جىددىي ئەسكەرتمە

يوللىغۇچى : ijadiyet يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-27 13:45:00

ئىجادىيەت مۇنبىرى([url]www.ijadiyet.com[/url]) قۇرۇلۇش تەييارلىقىدىن تاكى پۈتۈپ چىققۇچە يېرىم يىلچە ۋاقىت كەتتى. بىز بۇ جەرياندا خۇددى باشقا ئەستايىدىل تور بەت قۇرغۇچىلىرىغا ئوخشاشلا ناھايىتى كۆپ جاپا چ...

        ئىجادىيەت مۇنبىرى([url]www.ijadiyet.com[/url]) قۇرۇلۇش تەييارلىقىدىن تاكى پۈتۈپ چىققۇچە يېرىم يىلچە ۋاقىت كەتتى. بىز بۇ جەرياندا خۇددى باشقا ئەستايىدىل تور بەت قۇرغۇچىلىرىغا ئوخشاشلا ناھايىتى كۆپ جاپا چەكتۇق. تور بەتنىڭ قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنى تەقلەش، مۇھەررىرلەرنى تاللاش، دائىملىق ئاپتورلارنى تەكلىپ قىلىش، تېخنىكىلىق ئىشلار... قاتارلىقلار بىزنىڭ كۆپ زېھنىمىز، ئىقتىسادىمىز ۋە ۋاقتىمىزنى ئىگىلىدى. سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى تەشكىللەش، ئاپتورلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش، قول يازما ھالىتىدىكى ئەسەرلەرنى، باشقا تىل-يېزىقتىكى ئەسەرلەرنى رەتلەش، تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىمىزنى ئۆزىمىزدىن باشقا بىرەر كىمنىڭ تەسەۋۋۇر قىلمىقى تەس. قىسقىسى، سىزنىڭ كۆرىدىغىنىڭىز مۇنبەردىكى سۈپەتلىك، پاكىز ئەسەردىن ئىبارەت، لېكىن ئىجادىيەت مۇنبىرىدىكى مۇھەررىرلەرنىڭ موشۇ ئەسەرلەرنى سىزگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئارقا سەھنىدە چەككەن جاپالىرىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز! ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنبىرىمىزگە مۇھەررىرلەرنى تەكلىپ قىلىش، ئەسەر تەستىقلاشتا ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەپ كېلىۋاتىمىز. مەسئۇل مۇھەررىرلىرىمىز ئارىسىدا ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن، تەتقىقات ۋە ئىجاد ئەتكەن كىشىلەر، قانۇن بىلىمى مول، دۆلەت تەرىپىدىن تەھرىرلىك لاياقەتنامىسى بېرىلگەن كىشىلەر، شۇنداقلا ئىملا ۋە تېخنىكا جەھەتتە يېتىلگەن كەسىپ ئىگىلىرى بار. بىز مانا موشۇ قوشۇنغا تايىنىپ سىياسىي ئۆتكەل ۋە سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتىمىز.

         بىز مۇنبەر ئېچىلغان ھامان مۇنبەر باياناتىنى، شۇنداقلا تورداشلار بۇ مۇنبەردە مەشغۇلات قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى مۇنبىرىمىزنىڭ ئىرادىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغانىدۇق. مانا مۇشۇ تۈزۈم خاراكتېرلىك يازمىلاردا بىز مۇنبىرىمىزدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى بىردەك باشقا مۇنبەرلەردە تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، شۇنداقلا باشقا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىمۇ مۇنبىرىمىزگە كۆچۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى، مۇنبىرىمىزنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك بىرىنچى قول ئىجادىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدۇق، لېكىن قىسمەن تورداشلارنىڭ ئەسەر كۆچۈرۈشىگە نىسبەتەن ئۆز پىكرىمىزنى يەنە تەكرارلاشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. بىزنىڭ ئىجادىيەت مۇنبىرىدىن باشقا مۇنبەرلەرگە ئەسەر كۆچۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىشىمىزدىن سەۋەب مۇنداق:

