قان تىپىنىڭ بايانى

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-17 11:35:03

قان تىپىنىڭ بايانىئا قان تىپىدىكىلەرئالاھىدىلىكى: مۇلايىم، ئېغىر-بېسىق، زىل، ئىنچىكە، كەمتەر، مېھرىبان، ھەمكارلىشىشقا، قۇربان بېرىشكە تەييار، جىمغۇر.كەمچىلىكى: ھەممە ئىشتىن غەم يەپ، تەشۋىشل...



     

    قان تىپىنىڭ بايانى

    ئا قان تىپىدىكىلەر

    ئالاھىدىلىكى: مۇلايىم، ئېغىر-بېسىق، زىل، ئىنچىكە، كەمتەر، مېھرىبان، ھەمكارلىشىشقا، قۇربان بېرىشكە تەييار، جىمغۇر.

    كەمچىلىكى: ھەممە ئىشتىن غەم يەپ، تەشۋىشلىنىپلا تۇرىدۇ. ئىرادىسى ئاجىز، ئاسانلا ھېسسىياتقا بېرىلىپ كېتىدۇ، زىيادە مىسكىن، ئۈمىدىسز، نومۇسچان، بېكىنمىچىلىكى ئېغىر.

    تىپىك ئالاھىدىلىكى: ئۆزىگە ئىشىنىشى كەمچىل، شۇڭا ئاسانلىقچە باشقىلارغا ئىشەنمەيدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدۇ.

    ئو قان تىپىدىكىلەر

    ئالاھىدىلىكى: ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدۇ، ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدۇ. جانلىق، تېتىك، پۈتۈن ۋۇجۇدى ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، ئەمەلىيەتچىل، كەڭ قورساق، ئوچۇق-يورۇق، تۈز.

    كەمچىلىكى: جاھىل، ئۆزۈمچىلىك خاھىشى زىيادە كۈچلۈك.

    تىپىك ئالاھىدىلىكى: ئۆزىنى زىيادە مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

     

    ب قان تىپىدىكىلەر

    ئالاھىدىلىكى: بىغەم، خۇشخۇي، تېتىك، نازۇك، ئۈمىدۋار،قاينام-تاشقىنلىقنى خالايدۇ.

    كەمچىلىكى: ھەممىگە تەڭ ئېسىلىۋالىدۇ، ئاسانلا ئىرادە قىلغان ئىشىدىن يېنىپ قالىدۇ. قاپ يۈرەك، ئىرادىسىز، ھە دېسە نام قازىنىشنى قوغلىشىدۇ. كىچىككىنە ئىشلار سەۋەبىدىن ئىرادىسى بوشىشىپ قالىدۇ. ئىش-ھەرىكىتىنى سەل چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

    تىپىك ئالاھىدىلىكى: ئۆزىنى ئۆزى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىدىيىسى كۈچلۈك. ئۆزىگە بەك ئىشىنىدۇ.

     

    ئا ب قان تىپىكىدىكىلەر

    ئالاھىدىلىكى: بۇ قان تىپىدىكىلەرنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك، مۇلايىم، يېقىملىق، قىزغىن، كېلىشتۈرۈشكە ماھىر. ھېسداشلىققا، ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشقا، باشقىلار ئۈچۈن قۇربان بېرىش روھىغا باي.

    كەمچىلىكى: ئايال بولسا مىجەزى ئىتتىك ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئاسانلا ئاچچىقلىنىدۇ. چېچىلغاقراق، ھە دېسىلا ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن ئاغرىنىپ يۈرىدۇ. سەل سۆرەلمىرەك كېلىدۇ. ئەر بولسا سوغۇققان، بىپەرۋا كېلىدۇ.

    تىپىك ئالاھىدىلىكى: ئايال بولسا زىيادە مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدۇ. ئەر بولسا ئىشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشكە ئامراق، ئەقلىي تەپەككۈرى كۈچلۈك، ئەقىل بىلەن ئىش كۆرىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قان _