ئېغىز بالاسى

يوللىغۇچى : akpar يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-27 16:06:00

ئېغىز بالاسى يەكشەنبە كۈنى.دېھقان بامدات نامىزىنى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن ئاۋۋال بوز ئېشەككە سامان سېلىپ بەردى.ئاندىن چېيىنى ئىچىپ بۇلۇپ،ئېشىكىنى ھارۋىغا قىتىپ بازارغا يول ئالدى.<ئاللاغا ئامانە...

    ئېغىز بالاسى

    يەكشەنبە كۈنى.دېھقان بامدات نامىزىنى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن ئاۋۋال بوز ئېشەككە سامان سېلىپ بەردى.ئاندىن چېيىنى ئىچىپ بۇلۇپ،ئېشىكىنى ھارۋىغا قىتىپ بازارغا يول ئالدى.<ئاللاغا ئامانەت>دېدى ئايالى ئۇنى ئۇزىتىۋېتىپ،شۇنداق دەپ بۇلۇپ تۇرۇپلا كۇڭلى سەل ئۆيگەندەك بولدى ئايالنىڭ.دېھقان بۈگۈن ئىككى ئايدىن بېرى گۆش يەپ باقمىغان تۆت بالىسىنىڭ تەلىپى بۇيىچە بازاردىن يېرىم جىڭ گۆش ئىلىپ ئايالىغا چۆچۈر ئەتكۈزمەكچى ئىدى.دېھقان بازاردىن گۆش سېتىۋىلىپلا ھايال بولماي ئۆيگە قاراپ يول ئالدى. قوشنا يېزىسىدىكى بىر دېھقانمۇ بازاردىن يانغان بۇلۇپ،ئۇنىڭ كەينىدىن ئىشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ كىلىۋاتاتتى. -بۈگۈن بازاردا شۇنچە جىق سودىلىق قىلساممۇ، يەنە ئىككى مىڭ كوي ئېشىپ قاپتۇ،-دېدى ئۇ كەينىدىكى دېھقانغا قاراپ.-شۇنداقمۇ؟بۈگۈن بالىلارنى بىر خوش قىلىۋېتەي دەپسىلىدە؟-دەپ سورىدى ئۇ دېھقان.-،شۇنداق،-دېدى ئۇ خۇشال ھالدا.ئۇلارنىڭ پارىڭىنى يول چېتىدە تاماكا چېكىپ ئولتۇرغان بىر ئوغرى ئاڭلاپ قالدى-دە،دېھقاننىڭ پېيىگە چۈشتى.ئىككى دېھقان پاراڭلاشقاچ مېڭىپ بىر ئاچا يولغا كەلگەندە ئايرىلىشتى.ئوغرى ھېلىقى <2000كوي پۇلى ئېشىپ قالغان> دېھقاننىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ ماڭدى.يولنىڭ ئىككى تەرىپى قۇيۇق جىگدىلىك بۇلۇپ ،ئەتراپتا ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى.پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن ئوغرى پىچىقىنى ئالدى-دە،دېھقاننى ئۆلتۈرۈپ،يېنىنى ئاختۇردى.ئاختۇردىيۇ،داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى:ئوغرىنىڭ قولىدا مايلىشىپ،پۈرلىشىپ كەتكەن ئىككى موچەن تۇراتتى....

     ئاپتورى؛گۈيەمنىسا

    بەختى بېشىڭ نەدىن كېتەر،تېلىڭدىن

     ئۇيغۇر خەلق تەمسىللىرىدىن قىستۇرما

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق