ئامېرىكىلىقلارنىڭ 12 تۈرلۈك ئائىلە تەربيىسى پرىنسىپى

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-22 14:16:58

ئامېرىكىلىقلارنىڭ 12 تۈرلۈك ئائىلە تەربيىسى پرىنسىپىئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر ئاخبارات ۋاسىتىسى ئامېرىكىلىق ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىگە تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىش ئېلىپ بېرىپ، ئامېرى...

    ئامېرىكىلىقلارنىڭ 12 تۈرلۈك ئائىلە تەربيىسى پرىنسىپى

    ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر ئاخبارات ۋاسىتىسى ئامېرىكىلىق ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىگە تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىش ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكا ئائىلە باشلىقلىلىرىنىڭ 12 تۈرلۈك ئائىلە تەربىيىسى پرىنسىپىنى يەكۈنلەپ چىققان.

    1 . مۇھىت پرىنسىپى. بالىلارنىڭ ساغلام ئائىلە مۇھىتىدا ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش

    2 . ئۈمىد پرىنسىپى، بالىلار ھاياتلىق يولىدا مەڭگۈ ئۈمىدىنى كۆرەلەيدىغان بولۇش

    3 . كۈچ پرىنسىپى. بالىلار بىلەن مەڭگۈ بارۋەر مۇناسىۋەتنى ساقلاش، ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى پەش قىلماسلىق.

    4 . باشقۇرۇش پرىنسىپى. بالىلار ياشلىق دەۋرىگە قەدەم باسقۇچە ئارىلىقتا ئائىلە باشلىقى چىڭ تۇتۇپ باشقۇرۇش ئائىلە باشلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى

    5 . پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇش پرىنسىپى. گەرچە بالىلارنىڭ ئائىلىدە قارارا قىلىش ھوقۇقى، ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش

    6 . ئۈلگە پرىنسىپى. ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بالىلارغا ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا تەسر كۆرسىتىش

    7 . پىكىردە ئورتاقلىشىش ۋە ئۆز كۆز – قارىشىنى ساقلاپ قېلىش پرىنسىپى. بالىلارنىڭ شەيئىيلەرگە بولغان كۆز – قارىشىنى ھۆرمەت قىلىش، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇلارنى چۈشىنىشكە تىرىشىش

    8 . جازالاش پرىنسىپى. جازالاش ئاسانلا بالىلاردا قارشىلىشىش ۋە ئاداۋەت ساقلاش پىسخكىسىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتاين ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەدبىر قوللىنىش

    9 . ئاقىۋەت پرىنسىپى. بالىلاردا ئۆزلىرى قىلىۋاتقان ھەر بىر ھەرىكەتنىڭ رىئاللىقتىكى ئاقىۋىتى توغرىسىدا ئويلىنىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈش

    10 . "20 يارد پرىنسىپى". بالىلارنىڭ مۇستەقىل كۆز – قارىشىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇلار بىلەن ئاز دېگەندىمۇ 20 يارد ئارىلىق قالدۇرۇش

    11 . تۈزۈمچانلىق پرىنسىپى. بالىلار كىچىكىدىن تارتىپ ئەخلاق بىلەن تۈزۈمنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇش

    12 . ئۆيگە ۋاقتىدا قايتىش پرىنسىپى. ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا، قانداق جايدا بولۇشىدىن، قانداق ئىش قىلىۋاتقان بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۆيگە قايتىش ۋاقتىغا رىئايە قىلىش.

    يۇقارقى مەزمۇنلارنى يىغىنچاقلىغاندا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى بالىلىرىنىڭ ئوقۇشى، ئۆگىنىش نەتىجىسى، ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش....... قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئەڭ مۇھىم بولغىنى قانداق ئادەم بولۇش، ئەخلاق ۋە ساپاغا ئېتىبار بېرىشتىن ئىبارەت.

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-25 11:00:21]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.