ئېينىشتىيىن ۋە بىر ۋاراق قەغەز

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-29 18:25:22

ئېينىشتىيىن يەھۇدىي ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققان بولسىمۇ لېكىن گېرمانىيىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئىدى، ئۇ دەسلەپتە دىنىي جەمئىيەت ئاچقان مەكتەپكە كىرگەن بولۇپ، مەكتەپتە ئەيسا مەسىھنىڭ يەھۇدىيلار تەرىپىدىن چاپراس ياغاچقا مىخلىنىپ تارتقان ئازابلىرى ئۈچۈن ياش تۆكس

     
    ئېينىشتىيىن ۋە بىر ۋاراق قەغەز
     
      ئېينىشتىيىن يەھۇدىي ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققان بولسىمۇ لېكىن گېرمانىيىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئىدى، ئۇ دەسلەپتە دىنىي جەمئىيەت ئاچقان مەكتەپكە كىرگەن بولۇپ، مەكتەپتە ئەيسا مەسىھنىڭ يەھۇدىيلار تەرىپىدىن چاپراس ياغاچقا مىخلىنىپ تارتقان ئازابلىرى ئۈچۈن ياش تۆكسە، ئۆيىدە يەھۇدىيلارنىڭ ئۇچرىغان تارىخىي كۈلپەتلىرى ئۈچۈن ئازاپلىناتتى...
      ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ئۆگىنىش نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، كاللا ئىشلىتىشكە ماھىر، باشقىلار ئاسانلىقچە ئويلىيالمايدىغان نەرسىلەرنى ئويلايتتى.
      بىر قېتىم قول ھۈنەر دەرسىدە مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا قەغەز كۇرۇپكا قاتلاشنى ئۆگەتتى. باشقا ساۋاقداشلار قەغەز كۇرۇپكا قاتلاش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقاندا، مۇئەللىم ئېينىشتېيىننىڭ پارتىغا بېشىنى قويۇپ ياتقانلىقىنى بايقىدى. مۇئەللىم ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ:
    نېمىشقا قەغەز كۇرۇپكا قاتلىمايسەن؟ دەپ سورىدى.
      ئېينىشتىيىن قايتۇرۇپلا مۇئەللىمدىن:
      مۇئەللىم بىر ۋاراق قەغەزنىڭ قېلىنلىقى قانچىلىك كېلىدۇ؟-دەپ سورىدى.
      بۇنى بىلىش ئاسان،-دېدى مۇئەللىم چۈشەندۈرۈپ،-سەن ئاۋۋال 100 ۋاراق قەغەزنىڭ قېلىنلىقىنى ئۆلچىۋالغاندىن كېيىن چىققان نەتىجىنى 100 گە بۆلسەڭلا بىر ۋاراق قەغەزنىڭ قېلىنلىقى چىقمامدۇ؟
      ئېينىشتىيىن بىر ۋاراق قەغەزنىڭ قېلىنلىقىنىڭ 0.08 مىللىمىتىر كېلىدىغانلىقىنى ھىساپلاپ چىقتى. مۇئەللىم بۇ چاغدا بىر ماتېماتىكىلىق مەسىلىنى ئويلاپ چىقىپ، ئوقۇغۇچىلاردىن سورىدى.
    -ساۋاقداشلار، بايا ئېينىشتىيىن بىر ۋاراق قەغەزنىڭ قېلىنلىقىنىڭ 0.08 مىللىمىتىر كىلىدىغانلىقىنى ھىساپلاپ چىقتى، ناۋادا بۇ بىر ۋاراق قەغەزنى 30 قېتىم قاتلىساق، قانچىلىك ئېگىزلىكتە بولىدۇ؟
    ساۋاقداشلار قۇشقاچتەك ۋىچىرلاپ مۇنازىرىگە چۈشتى.
    10-  مېتىردىن ئىگىزرەك كېلەرمىكىن،- دېدى بىر ساۋاقداش.
    -بەك پاكار بولۇپ قالدى،- دېدى مۇئەللىم.
    -10 قەۋەت بىنادەك كېلىدۇ،-دېدى يەنە بىر ساۋاقداش. مۇئەللىم يەنە بېشىنى چايقىدى. بۇ چاغدا ئېينىشتىيىن ئورنىدىن تۇرۇپ:
    -ئالپ تېغىدىنمۇ ئېگىز بولۇپ كېتىدۇ،-دېدى. ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشىگىلا سىنىپتا پاراققىدە كۈلكە كۈتۈرۈلدى. بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن، نېپىز بىر ۋاراق قەغەزنى 30 قېتىم قاتلىسا تاغدەك ئېگىز بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس بىر ئىشتە، دېيىشتى ساۋاقداشلار.
      مۇئەللىم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ،-ئېينىشتېيىننىڭ ئېيتقىنى توغرا،-دېدى.  بۇ گەپ بىلەن سىنىپنىڭ ئىچى قايناۋاتقان قازاندەك جىمىپ كەتتى. راستىنلا شۇنداق ئېگىز بولۇپ كىتەرمۇ، ھەيران قېلىشتى ساۋاقداشلار. ئېينىشتىيىن ھودۇقماستىن دوسكىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بىر ۋاراق قەغەزنى 30 قېتىم قاتلىغاندىن كىيىنكى نەتىجىنى ھىساپلاپ بەردى. دەرۋەقە 0.08 مىللىمىتىر كېلىدىغان بىر ۋاراق قەغەز 30 قېتىم قاتلىغاندىن كېيىن قېلىنلىقى 85899 مېتىرغا يەتتى. بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق تاغدىنمۇ ئېگىز ئىدى.
      ئادەمنىڭ ھامان ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىكى بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، يىتەرسىزلىكنى تولۇقلاشنى ئۆگۈنىۋېلىش. ئۆسمۈر ئېينىشتېيىننىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ كاللا ئىشلىتىشكە ئامراق. ھەرقانداق بىر مەسىلىنىڭ تېگى-تەكتىگە يىتىپ جاۋابىنى تاپمىغۇچە قانائەت قىلمايدۇ. دەل مۇشۇنداق ئىزدىنىش روھى ئۇنىڭ كىيىنكى كۈنلەردە دۇنياغا مەشھۇر فىزىكا ئالىمى بولۇپ چىقىشىغا ئاساس سالغان.
     
    مەشھۇر كىشىلەر دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى
    مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.