تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -02

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-20 10:51:03

تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -02خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى باشلايمىز...تۈرك ئېغىز ئەدەبىياتى بىۋاسىتە ھالدا ئېغىزاكى شەكىلدە يارىتىلغان ئەسەرلەردىن شەكىللەنگەن ئەدەبىياتتۇر....



     

     تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -02 

    خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى باشلايمىز...

    تۈرك ئېغىز ئەدەبىياتى بىۋاسىتە ھالدا ئېغىزاكى شەكىلدە يارىتىلغان ئەسەرلەردىن شەكىللەنگەن ئەدەبىياتتۇر. بۇ خىل ئەسەرلەر دەسلەپتە بىر سەنئەتچى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈش ئاساسىدا راۋاجلىنىدۇ. ئېغىز ئەدەبىياتى داستان، ئەپسانە، مەسەل، شېئىر، غەزەل، مەرسىيە، مۇشائىرە، مۇنازىرە، ماقال – تەمسىل، تېپىشماق، فولكلور ئەنئەنىلىرىگە، مىللەتنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە تايىنىدىغان ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۆتۈپ، ھازىرقى كۈندىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بىر خىل ئەدەبىيات تۈرىدۇر.

    ئېغىز ئەدەبىياتىمىزدا شېئىر ھەممىدىن كۆپ ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. مۇزىكا، ئۇسسۇل، تىياتىر، رەسىم، ھەيكەلتىراشلىققا ئوخشاش دىندىن ئاپىرىدە بولغان گۈزەل – سەنئەت تۈرلىرىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شېئىر بىلەن بىرلىكتە دىندىن ئايرىلغان. شېئىر دىندىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن كوپۇز دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ساز بىلەن ئېيتىلىدىغان ھالغا كەلگەن. ئېيتىلىدىغان دېدۇق چۈنكى، قەدىمكى تۈركلەر “شېئىر يېزىش” دېمەيتتى “شېئىر ئېيتىش” دەيتتى.

    ئېغىز ئەدەبىياتى دەۋرلىرىدە تۈرك شائىرلار مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى مەزگىللەردە ئوزان، ئاتاساغۇن، مۇزىكىچى، ئۇسسۇلچى ئىدىلەر.

    ئەسىرلەر بويىچە ئەدەبىياتىمىزنى پەقەت شېئىرلا ئېگىلىگەن بولۇپ، مىللىتىمىز ھېكايىنىمۇ مەسنەۋى ۋە شېئىر شەكلىدە بايان قىلغان. ئەدەبىياتقا كىرگەن سانسىز يېزىق تۈرلىرى مەۋجۇت بولسىمۇ، بىز ئەسىرلەر بويىچە شېئىرنى ياخشى كۆردۇق، شېئىرنى قوبۇل قىلدۇق. ئەدەبىيات دېيىلگەن ھامان شېئىرنىڭ ئەقلىمىزگە كېلىشى، ئەسىرلەرنىڭ بىزگە مىراس قالدۇرغان تەسىرلىرىنى مەنبە قىلىدۇ.

    تۈرك شېئىر تارىخى تۈرك تارىخى بىلەن پاراللىل ھالدا داۋاملىشىپ كەلگەن. تۈرك شېئىرىنىڭ ئۆتمۈشى تولىمۇ مۇقەددەم بولۇپ، جۇڭگو مەنبەلىرىدە مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئىككىنچى ئەسىردە تۈرك شېئىرلىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. يازما مەنبەلەردىن ئىلگىرىكى تۈرك شېئىر ئۈلگىلىرىنى مازار تاشلىرىدىكى يېزىقلاردا، جۇڭگو تارىخلىرىدا، داستانلىرىدا، كۆكتۈرك، ئۇيغۇر ئابىدىلىرىدە، مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ ‹دىۋانى لوغاتىت تۈرك› تىكى شېئىرلار بىلەن ماقال – تەمسىللەردە كۆپلەپ ئۇچرىتىمىز.

    تۈرك ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ كۆپ راۋاجلانغان ژانىر شېئىردۇر. تۈرك ئەدەبىياتىدا شېئىرنىڭ ئورنى ناھايىتى يۈكسەكتۇر. ئەسىرلەردىن بويان ئەدەبىياتىمىز پەقەت ۋە پەقەت شېئىر بىلەنلا ھەپىلەشكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. تۈرك شېئىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىجتىمائىي بىر دائىرە ئىچىدىكى تۈرك ئىنسانىنىڭ تەرەققىياتىدۇر. مىللىتىمىزنىڭ بارلىق ئىچكى ئالاھىدىلىكلىرىنى پەقەت شېئىرلاردىلا ئۇچرىتىشىمىز مۇمكىن.

    قەدىمكى تۈرك شېئىرلىرىدا خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە – يۇسۇن، ئۆرپ – ئادەتلىرى، ئىجتىمائىي ۋە خۇسۇسى ھاياتلىرى، تىنچلىق كۈنلىرى، ئوۋ زىياپەتلىرى، چالغۇلار، تۈركلەرنىڭ مېھماندوستلۇقى، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش... قاتارلىق ھاياتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بارلىق تېمىلار مەزمۇن قىلىنغان.

    تۈرك دۇنياسىنىڭ، تۈرك كىملىكىمىزنىڭ ھەقىقىي سىماسىنى شېئىرلىرىمىزدا كۆپلەپ ئۇچرىتىمىز. تۈرك شېئىرىنى ئادەتتە ھېسسىياتقا باي، ئىچكى رومانتىزم دائىرىسىدە تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ. بىزنىڭ شېئىرىمىز باشلانغۇچىدىن تا بۈگۈنگىچە بولغان جەرياندا رومانتىك بىر يولدا داۋاملىشىپ كەلمەكتىدۇر. گاھى تەبىئەت، گاھى ئاشىق، گاھى ۋەتەن، گاھى مىللەت، گاھى تەڭرى لىباسىنى كىيگەن ھالدا زامانىمىزغا قەدەر يېتىپ كەلگەن شېئىرىمىز بەزىدە گۈزەل سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن بولسا، بەزىدە مەۋھۇملۇقلارغا ئىشارەت قىلدى..

    ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى تۈرك شېئىرى ھەجە ۋەزنىدە بولۇپ، يەتتىلىك، سەككىزلىك، ئون ئىككىلىك ۋە پەرقلىق ۋەزىنلەر، يېرىم قاپىيەلەر كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن. قاپىيەلەر مىسرا بېشىدىمۇ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، نەزمى  قىسمى رۇبائىي، يەنى تۆتلۈكتۇر.

    .......................................................................................

    ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى تۈرك شېئىرلىرىنى قوشاق، داستان تۈرلىرىگە ئايرىشقا بولىدۇ. شېئىر تۈرلىرى «بېشى تاقسۇت، ئىر، يىر، قۇغ، تاماق، پاداك» دەپ ئاتىلىدۇ. شائىرلار باخشى، ئەدىب ياكى شائىر ۋە ئاقىن دېگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتىلاتتى. بۇلار قىلغان ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناملىرىدۇر. شائىرلار ئەينى زاماندا سېھىرباز ۋە دىنىي كىشىلەر ئىدى. باخشىلار دىنىي ۋەزىپىلىرى بىلەن بىرگە دوختۇرلۇقمۇ قىلاتتى ۋە ئاسماندىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۈزىتەتتى. شائىر بىلەن ئاقىنلار ئايماق ۋە چېدىرلارنى ئايلىنىپ، خەلقنىڭ تىلەك، ئارزۇ ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى. شائىر ۋە ئاقىنلار خەلق ئارىسىدا ناھايىتى يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. ئۇلار، پەقەت ئۆزلىرى تونۇپ يەتكەن ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا قوياتتى، شائىرلىقنىڭ ئۆزلىرىگە تەڭرى تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكىگە ئىشىنەتتى.

    ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى تۆتىنچى ئەسىر بىلەن ئالتىنچى ئەسىر ئوتتۇرىسىدىكى شېئىر ئۆرنەكلىرىنى جۇڭگو مەنبەلىرىدە ئۇچرىتىمىز. خەنزۇچە تەرجىمىسىدىن ھازىرقى تۈركچىگە ئايلاندۇرۇلغان مەزكۇر شېئىرلارنىڭ ئەھمىيىتىنى «قاۋال ناخشىلىرى» ماۋزۇلۇق تۆۋەندىكى پارچىدىن روشەن ھالدا كۆرىۋالالايمىز:

    ئۇزاقلاردىن مەڭكىندىكى سېرىق دەريالارنى كۆرىۋاتىمەن؛

    سۆگەتلەر ئىچ پۇشۇقىدىن تەۋرىنىدۇ؛

    مەن ئەسىر بىر ئائىلىنىڭ پەرزەندىمەن،

    جۇڭگولۇقلارنىڭ ناخشىسىنى چۈشەنمەيمەن.

     

    ئاي پارلايدۇ، يۇلتۇزلار ئېقىپ كېتىدۇ؛

    ماڭا كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى دەرھال ئېيت.

     

    كۈچلۈك يىگىت تىز چاپىدىغان ئاتلارنى خالايدۇ،

    تىز چاپىدىغان ئاتلار كۈچلۈك بىر يىگىتنى (خالايدۇ)؛

    سارغايغان قىرلارنىڭ ئاستىغا كېرىمەن، ئۆلىمەن؛

    پەقەت شۇ چاغدا چىشى ئەركەكتىن ئايرىلىدۇ.

     

    .......................................................................................

