شەيتان چۆچىكى ھەققىدە ئەسكەرتىش!

يوللىغۇچى : baitax1 يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-04 21:57:00

-ئانام بەرگەن سۈزگۈچ تارغاقنى ئېلىۋالغان بولسام شۇنى بولسىمۇ ئاناڭغا سوۋغا قىلار ئىدىم. بىرىنچى قېتىم كۆرۈشكەندە سوۋغاتلىق بەرسەم دەپ ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدىم. دەپ كىرگىلى ئۇنىماي تۇرۇۋالدىڭ....

        -ئانام بەرگەن سۈزگۈچ تارغاقنى ئېلىۋالغان بولسام شۇنى بولسىمۇ ئاناڭغا سوۋغا قىلار ئىدىم. بىرىنچى قېتىم كۆرۈشكەندە سوۋغاتلىق بەرسەم دەپ ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدىم. دەپ كىرگىلى ئۇنىماي تۇرۇۋالدىڭ. ئامالىم بولمىدى ئانامنىڭ چىشى بىلەن تەڭ چىشى قالغان تارغىقىنى ئاچىقىپ ساڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ، ئۇنىڭ بۇنداق نەرسىلەرگە مۇھتاج ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان تەقدىردىمۇ ، سەن يەنە دادامنىڭ بىر مەزىن ئىكەنلىكىدىن قورقاتتىڭ ! يەنە بىر قولۇڭ بوينۇڭدىن ياغلىقىڭنى ئىزدەۋاتاتتى. چاچلىرىڭنى تۈزلەپ چىراق نۇرلىرىدىن چەتنىشىڭ ئۈچۈن يەنە بىر قولۇڭمۇ كېرەك بولاتتى. قويۇۋەتتىم. چېچىڭ ياغلىقىڭ بولاتتى. ياغلىقىڭ قايتىشنى ئىستەپ قالدى. شىمالدىن كەلگەنمىكىن بىر قۇيۇن ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكىدىن بوران چىقىرىپ سېنى سۆرەپ ئەكەتتى. بوۋايلارنىڭ بالىلىرى كوچىدىكى ئېلان تاختىلىرىغا ئاتقان سېغىزرەڭ كونسېرۋا قۇتىلىرى يۈزلىرىڭىنى تىلىۋەتتى. ئۇلار ھاقارەت قىلىۋاتقاندا ،- ساغلاملىق بويۇملىرى ساغلاملىق ئۈچۈن ! دەپ توۋلايتتى.   

         شاماللىرىمنى سېغىنساممۇ كەلمەي قويدى. شەيتان مەستلەرنىڭ چوقانلىرىدىن قورقۇپ قالغاندەك قىلاتتى. چىراق نۇرلىرى قەلبىمنى ئۆچۈردى. بوۋام مومامغا ئەتىنىڭ چۆچىكىنى ئېيتىۋاتقاندا مەن ئويغىنىپ كەتتىم. خىياللىرىمدىن چۈشلەرگە ئايلانغان ھىكايىلىرىم ئۈچۈن شۈكرىلەر ئېيتىپ سۈرىتىڭىنى سىلىدىم. مومايلار كۈدە ئاقلاپ ئولتۇرغان دوقمۇشتىن گالستۇك تاقىغان يىگىتلەر ئۆتۈپ كەتتى. كۈلگەن بىر موماي توپتىن ئايرىلىپ بىر نازىنىنغا ئايلىنىپ كەلدى. چاچلىرىنى تۈزەشتۇرۈپ كېلىپ سالام قىلغاندا، ئۇنىڭ چاچلىرى ھەقىقەتەن يۈزىنى يېپىپ ئالغانىدى. يانچۇقىغا يىغىۋالغان تۈگۈنچەكلەرنى مومايلارغا بىردىن تارقىتىپ بېرىپ ، ئادالانغان كۈدىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئۆتكەن كەچكەنلەرنى مارىدى، مومايلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئاچچىق پۇراقنىڭ ھېدىنى ئېلىپ دەس تۇرۇپ كەتتى ۋە چۈش كۆرىدىغان يىگىتلەر ئۈچۈن نىمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىۋالدى. --------------------- قەشقەر، نەزەرباغ

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق