گوگول شىركىتى يېڭى ماركا ياراتماقچى ھەم كومىيۇتېر قاتتىق دېتال ساھەسىگ

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-23 01:24:43

Google دىن Speedbook دىگەن يېڭى ماركا، كومپيۇتېر قاتتىق دېتال ساھەسىگە يۈرۈش جۇڭگو تور خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرى: solidot.org نىڭ دىيىشىچە، "Google ئىزچىل كومپيۇتېر قاتتىق دېتال ساھەسىگە يۈرۈش قىلىپ، داڭلىق...

    Google دىن Speedbook دىگەن يېڭى ماركا، كومپيۇتېر قاتتىق دېتال ساھەسىگە يۈرۈش

     

        جۇڭگو تور خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرى: solidot.org نىڭ دىيىشىچە، "Google ئىزچىل كومپيۇتېر قاتتىق دېتال ساھەسىگە يۈرۈش قىلىپ، داڭلىق ماركا يارىتىشنى نىيەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە Google ئامېرىكا پاتېنت ۋە تاۋار ماركا ئىدارىسىغا يوللىغان ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە Google <كومپيۇتېر قاتتىق دېتالى> ساھەسىگە مەخسۇس ئىشلىتىدىغان Speedbook ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرغان. بۇ ماركا مەخسۇس <كومپيۇتېر قاتتىق دېتالى> ساھەسىگىلا ئىشلىتىلىدىكەن.

    بۇنىڭدىن ئىلگىرى تاراتقۇلاردا ئىزچىل ھالدا  Google ئۆتكەن يىلى كۈزدىن باشلاپ Chrome نىڭ تور نەشىرىنى كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ، دىيىلگەن بولۇپ، ئانالىزچىلار Google بۇ قېتمقى ماركا ئىلتىماسىدا كۆرسىتىشىچە ئۇلار ئادەتتىكى ئۈستەل كومپيۇتېرلىرىنى ياساش ساھاسىگە يۈرۈش قىلماقچى دەپ قارىغان. ئامېرىكا پاتېنت ۋە تاۋار ماركا ئىدارىسىنىڭ ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشچە، "Speedbook " ماركىسىنى ئەسلىدە "جۇڭگو-ئامېرىكا ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى"(.China America Electronics Corp. Ltd) ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، ئۇ شىركەت بۇ ماركىغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىدىن ئۆتكەن يىلى ۋاز كەچكەن.

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-25 11:22:47]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر Google