    يۇقىرىقى شېئىرلىرىمىزدا ئىجتىمائىي مەنپەئەت يۇقىرى ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، تىل، تەپەككۇر، ھېسسىيات قاتارلىق جەھەتلەردىن شۇ دەۋردىكى جەمئىيىتىمىزنى تولۇق مەنىدە ئەكس ئەتتۈرۈشكە تېرىشقان. قەھرىمانلىق، جاسارەت، ئات مېنىش، ئات سۆيگۈسى، ئەسكەرلىك، ئۇرۇش، ئاشىق ۋە تەبىئەت شېئىرلارنىڭ ئاساسلىق تېمىسىدۇر. ‹دىۋانى لوغاتىت تۈرك› نىڭ “ئۇرۇش داستانلىرى” دىن ئالغان رۇبائىيلىرىدا قەدىمكى تۈرك شېئىرىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرىنى روشەن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ:

     

    كېمە ئىچىگە ئولتۇرۇپ،

    ئىلى سۈيىنى كەچتۇق بىز.

    ئۇيغۇر تەرەپكە يۈزلىنىپ،

    مىڭلاق ئېلىنى ئاچتۇق بىز.

     

    قىزىل بايراق كۆتۈرۈلدى،

    قارا چاڭ – توزان ئۆرلىدى،

    ئوغراقلار يېتىپ كېلىپ قوشۇلدى،

    ئۇرۇش قىلىپ شۇنىڭ بىلەن كېچىكتۇق.

     

    باسمىل قوشۇنىنى قوزغاتتى،

    بارچە كېلىپ توپلاندى،

    ئارسلان تەرەپكە يۆنەلدى،

    قورقۇپ بېشى ئايلىنىار.

     

    كېچىلەردە كۆچەيلى؛

    يامار سۈيىنى كېچەيلى.

    بۇلاق سۈيىدىن ئىچەيلى،

    ئاجىز دۈشمەن يانچىلسۇن.

    .......................................................................................

    ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى شېئىرلىرىمىز ئادەتتە، ھەممىسى يېرىم ئاھاڭ ئوخشاشلىقلىرىغا تايانغان ئا ئا ئا ب غا ماس قاپىيە ئىچىدىكى رۇبائىيلاردۇر.

     

    مىڭلارچە چىچەك تىزىلدى،

    بىخلىرىدىن يېيىلدى؛

    كۆپ يېتىشتىن سىقىلدى؛

    ئۈنەر – ئۈنمەس ئېچىلۇر.

     

    تۈرلۈك چىچەكلەر ئېچىلدى؛

    يايلاققا يىپەك يۇپۇق يېپىلدى؛

    جەننەت قولى كۆرۈندى؛

    ئەمدى قىش كەلمەيدۇ.

    .......................................................................................

    ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى شېئىرىمىز قەدىمدىن تارتىپ تاكى 9- ئەسىرگە قەدەر داۋاملاشتى. تۇنجى شېئىرلىرىمىز ئىپتىدائىيلىقلىرىغا قارىماي، شۇ دەۋرلەردىكى دۇنيا قارىشىمىز ئىجتىمائىي قورۇلمىمىزنىڭ تەپەككۇر شەكلى ۋە ھېسسىياتىنى تەبىئىي بىر تىل بىلەن بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ دەۋردىكى شېئىرىمىز تىل، تەپەككۇر، ھېسسىيات نۇقتىسىدىن خەلق بىلەن تولۇق مۇجەسسەملەنگەن:

     

    نەرە تارتىپ ئاتلىرىمىزنى چاپتۇرايلى،

    قالقان، نەيزە بىلەن ئۇرۇش قىلايلى،

    بىر تۇرۇپ، بىر جانلىنايلى،

    كۈچلۈك دۈشمەن يۇمشىسۇن.

     

    كۆپلىگەن باشلار كېسىلىپ يۇمىلاندى،

    دۈشمەن ئۇنىڭدىن ياۋاشلىدى.

    كۈچى بۇنىڭدىن بوشىدى،

    قىلىچ قىنىغا تەس سىغدى.

     

    يىگىتلەر چاقىرىشتى؛

    قىيا كۆز بىلەن قاراشتى،

    بارلىق قوراللار بىلەن ئۇرۇشتى،

    قىلىچ قىنىغا تەس كىردى.

    بىز پەقەت قەدىمكى تۈرك شېئىرلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتۇق. بۇ ھەقتە زىيا گۆكئالىپ مۇنداق دەيدۇ: «سەنئەتنىڭ بارلىق ئامىللىرىنى، تىلى، ۋەزنى ۋە تېمىسىنى ھەر دائىم خەلقتىن ئالغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ‹شائىر› نىڭ ئاددى رىتىملىرى تۈركلەرنىڭ چەكسىز ۋادىلىرىدا، قارلىق تاغلىرىدا، تۆپىلىكلىرىدە، قاراڭغۇ ئورمانلىرىدا يىللارچە ياشىدى ۋە ھېلىھەم ياشىماقتا.»

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.