چەتئەلدە زاۋۇت قۇرۇش -چەتئەل شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىشتىن پايدىلىق بولۇشى

يوللىغۇچى : arz يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-09 11:27:26

چەتئەلدە ئۆزى ئىگە بولۇپ زاۋۇت قۇرۇش -چەتئەل شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىشتىن پايدىلىق بولۇشى مۈمكىن جۇڭگو كارخانىلىرىنى خەلقئارالاشتۇرۇش جەريانىدا، سېتىۋېلىش تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىشتىكى بىر ۋاسىتە،...

     چەتئەلدە ئۆزى ئىگە بولۇپ زاۋۇت قۇرۇش -چەتئەل شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىشتىن پايدىلىق بولۇشى مۈمكىن

     جۇڭگو كارخانىلىرىنى خەلقئارالاشتۇرۇش جەريانىدا، سېتىۋېلىش تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىشتىكى بىر ۋاسىتە، چەتئەلدە زاۋۇت قۇرۇش بىر مۇستەقىل خاراكتېردىكى خەلقئارالاشقان يول. ئاپتور ماشىنا، ياساش كەسپىي جەھەتتە، چەتئەلدە زاۋۇت قۇرۇش بولسا جۇڭگو ياساش كەسپىي ماركىسى تەرەققىياتىدىكى توغرا تاللاش دەپ قارايدۇ.
     
     نۇرغۇن كىشىلەر 31- تۇەننىڭ گىرمانىيىدە مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشىنى ئانچە چۈشەنمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇلارنىڭ ماشىنا، ئۈسكۈنە، ياساش كەسپى جەھەتتىكى كونكرېت ئەھۋاللارنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن بولغان.
     گىرمانىيىدە زاۋۇت قۇرۇش ماددىي ئەشيا جەھەتتىكى تەننەرخنى ئۈنۈملۈك كېمەيتەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە گىرمانىيىدە تەمىنىلەش زەنجىرى جەھەتتىكى ئىستىراتېگىيىلىك ئىتتىپاقداش ئىكەنلىكىمۇ نەزەردە تۇتۇلغان، بىناكارلىق ماشىنىلىرى بازىرى ھەرگىزمۇ سېتىۋالغۇچى تەرەپ بازىرى ئەمەس، بەلكى ساتقۇچى تەرەپ بازىرى.
     2007 - يىلىدىن 2008 - يىلىغىچە جۇڭگو بىناكارلىق كەسپىي ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان مەزگىل، گىرمانىيىىدىكى بىر قىسىم ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى كارخانىلىرى سېتىۋالغۇچى تەرەپنىڭ بىر يىللىق ئالدىن تاپشۇرۇش پۇلى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، يەنە كېلىپ يەنىلا مالنى نورمال ھالەتتە تاپشۇرۇپ ئالالمىدى. شۇڭلاشقا، پەقەت تەمىنلەش زەنجىرىگە قاتناشقاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ بۇ ساھەدىكىى پىكىر بايان قىلىش كۈچىنى ئاشۇرالايدىغانلىقىنى بىلدى.
     ئەمما، بىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلە گىرمانىيە بازىرىنىڭ جۇڭگو ياساش ماركىسىنى مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىدىن ئىبارەت. گىرمانىيە بولسا دۇنيا دەرىجىلىك سايمان ئىشلەپچىقىرالايدىغان كارخانىلار دۆلىتى، گىرمانىيە مەدەنىيىتى ئېھتىياتچان پەن - تېخنىكىسى بىلەن نام چىقارغان، گىرمانىيە خەلقىنىڭ ياساش كەسپىگە بولغان قىزغىنلىقى خۇددى جۇڭگولۇقلارنىڭ قورۇما قورۇش ۋە باغۋەنچىلىككە بولغان قىزىقىشىدەكلا كۈچلۈك. يا قىلماسلىق، قىلغاندىن كېيىن چوقۇم ئەڭ ياخشى قىلىش، ئەڭ نەپس مەھسۇلات ياساش كېرەك. بۇ خىل مەدەنىيەت گىرمانىيىنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى ياساش كارخانىلىرى دۆلىتى بولۇشى ئۈچۈن ئارقا تېرىكى بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ماشىنا، بىناكارلىق ياساش كەسپىي ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك تەركىب.
     دۇنيا ئاللىقاچان ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلدى، جۇڭگو كارخانىلىرىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتا «خەلقئارالاشقان مەنبەدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارالاشقان جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى كۆتىرىش»نى چوقۇم ئويلىشىشمىز كېرەك.«كۆپرەك چىقىرىپ، كۆپرەك پېرېۋوت يارىتىش» بولسا خەلقئارالاشتۇرۇش نۇقتىنەزىرىنى بىر تەرەپلىمىلىككە ئۆزگەرتىش بولۇپ، جۇڭگو كارخانىلىرى پەقەت چىقىرىش، پېرېۋوت يارىتىش جەھەتتىلا كۈچ چىقىرىشنى ئويلىماستىن، تەمىنلەش زەنجىرىدىن باشلىشى ، دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مەنبەدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى تولۇقلىشى كېرەك.
    چەتئەلدە ئۆزى ئىگە بولۇپ زاۋۇت قۇرۇشقا سېلىشتۇرغاندا، سېتىۋېلىش يولىغا مېڭىش بەش تۈرلۈك چەكلىمىگە دۇچار بولىدۇ دەسسىتىدۇ.
     بىرىنچىسى، مەدەنىيەت چەكلىمىسى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا، ياپونىيە كارخانىلىرى ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن شىركەتلەرنى سېتىۋالغان، ئەمما نەتىجىدە، مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %20 كىمۇ يەتمىگەن، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مەدەنىيەت پەرقى چەكلىمىسىدىن بولغان،
     ئىككىنچىسى، باشقۇرۇش پەرقى چەكلىمىسى. پەقەت قىسقىغىنە 30 يىللىق تارىخقا ئىگە، ئاساسىي ئاجىز، تەجرىبىسى كەمچىل بولغان جۇڭگو كارخانىلىرى نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە دۇنياۋى كارخانىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ كېتەلەرمۇ؟ بىز چوقۇم ئۆزىمىزنى دەڭشەپ بېقىشىمىز كېرەك.
    ئۈچىنچىسى، قانۇن پەرقى چەكلىمىسى. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئارقا كۆرۈنۈشى جۇڭگو بىلەن ئوخشاش ئەمەس، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كۈچى كۈچلۈك، ئىشچىلارنى خىزمەتتىن بوشىتىش مەسىلىسىنىڭ ئۆزىلا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغايدۇ. جەنۇبى ئامېرىكىدا ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ۋەقەسىگە دۇچ كەلگەن جوڭگۇ كارخانىلىرىنىڭ نىمە قىلىشىنى بىلمەي قېلىشى ئەمەلى مىسال.
     تۆتىنچىسى، ئىشلەپچىقىرىشتا مۇستەھكەم بولۇش چەكلىمىسى. كارخانا بىرلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش ئارقىلىق، خەلقئارالىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، ئەگەر ئىقتىسادىي كىررزىس يۈز بەرسە، خادىم قىسقارتىش، مەھسۇلات كېمەيتىش قاتالىقلارنىڭ ھەممىسى قىيىنچىلىقتىكى تاللاش بولىدۇ.
    بەشىنچىسى، قانۇنىي ئىگىنىڭ باشقۇرۇش چەكلىمىسى. ئامېرىكىدىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ باشقۇرۇشى بىلەن جۇڭگودىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ باشقۇرۇشى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، باشقا دۆلەتنىڭ كارخانا باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ياخشى چۈشەنمىگەندە، خەتەر تېخىمۇ چۇڭقۇر بولىدۇ.
     ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى، ياساش كەسپىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتا، جۇڭگو كارخانىلىرى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىش باسقۇچىدا بولۇپ، پىشىپ يېتىلگەن، مۇناسىپ يول يوق، ئاپتور ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى، ياساش كەسپىي جەھەتتە مەيلى چەتئەل كارخانىلىرى بىلەن سېتىۋېلىش بولسۇن، ياكى چەتئەلگە چىقىپ زاۋۇت قۇرۇش بولسۇن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەجرىبە - ساۋاقلار ئىبرەت ئېلىشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يېقىنقى يىللاردىكى خەلقئارالىق سېتىۋېلىش مىساللىرىغا قارايدىغان بولساق، مەنبە خاراكتېرلىك كەسىپ ۋە ئىلغار تەمىنلەش زەنجىرى كەسىپلىرىدە، چەتئەللەردە زاۋۇت قۇرۇش شەكلىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش نىسبىتى، ئىشەنچلىكلىكى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان. چۈنكى، جۇڭگو كارخانىلىرى ئېھتىياجلىق بولغىنى مەنبە ياكى ئاچقۇچلۇق ئەسلى زاپچاس، جۇڭگو كارخانىلىرى ئەسلىدىنلا سېتىش يولى ۋە ئاخىرقى نۇقتا بولۇپ، يول مەسىلىلىرىگە ئۇچرىمايدۇ، ھەمكارلىق خەتىرى كۆپ كىچىك.
     بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاخىرقى مەھسۇلات كەسپىدە خەلقئارالىق مەنبەدىن پايدىلىنىلىدۇ، ئاپتور ئوتتۇرىغا قويغان بەش چەكلىمىنىڭ خېيىم خەتىرى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ، مەغلۇپ بولۇش مىساللىرى كۆپرەك، شۇڭلاشقا خەلقارا شىركەتلەرنى سېتىۋېلىشنى تاللىغاندا چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇش ، جۇڭگونىڭ ياساش ماركىسىنى بەرپا قىلىشتا، چوقۇم خەلقئارالىق ماركىلارنى قوشۇۋېلىشتا ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش، بازار ئېچىشتا تېخىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا ئاندىن خېيم خەتەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر جۇڭگو