ئامراق ئۆي ھايۋىنىڭىز خاراكتېرىڭىزنى دەپ بېرەلەيدۇ!

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-09 12:12:10

سىزنىڭ ئامراق ئۆي ھايۋىنىڭىز، سىزنىڭ سېھرىي كۈچىڭىزنى توغرا سىناپ بېرەلەيدۇ، قېنى ئەمىسە سىزمۇ سىناپ كۆرۈڭ!ھايۋانلار بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا، سۆزبىلەن ئىپادىلەش تەس بولغان بىر خىل باغلى...



     

    سىزنىڭ ئامراق ئۆي ھايۋىنىڭىز، سىزنىڭ سېھرىي كۈچىڭىزنى توغرا سىناپ بېرەلەيدۇ، قېنى ئەمىسە سىزمۇ سىناپ كۆرۈڭ!

    ھايۋانلار بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا، سۆز بىلەن ئىپادىلەش تەس بولغان بىر خىل باغلىنىش بولىدۇ. ئوخشىمىغان خارەكتىردىكى كىشىلەر ئوخشىمىغان ھايۋانلارغا ئامراق بولىدۇ. ھايۋانلار بىرخىل سېھرىي كۈچنى سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا ئېلىپ كىرىپ، سىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىز، مۇھەببەت- سۆيگىڭىز ھەمدە كەيپىياتىڭىزغا تەسىر قىلىپ تۇرىدۇ. قېنى دوستۇم ئەگەر سىز ئۆي ھايۋىنى بېقىش توغرا كەلسە تۆۋەندىكىلەردىن قايسىسىنى باقاتتىڭىز؟

    ئا: مۈشۈك؛

    ب: ئىت؛

    س: بېلىق تۈرىدىكىلەر؛

    د: ئۆمىلىگۈچى تۈرىدىكىلەر؛

    ئا جاۋابنى تاللىغانلار:
       سىز، كىشىگە بىر خىل سىرلىق، يىگانىلاشقان ھاكاۋۇرلۇق تۇيغۇسى بېرىسىز. ئەگەر سىز سۆيمەيدىغان ئادەم بولسا، ئۇنىڭ سىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىڭىزغا كىرىشى يوق گەپ. ( بەكمۇ قىيىن) ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭمۇ سىزگە ئاستا يېقىنلىشىۋاتقان. ئىچكى دۇنيارىڭىزغا بۆسۈپ كىرمەكچى بولغان ناتونۇش ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگۈڭىز كېلىدۇ. لېكىن. سىزنىڭ خاراكتىرىڭىز ۋە ئىش بېجىرىشتىكى بەزىبىر ئۇسۇللىرىڭىز تولىراق باشقىلارغا خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ، سىز ئۆز كۆڭلىڭىزدىكىنى يوشۇرۇشقا خۇشتار كېلىسىز. سىزنىڭ سىرتقى دۇنيارىڭىز بەكمۇ چىداملىق، ھاكاۋۇر كۆرۈنىدۇ، لېكىن قەلبىڭىزدە غېرىبلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ.  گەرچە سىزنىڭ ئىنتايىن نازۇك ھېسسىي - تۇيغۇلىرىڭىز بولۇپ، باشقىلارنىڭ قەلبىدىكىنى چۈشۈنۈشكە ماھىر بولسىڭىزمۇ، لېكىن سىزنىڭ قارىشىڭىز دائىم باشقىلار تەرىپىدىن سەل قارىلىدۇ، سىز دائىم يالغۇز يۈرۈشكە ئامراق.. ئەمما، ئىشىنىڭكى، سىزدىن ھوزۇرلىنالايدىغان ئادەم ھامان چىقىدۇ.

     

        ب جاۋابنى تاللىغانلار:
         سىز دوستلىرىڭىزغا ۋاپادار، ساداقەتمەن. سىز دوستلاردىن ئايرىلسىڭىز ياشىيالمايدىغاندەك بولۇپ قالدىغان ئادەم. سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا ھەمىشە بىر توپ دوستلىرىڭىز بار. سىزدە ئەزەلدىنلا بىر خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كامچىل بولۇپ. دەل مۇشۇ ئەتراپىڭىزدىكى دوستلىرىڭىز سىزنىڭ مۇشۇ كەمچىلىكىڭىزنى تولۇقلايدۇ. سىزنىڭ ئاق - قارىنى ، ھەق - ناھەقنى پەرق ئېىتىش ئالاھىدىلىكىڭىز بەك كۈچلۈك. سىز ئالدامچىلىق ھەم ساتقىنلىققا بەك ئۆچ. بىرسى سىزنى ئالداپلا قالسا، سىز كۆڭلىڭىزدە ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك ساقلايسىز.. مۇھەببەت - نەپرىتىڭىز بەكمۇ ئېنىق بولۇپ، سىزگە ياخشىلىق قىلغان كىشىگە چوقۇم جاۋاب قايتۇرىسىز.

     

    س جاۋابنى تاللىغانلار:
         سىزنىڭ ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنىشىڭىز ئاتتەك كۈچلۈك، ئەمما. رىئال تۇرمۇشىڭىز بۇنىڭغا يار بەرمەسلىكى مۇمكىن. سىز ئۆزىڭىزنى دائىملا بەك غېرىبتەك، يالغۇزدەك ھېس قىلىسىز. گەرچە سىز بۇرۇن ئۆزىڭىزنى، تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىشقا ئۇرۇنغان بولسىڭىزمۇ، يەنىلا ئۈنۈمى بولمىغان. ئەمەلىيەتتە، ھەممىلا ئىشقا بۇنداق پاسسىپ ، ئۈمۈدسىز مۇئامىلە قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، تۇرمۇشىڭىزغا باشقا نۇقتىدا تۇرۇپ قاراپ بېقىڭ، ھەم شۇ نۇقتىدىن ياشاپ بېقىڭ! بەلكىم، راستلا ئويلىمىغان نەتىجىگە ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن.

     

       د جاۋابنى تاللىغانلار :
         سىز ئۆزىڭىز يالغۇز ھەرىكەت قىلىشقا ئامراق. سىز ھەرقانداق مۇھىتقا كۆنەلەيسىز. توختىماي ئۆزگۈرۈپ تۇرغان بۈگۈنكىدەك تۇرمۇش رېتىمىگە ماسلىشىش، سىز ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس. سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە خاس كۆز قاراشلىرىڭىز بار. يەنە كېلىپ بۇ كۆز قاراشلىرىڭىز ھەمىشە كىشىلەر تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىدۇ. سىزنىڭ سۆيگۈ - مۇھەببىتىڭىزمۇ، كۆڭۈللەرگە ئورناپ كەتكۈدەك مۇھەببەت بولىدۇ. لېكىن سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز دائىم باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەمما ، سىزمۇ تەبىيلا قۇبۇل قىلالايسىز ئەلۋەتتە.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۆي ھايۋان _