ياپونلار نېمىشقا ئۇيۇشۇشقا خۇشتار كېلىدۇ؟

يوللىغۇچى : TarimDadxah يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-05 12:01:00

ياپونلار نېمىشقا ئۇيۇشۇشقا خۇشتار كېلىدۇ؟ ئۇيۇشقاقلىق ئېڭى ياپونلارنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە سىڭىپ كىرىپ، ياپون خەلقى خاراكتېرىنىڭ ئورگانىك تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. ياپون...

     ياپونلار نېمىشقا ئۇيۇشۇشقا خۇشتار كېلىدۇ؟


         ئۇيۇشقاقلىق ئېڭى ياپونلارنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە سىڭىپ كىرىپ، ياپون خەلقى خاراكتېرىنىڭ ئورگانىك تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. ياپونلارنىڭ بۇنداق كۈچلۈك ئۇيۇشقاقلىق ئېڭىغا ئىگە بولۇشىدا تەبىىي شاراىت، تارىخىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ تەسىرى بار بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈچ تەرەپ ياپونلارنى ئۇيۇشۇشچانلىققا ئىگە قىلغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب. ئالدى بىلەن تەبىىي شاراىتنىڭ ياپونلارنى قانداق قىلىپ ئۇيۇشتۇرغانلىقىغا قاراپ باقايلى: ياپونىيە ئارال دۆلىتى بولۇپ، تۆت ئەتراپىنى دېڭىز ئوراپ تۇرىدۇ. دېڭىز-ئوكيانلار ئۇلارنىڭ غەرب ۋە شەرقىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ياپونىيىنىڭ تارىخىي تەرەققىقاتى جەريانىدا باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۇچرىشىش بولۇپ باقمىغان دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
       ياپونىيە قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە باشتىن-ئاخىر بىر مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ كەلگەن. بىر مىللەتلىك مەدەنىيەت تەبىىي ھالدا مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى جەھەتتىكى يەككىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەككە تۈزۈلمىلىك مەدەنىيەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تاۋلىشى نەتىجىسىدە كىشىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى ئوخشاش پسىخىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان. ئۇلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىشى ئاسان بولغان. بۇ تۇرمۇش، خىزمەتتىكى ئۇيۇشۇشچانلىقتا ئىپادىلەنگەن. بۇنداق ئاڭ كىشىلەرنى شۇ مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.
        ياپونىيە 300 دىن كۆپ چوڭ-كىچىك ئارالدىن تەشكىل تاپقان. دەريا-ئېقىنلار ياپونىيىنى نۇرغۇن يالغۇز ئارال ۋە تۈزلەڭلىكلەرگە بۆلۈۋەتكەن. بۇنداق شارائىت تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ياپونىيە شالچىلىق ئاساس قىلىنىدىغان دۆلەت، بۇ خىل دېھقانچىلىقتىمۇ شال تىكىش، سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتلەردە ئۆزئارا ماسلىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇمۇ كوللېكتىپ ئېڭىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى بىر سەۋەب. بۇنىڭدىن قالسا تارىخىي سەۋەبلەر مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تارىختا ياپونىيە بىرقانچە قېتىملىق قىسقا مۇددەتلىك بىرلىككە كەلگەندىن باشقا چاغلارنىڭ ھەممىسىدە زومىگەرلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا بۆلۈۋېلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە بولغان. بۇ خىل ئىجتىماىي شارائىتمۇ ياپونلارنىڭ خاراكتېرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. چۈنكى، بۆلۈنۈۋېلىشقان ھەرقايسى ۋاسساللارنىڭ كۆپىنچىسى رايونغا نىسبەتەن كىچىك كوللېكتىپ بولۇپ، بۇ كىچىك كوللېكتىپلار ئىچىدە ئەزالارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى «ۋاسسال» دېيىلگەن مۇشۇ كوللېكتىپنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىياتىغا جاۋابكار بولۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان. ئەينى چاغدا «بەش كىشىلىك بىرلەشمە كاپالەتچىلىك تۈزۈمى» ناھايىتى ئومۇملاشقان. بىر ئاىلىدىن مەسىلە چىقسا قالغان تۆت ئاىلە مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئالغان. نەتىجىدە بۇ كوللېكتىپتىكى ئەزالار ئورتاق يېقىن مۇناسىۋەتدار بولغان «تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە»گە ئايلانغان. بۇ خىل تۈزۈمنىڭ ئۇزۇن زامانلارغىچە داۋاملىشىشى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئەزالارنىڭ پسىخىكىسىدا بارلىق ئىشلاردا كوللېكتىپنىڭ ھەمكارلىقىغا تايىنىش، ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىشتەك ئادەتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭمۇ ياپونلارنىڭ ئۇيۇشقاقلىق ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس.
        جەمەت تۈزۈمى ئىجتىمىاي كاتېگورىيىگە تەۋە بولۇپ، ئۇ ياپونلارنىڭ ئۇيۇشۇش ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشىدە سەل قارىغىلى بولمايدىغان رول ئوينىغان. ئەنئەنە، ئۆرپ-ئادەت ھەمدە ماددىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ياپونلار ناھايىتى ئۇزاق مەزگىل چوڭ ئاىلىدە ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. بىر ئاىلىدە ئاىلە چوڭلىرى، بوۋا-مومىلار، ئاىلىگە تەۋە ئورتاق مۈلۈك ۋە ئورتاق قەبرىستانلىق بار بولۇپ، ئاىلە ئەزالىرى ئۆز جەمەتىنىڭ مەنپەىتى ۋە ئار-نومۇسىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىغان. بۇنداق جەمەتمۇ ئەمەلىيەتتە بىر كوللېكتىپ بولۇپ، قانداشلىق مۇناسىۋەت كىشىلەرنى شۇ كوللېكتىپ داىرىسىدە قاتتىق كونترول قىلغان، ئەزالارنىڭ ھەرىكەت بىرلىكىگە ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئاىلىنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە تەرەققىقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئائىلە مەنپەئەتىنى دەخلى-تەرۈزگە ئۇچراشتىن قوغدىغان. لوس بېرنادىك مۇنداق دېگەن: ياپونلار خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا ئائىلىنىڭ "تاۋلىشى" كىچىك چېغىدىلا باشلىنىدۇ…
       ھازىر ياپونلار ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان شىركەت، كارخانىنى ئائىلىسىدەك كۆرىدۇ. يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى، مەكتەپداشلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئۇيۇشما پاالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە خۇشتار. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ جەمەت ئېڭىنىڭ بىر تۈرلۈك داۋاملىشىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۆملۈك ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشىدە ياپونىيىدە شەكىللەنگىنىگە ئۇزاق بولغان خادىم ياللاش تۈزۈمىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. 19-ئەسرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسرنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ياپونىيىدە تەدرىجىي ھالدا ئۆمۈرلۈك ياللاش تۈزۈمى ۋە تۆھپىسىگە قاراپ رەتكە تۇرغۇزۇش تۈزۈمى شەكىللەندى. بۇنداق تۈزۈمدە ئىشچىلارنىڭ كارخانىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، خىزمەت ئىستاژىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى ئىشچىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، مۇامىلە جەھەتلەردىكى يۇقىرى-تۆۋەنلىك بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ تەقدىرى كارخانىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ. بۇ تۈزۈم ئىشچىلارنى كارخانا (كوللېكتىپ)قا تايانمىسا بولمايدىغان، بۇ كوللېكتىپنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشىغا مەسئۇل بولىدىغان قىلىدۇ. بۇمۇ ياپونلارنىڭ ئۇيۇشۇش ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. ياپونىيىلىك بىر كىچىك كارخانا درېكتورى مۇنداق دېگەن: «مەن ئىشچىلارغا زاۋۇت ۋەيران بولدى، ئەمدى ھەرقايسىڭلار باشقا چىقىش يولى تېپىڭلار، دېسەملا، ئىككىنچى كۈنى ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆزلۈكىدىن ئىسمېنا قوشۇپ جاپالىق ئىشلەيدۇ، شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدۇ». بۇ سۆز ئادەم ياللاش تۈزۈمىنىڭ ئۇيۇشۇش ئېڭىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

     (بۇ ماقالە «ياپونىيىگە دائىر  نېمە ئۈچۈنلەر» ناملىق كىتابتىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى مەلۇم ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغانىدى.)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ياپون ياپونىيە