تۈركىيە بىلەن جۇڭگو دىنىي ساھەدە ھەمكارلىشىشقا يۈزلەندى

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-23 10:01:57

تۈركىيە بىلەن جۇڭگو دىنىي ساھەدە ھەمكارلىشىشقا يۈزلەندىتۈركىيە بىلەن جۇڭگو دىنىي تەلىم – تەربىيە خىزمەتلىرى بىلەن دىنىي نەشىرىياتچىلىق ۋە ھەج قىلىش ئىشلىرىدا ئۆزئارا ھەمكارلىققا يۈزلەنم...



     

    تۈركىيە بىلەن جۇڭگو دىنىي ساھەدە ھەمكارلىشىشقا يۈزلەندى

    تۈركىيە بىلەن جۇڭگو دىنىي تەلىم تەربىيە خىزمەتلىرى بىلەن دىنىي نەشىرىياتچىلىق ۋە ھەج قىلىش ئىشلىرىدا ئۆزئارا ھەمكارلىققا يۈزلەنمەكتە.

    تۈركىيە بىلەن جۇڭگو دىنىي تەلىم تەربىيە خىزمەتلىرى بىلەن دىنىي نەشىرىياتچىلىق ۋە ھەج قىلىش ئىشلىرىدا ئۆزئارا ھەمكارلىققا يۈزلەنمەكتە.

    بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پىلان لاھىيە كېلىشىمى، جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز ۋە جۇڭگو دىنىي ئىشلار مىنىستىرى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالاندى.

    كېلىشىم دائىرىسىدە، جۇڭگودا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرى تۈركىيەدىكى تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىۋېرستېتلاردا دىنىي كەسىپلەردە ئوقۇيالايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق خىراجەتلىرىنى تۈركىيە دىيانەت ۋەقپى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىماملارمۇ تۈركىيەدە بىلىم ئاشۇرالايدۇ. قۇرئان كەرىم بىلەن نۇرغۇنلىغان ئىسلامىي ۋە كىلاسسىك ئەسەرلەر خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ.

    پىلان لاھىيە 14 ماددىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئاسىراشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرمۇ لاھىيە ئىچىدىن ئورۇن ئالدى.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر - _