىسى قۇيۇلار، زېمىن ئەرمىكىم بولار رەڭلەر دولقۇنى چاڭگىلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈشەر، ئاسمان ئەرمىكىم بولار بىرنەرسە ھامىيلىگە ئوخشار، يارىتىش ئەرمىكىم بولار ھەم ھېچقايسىسى بولماس، قىزغىن ياسانمىسام بىراق، تولۇپ تاشمايمەن، سۈكۈت دەرىخىگە مېۋە ئاسىمەن يەنە چۈشنىڭ لەخمىسىنى لەخمەم بىلەن پارە – پارە قىلىۋېتىمەن تېخى بۇنچىۋالا قىزغىنلىقىمنى ياسانماسلىققا ئۆتۈنۈپ بېرىمەن ھەم ھېچقايسىسىنى بولدۇرمايمەن، زىياپەت داۋاملاشمىسا... مۈكچىيىۋاتقان مۈكچىيىپ ئولتۇرغىنىم ئولتۇرغان قىپقىزىل گىلەمدىن ئۆرلەۋاتقان ئېھتىماللىقتا ماۋۇ تۆمۈر ئىشكاپنىڭ ئولتۇرۇشىدىنمۇ مۇقەددەم مەن مۈكچىيىۋاتقان تۇزان تەختىدە قەغەز تۇپراقنىڭ بۇلۇت تاملارنىڭ سىياھ تۇرۇبىلارنىڭ شۇنداقلا بارلىق ئومۇملاشتۇرۇشلارنىڭ پارچىلىنىشى ئۇزۇن بىر ئۆچرەتنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە بىربىرلەپ مۇستەقىللىقى ئىلان قىلىنىدۇ ئاندىن مۈكچىيىش خادىمى ئۇلارنى بىربىرلەپ سۈمۈرىدۇ كېچىنىڭ ئېنىقلىغۇچىلىرى ئۇنىڭ توختا دەپ، لامپۇچكىلارنىڭ ئۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئاندىن خاتىرىلەپ قانداق ئۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئاخىرىدا بىراقلا قارىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم مېنىڭ توختا دېمەيمۇ لامپۇچكىنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىمنى تۇرغانلىقىمدىن ئىلگىرى تۇرۇش شەرتىنى ئوقۇپ كۆرمىگەنلىكىمنى شۇڭا لامپۇچكىلارغا پۈتۈنلەي ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىمنى كۆردى سېنىڭ «توختا» دېگەن پېئىلنى شەكىللەندۈرگەن تۇنجى لامپۇچكىلىقىڭ ياكى قاراڭغۇلۇق كۆلچىكىنى كولاۋاتقان سۇبيېكتىپ مەيدانلىقىڭ ياكى مەن بىلەن ئۇنى تېزىملىكتىن ئۆچۈرۈۋەتمىگەنلىكىڭگە قاراپلا ماكانسىز ئۇچلىرىمىزنى زۇلمەت مارجىنىغا بىللە ئۇلايمىز.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پاسئان