         1- مۇنبىرىمىز بىر تۈركۈم مۇنتىزىم ئاپتورلار قوشۇنىغا ئىگە. بۇ ئاپتورلار بىلەن مۇنبىرىمىز ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن كېلىشىم بار. موشۇ كېلىشىمدە ئاپتورلار بىرىنچى قول ئەسەر بىلەن تەمىنلەيدىغان، ئۇنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقۇقى ئىجادىيەت مۇنبرىدە بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. شۇنداقلا ئىجادىيەت مۇنبىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بۇنداق كېلىشىم تۈزمىگەن تورداشلار مۇنبىرىمىزگە ئەسەر يوللىسا، تىزىملاتقاندا كۆرۈنگەن مۇنبەر كېلىشىمنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن، موشۇ كېلىشىم بويىچە ئۇنىڭ ئىجادىيەت مۇنبىرىدە ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنى باشقا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. دېمەك، تور بەتلەر ئارا ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپى بويىچە ئىجادىيەت تورىدىن باشقا مۇنبەرگە ھەرقانداق سەۋەب ۋە چۈشەنچە بىلەن ئەسەر كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. پەقەت قىسمەن نەقىل ئالسا، نەقىلدىن كېيىن ئاپتور بىلەن ئىجادىيەت مۇنبىرىنى ئەسكەرتسە بولىدۇ، نەقىلنىڭ ھەجىمى ئەسلى ئەسەر ھەجىمىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن چوڭ بولماسلىقى كېرەك.

        2- خۇددى يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، بىز مەخسۇس كەسىپ ئىگىلىرى ئارقىلىق سىياسىي ئۆتكەل ۋە سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتىمىز. بىز باشقا مۇنبەرلەرنىڭمۇ موشۇنداق چىڭ تۇتىدىغان-تۇتمايدىغانلىقىغا ھۆددە قىلالمايمىز، بولۇپمۇ سىياسىي جەھەتتە شۇنداق. گەرچە مەلۇم بىر ئەسەر ئىجادىيەت مۇنبىرىدىن باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈلگەندە، ئۇنىڭدىكى مەزمۇندا ئۆزگىرىش بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا قايتۇرۇلغان ئىنكاسلاردا ئەسلى ئەسەر مۇددىئاسىنى بۇرمىلايدىغان ياكى ئەسەرگە مۇناسىۋەتسىز، خاتا قاراشلارنى ئىنكاس سۈپىتىدە چاپلاپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇنداق ئىنكاسلار مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە شەخسلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقاندا، گەرچە ئەسەرنىڭ ئۆزىدە مەسىلە بولمىسىمۇ، شۇ ئەسەرگە يېزىلغان ئىنكاستىكى خاتالىق تۈپەيلى ئەسەر، ئاپتور ۋە مۇنبىرىمىز بۇ خاتالىققا چېتىلىپ قېلىشى مۇمكىن. گەپنىڭ قىسقىسى، بىز ئۆز مۇنبىرىمىزدىن چىقىپ كەتكەن ئەسەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى پاكىزلىقىغا ھۆددە قىلالمايمىز، شۇڭا ئەسەر كۆچۈرۈشنى چەكلەش ئارقىلىق بۇ خەۋىپنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.

         3- ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى ھەرخىل. ئەگەر سىز بىزنىڭ مۇنبىرىمىزدىكى مەلۇم ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز، ئۇنى باشقا مۇنبەرلەردە تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق! سىز شۇ چاپلىماقچى بولغان مۇنبەرگە "ئىجادىيەت مۇنبىرىدە مۇنداق بىر ئەسەر باركەن كۆرۈپ قويۇڭ" دېگەن مەزمۇندا ئۇچۇر بەرسىڭىز، ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىزلا "باشقىلارغا بىلدۈرۈش"تىن ئىبارەت ياخشى نىيىتىڭىزگە تامامەن يېتەلەيسىز. بىزنىڭ مۇنبىرىمىز سىلاۋىيانچە ياكى لاتىنچە ئەمەس، شۇڭا ئۇ مۇنبەردە كۆرسىتىش بىلەن بۇ مۇنبەردە كۆرسىتىشنىڭ كۆرگۈچىگە نىسبەتەن ھېچبىر پەرقى يوق. مۇنبىرىمىز خادىملىرىنىڭ بىرمۇنچە جاپا تارتىپ بىر تالاي كىشىلەر ۋە ئەسەرلەرنى توپلىشى باشقا مۇنبەرلەرنىڭ ئەسەر كۆچۈرۈپ، ئۆز ئابونتلىرىنى كۆپەيتىۋېلىشى ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاش ئەمەس، بەلكى موشۇ ئەسەرلەر ئارقىلىق ئىجادىيەت مۇنبىرىنىڭ ئاپتورلار ۋە ئوقۇرمەنلەر قوشۇنىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ ئەسەر كۆچۈرۈشىڭىز بىزگە زىيانلىق. تورداشلارنىڭ پرىنسىپسىز ئىشلارنى ئازراق قىلىشىنى، ياخشى نىيەت بىلەن قىلدىم دەپ ئويلاپ، يامان ئادەتنى ئاينىتىۋەتمەسلىكىنى سەمىمىي ئۆتۈنىمىز!

        ئىجادىيەت مۇنبرى 2007-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق