ئوغلۇم ئەقلىيلىرىدىن

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-23 18:53:15

· ئوغلۇم ئەقلىيلىرىدىن ئادەمنىڭ كىچىك ۋاقتى ئارزۇ-ئارمانغا تولغان، تەپەككۇرى چوڭلارغا ئوخشاش بىردائىرىدە بولماستىن، بەلكى كەڭ دائىرىلىك بولىدۇ، مەن ئوغلۇمنىڭ چوڭ بولۇش جەريانىدىكى ئېسىمدە ...

    ·                                                                                          ئوغلۇم ئەقلىيلىرىدىن    

     

    ئادەمنىڭ كىچىك ۋاقتى ئارزۇ-ئارمانغا تولغان، تەپەككۇرى چوڭلارغا ئوخشاش بىردائىرىدە بولماستىن، بەلكى كەڭ دائىرىلىك بولىدۇ، مەن ئوغلۇمنىڭ چوڭ بولۇش جەريانىدىكى ئېسىمدە قالغان بىرقىسىم ئويلىنىشقا تېگىشلىك گەپ-سۆزلىرىنى خاتىرىلەپ قويۇش ئويىغا كەلدىم، بۇلاردىن كۆپچىلىك بەزى ئىجابىي ئويلارغا كېلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.....

    .

    ئۈچ ياش ۋاقتىدا:

    بىركۈنى ئوغلۇم مېنىڭ تېشىلىپ كەتكەن پايپىقىمنى كۆرۈپ، ئاتا، پايپىقىڭىزنىڭ تۆشۈكىنى پىلاستىردا يەملەپ قويساق بولمامدۇ؟ دېدى. مېنىڭچە بۇنى ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

    بىركۈنى ئايالىم، ئوغلۇم ئۈچىمىز تاماق يەۋاتاتتۇق، توساتتىن ئوغلۇم تاماقتىكى يېشىل پالەكنى كۆرسىتىپ: بىز نېمىشقا سېرىق پالەك يېمەيمىز؟ دەپ سورىدى.

    بىركۈنى ئوغلۇم ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناۋېتىپ، ئاپا، مەن مەخپىي ئايروپىلان ياساپ چىقتىم، دەپ ئۆزى قۇراشتۇرغان تۆت چاسا شەكىللىك بىر نەرسىنى كۆرسەتكەن.

    ئوغلۇمنىڭ ئەنسىرەش تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، دائىم ئاپىسىغا ئۇنىڭدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى دەيدۇ.

     

    تۆت ياش ۋاقتىدا:

    بىر كۈنى كەچلىكى، ئايالىم ئوغلۇمدىن: مېھرى-مۇھەببەت قانداق قىلسا كۈچىيىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئوغلۇم «پوق يېگەندە» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى، ئەر-ئايال ئىككىمىز كۈلۈشكىنىمىزچە ئويلىنىپ قالدۇق.

    بىركۈنى ئايالىم ئوغلۇمدىن: دۈشمەندىن قانداق قىلسا قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئوغلۇم «مېڭىپ» دەپ جاۋاب بەرگەن.

    بىركۈنى ئوغلۇم تۇيۇقسىز بىزگە «مەن ئامېرىكىدا بەش يىل ئوقۇيمەن»  دەپ ئۆزىنىڭ بالىلارچە ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى............

      

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.