پايدىلىق قۇشلار

يوللىغۇچى : Kurshat يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-22 14:48:00

پايدىلىق قۇشلار مۈشۈكياپىلاق بىر مۈشۈكياپىلاق بىر يىلدا 500دىن ئارتۇق غاجىلغۇچى ھايۋاننى يوقىتىدۇ،بۇنىڭ كۆپ قىسمى زىيانداش چاشقاندۇر .سىتاستىنكا قىلىنىشچە ،بىر چاشقان بىر يىلدا 2 كىلوگىرام ئاش...

    پايدىلىق قۇشلار

          مۈشۈكياپىلاق
          بىر مۈشۈكياپىلاق بىر يىلدا 500دىن ئارتۇق غاجىلغۇچى ھايۋاننى يوقىتىدۇ،بۇنىڭ كۆپ قىسمى زىيانداش چاشقاندۇر .سىتاستىنكا قىلىنىشچە ،بىر چاشقان بىر يىلدا 2 كىلوگىرام ئاشلىق يەپ بولىدىكەن،بىر مۈشۈكياپىلاق بىر يىلدا ئىنسانلارنىڭ بىر توننا ئاشلىقىنى تېجەپ بېرىدىكەن.


     تۆمۈرتۇمشۇق
        بىر تۆمۈرتۇمشۇق بىر كۈندە ئورمانلىقتىكى 3000دىن ئارتۇق زىيانداش ھاشارەتنى يەۋىتىدىكەن. 100گېكتار ئورمانلىقتا 2جۈپ تۆمۈرتۇمشۇق بولسىلا ،ئورمانلىقتىكى قۇرتلارنى كونتۇرۇل قىلغىلى بولىدىكەن..

    قارىغوجا
       دۇنيانىڭ ئاشلىق باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، غەبى ئافرىقىدا ئۇدا يۈز بېرىدىغان ئاچارچىلىق سەۋەپ بولىدىغان چېكەتكە ئاپىتى ئەمەلىيەتتە ئۇ جايلاردا مەخسۇس چېكەتكە يەيدىغان قارىغوجىلارنىڭ زور كۆلەمدە ئازىيىپكېتىپ چېكەتكىلەرنىڭ تەبىئى كۈشەندىسى يوق ھالەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى كۆپىيىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كىشىلەر يەر ئاستى سۈيىنى ئاسرىمىغانلىقتىن بۇ جايلاردا ئۆسۈملۈك يېپىنچىسى بۇزۇلغان، دەل-دەرەخلەر قۇرۇپ كېتىپ قۇشلار پانالانغۇدەك ماكان قالمىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە غەربى ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى كىشىلەر قارا غوجىنى كۆپلەپ تۇتۇپ يىيىشىمۇ قارىغوجىلارنىڭ سانىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىكى بىر سەۋەپ.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-29 17:31:14]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق