كۈيئوغۇل تاللاش خۇسۇسىدا

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-23 16:18:39

كۈيئوغۇل تاللاش خۇسۇسىدا ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «قىزلىرىڭلارنى تۇرمۇشقا چىقىرىش مەسىلىسىدە ئانىلىرى بىلەن (ئەھلى ئايالىڭىز بىلەن) مەسلىھەت قىلىڭلار» دېگەن. چۈنكى، قىز بال...

    كۈيئوغۇل تاللاش خۇسۇسىدا

        ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «قىزلىرىڭلارنى تۇرمۇشقا چىقىرىش مەسىلىسىدە ئانىلىرى بىلەن (ئەھلى ئايالىڭىز بىلەن) مەسلىھەت قىلىڭلار» دېگەن. چۈنكى، قىز بالا ئۈچۈن ئانىسى سىرداشتۇر، ئانىنىڭ پەرزەنتىنىڭ ئاتىسى بىلمەيدىغان ئايرىم تەرەپلىرىدىن بىخەۋەر بولۇشى ناتايىن. قىز رەسىدە پەلەمپىيىدىن ئۆتۈپ چوڭ بولغانسىرى ئائىلىگە ئەلچىلەرنىڭ كېلىشى تەبىئىي. شۇ سەۋەبتىن، ئاتا ھەمدە ئانا كۈيئوغۇل تاللاش مەسلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. لېكىن ئۇلار بۇ جەرياندا قاتتىق ھۇشيار بولۇشلىرى لازىم. قەدىمدە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز بەدخۇلق، چېھرى خۇنۇك، ئىمانى زەئىپ، دىيانەتسىز، قىز ھەققىنى ئادا قىلالمايدىغان، نەسىل ـ نەسەبى ناپاك كۈيئوغۇللارغا دۇچار بولماسلىق ئۈچۈن يىگىت بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى سىناشنى ئۆزلىرىگە ئادەت قىلغان.چۈنكى، رەسۇلىللا: «نىكاھ قۇللۇققا ئوخشايدۇ. شۇ سەۋەبتىن قىزىڭلارنى كىمگە بېرىۋاتقىنىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇ سەۋەبتىن، ئاتا ـ ئانا ئامراق قىزىنى زۇلۇمكار، ئەخلاقى ناچار، ئىمانسىز، ئىشرەتۋاز، ھاراقكەش، چىكەرمەن كىشىگە ياتلىق قىلسا ئالدىراقسانلىقى، ئەدەبلىك كۈيئوغۇل تاللىمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ قەھرى ـ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ.
        مىڭ ئەپسۇسكى، كۆپلىگەن زامانداشلىرىمىز بۈگۈنكى كۈندە كۈيئوغۇل تاللاش ئىشىدا ئاخىرەتنى ئويلىماي ئىش تۇتماقتا. بۇنداقلا كۈيئوغۇلنىڭ ئۆزىدىن كۆرە ئاتا ـ ئانىسىنىڭ مەنسىپى، بايلىقىنى ئەلا بىلىپ قىزلىرىنىڭ بەختىگە ئولتۇرغانلىقىنى ئىلغا قىلماي يۈرمەكتە. سىر ئەمەس، ئەخلاقسىز، ئىشرەتۋاز، چىكەرمەن، ھاراقكەش ياشلارنىڭ كۆپ قىسمى ھارام پايدا ھېسابىغا دۆلەتمەن بولغان ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر.دېمەك، كۈيئوغۇل تاللاش ئىشىدا، ئاتىغا ئىنتايىن چوڭ مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن بولىدۇ. ناۋادا، بولغۇسى كۈيئوغۇل ھەققىدە كۆپ سۈرۈشتۈرۈلسە، تۈرلۈك ئۇسۇللاردا سىناق ئېلىپ بېرىلسا ۋە قىزنىڭ ئاتىسى يىگىت بىلەن قايتا ـ قايتا سۆھبەتلەشسە دۇنيا ۋە
    ئاخىرەتتە پايدا شۇلارنىڭدۇر. يەنە شۇنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى، ئاتىلار بولغۇسى كۈيئوغۇلنىڭ مۇفەسسىل تىببىي كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشىنىمۇ نازارەت قىلسا، ئۇ چاغدا نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلۇپ، كۆڭۈللەر يورۇق بولىدۇ.
    ئەپسۇسكى ھازىرقى تۇرمۇش قۇرۇۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ ئايرىملىرى تەۋەككۈلچىلىك ئۇسۇلى بىلەن ئائىلە قۇرۇشماقتا.
    شۇنىڭدەك، ئۇرۇق ـ تۇغقان، قېرىنداشلىرىدىن بىرەرسىنىڭ تونۇشتۇرۇش، ماختاش ۋە تەۋسىيەلىرىگە ئاساسەن بىر قېتىم كۆرۈشۈپلا ئائىلە قۇرۇۋاتقانلارمۇ نۇرغۇن. ئاخىر، بولغۇسى كېلىن ـ كۈيئوغۇللار بىر ئۇچرىشىپلا پەقەت تاشقىي قىياپىتى، چىرايى ۋە قەددى ـ قامىتى ھەققىدە تەسەۋۋۇرغا ئېگە بولۇشى مۇمكىن، خالاس.

    توۋا دەيمەن، قىز ـ يىگىتلەر بىر ـ بىرىنىڭ مىجەز خۇلقى، ئىتىقادى، بىلىمى، ئەخلاق ـ پەزىلىتى، دىيانىتى ھەققىدە ئويلاشنى خالىمامدىغاندۇ؟! رەسۇلىللا ئۆيلەنمەكچى بولغان ساھابىلەردىن بىرىگە: «ئاۋۋال ئۇ ئايالنى كۆرگىن. چۈنكى ئۇنى كۆرسەڭ ئاراڭلاردا مۇھەببەت، ئۈلپەتلىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ» دېگەن. ئەمما بۇ كۆرۈشۈش ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولۇشى شەرت. ئەپسۇسكى، ئۇچرىشىش باھانىسى بىلەن بىر قىسىم ئەخلاقسىز ياشلار ئىپپەتكە قول سوزۇش دەرىجىسىگە يەتمەكتە. رەسۇلىللا مۇنداق دەيدۇ: «ھەمراھى بولمىغان بىر كىشى بىلەن يالغۇز ئايال ئادەم يوق جايدا خالىي قالسا، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتاندۇر». شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، نىكاھ ئوقۇلۇپ، توي ئۆتكۈزۈلۈپ، ھۇجرىغا كىرگەنگە قەدەر ياشلار بىر ـ بىرىگە نامەھرەمدۇر. لېكىن كۆپ قىسىم ياشلار، غەرب ئەللىرىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە سىنىشىش باھانىسى بىلەن بىر ـ بىرىگە نىكاھتىن ئاۋۋال قول تەگكۈزمەكتە. شەكسىزكى، بۇ پەن نۇقتىسىدىن ئۇچىغا چىققان ئەخلاقسىزلىق، شەرىئەت ئەھكاملىرى نۇقتىسىدىن بولسا ئىمانسىزلىقتۇر. ياشلارنىڭ بىر ـ بىرىگە ئۇناشتۇرۇلغانلىقى تېخى «ئائىلە قۇرۇلدى» دېگەن گەپ ئەمەس. بولغۇسى كېلىن ـ كۈيئوغۇللار ئۇچرىشىشتا شەرىئەت ئەھكاملىرىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشلىرى شەرت ھېسابلىنىدۇ.بۈگۈنكى كۈندە تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا نىكاھقىچە مۇفەسسىل تىببىي كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش، ياشلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

     

     

    مەنبەسى: دىيانەت تورى

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-24 11:17:59]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.