3- نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈركچە ناخشا – مۇزىكا فېستىۋالى

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-10 11:45:23

بۇ يىللىق فېستىۋالغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئىنتېرنېت ئارقىلىق (ئىنتېرنېت ئىمكانىيىتى يوقلار فاكس ئارقىلىق) ئىلتىماس سۇنۇلىدۇ. قاتنىشىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنماقچى بولغان ئانسامبىل ۋە سەنئەتچىلەر ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى تولۇق شەكىلدە توشقۇزۇپ



     
    3- نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈركچە ناخشا – مۇزىكا فېستىۋالى
     
    خەلقئارا تۈركچە ناخشا – مۇزىكا فېستىۋالىنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىكى 2011- يىلى 13- ئىيۇندىن 18- ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە دەنىزلى – پامۇققەلئەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
     
    يوللاندى 30.03.2011 12:40:41 UTC
    يېڭىلاندى 01.04.2011 13:47:16 UTC
    3- نۆۋەتلىك
    خەلقئارا تۈركچە ناخشا –مۇزىكا فېستىۋالى


    1- ئومۇمىي مەلۇماتلار:

    تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بىلەن دەنىزلى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشى ئارقىسىدا 2009 ۋە 2010- يىللىرى دەنىزلى – پامۇققەلئەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تۈركچە ناخشا – مۇزىكا فېستىۋالىنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىكى 2011- يىلى 13- ئىيۇندىن 18- ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە دەنىزلى – پامۇققەلئەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    بۇ يىللىق فېستىۋالغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئىنتېرنېت ئارقىلىق (ئىنتېرنېت ئىمكانىيىتى يوقلار فاكس ئارقىلىق) ئىلتىماس سۇنۇلىدۇ. قاتنىشىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنماقچى بولغان ئانسامبىل ۋە سەنئەتچىلەر ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى تولۇق شەكىلدە توشقۇزۇپ، ئەڭ كېچىككەندە 2011- يىلى 29- ئاپرېلغىچە يوللىشى كېرەك. ئىلتىماسلار تەشكىللەش كومىتېتى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ۋە فېستىۋالغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن گۇرۇپپا ياكى سەنئەتچىلەر 2011- يىلى 2- مايدا بۇ تور بېتى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىدۇ.

    2- ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى:

    1) فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەرنىڭ خەلقئارا قاتناش، يىمەك – ئىچمەك ۋە ياتاق چىقىملىرىنى فېستىۋال ئۈستىگە ئالىدۇ.

    2)فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەرگە ئىشتىراك قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ھېچقانداق ھەق بېرىلمەيدۇ.

    3)فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەر فېستىۋالدا بىرى تۈركچە، بىرى ئۆز تىلىدا بولۇپ ئىككى ناخشا ئېيتىدۇ.

    4)فېستىۋالدا ئېيتىلىدىغان ناخشىلار ئۈچۈن تولۇق ياكى يېرىم كۆرسىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەر، فېستىۋالدا ئېيتىدىغان ناخشىلىرىنىڭ پەقەت مۇزىكا قوشۇلغان بىر نۇسخىسىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك. فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەرنىڭ:

            ئا) فېستىۋالدا ئېيتىدىغان تۈركچە ۋە ئۆز تىللىرىدىكى ناخشىنىڭ تولۇق مىللىي نۇسخىلىرى،

            ب) فېستىۋالدا ئېيتىدىغان تۈركچە ۋە ئۆز تىللىرىدىكى ناخشىنىڭ (تېكىستسىز) مۇزىكا نۇسخىلىرى

    2011- يىلى 16- ماي كۈنىگىچە تەمىنلىنىدىغان ftp  بېتىگە wavشەكلىنىدە يۈكلىنىشى؛ تېخنىكىلىق سەۋەبلەردىن يۈكلەش مۇمكىن بولمىغاندا، ئىلتىماس جەدۋىلىدە ئەسكەرتىلگەن ئادرېسقا MP3شەكلىدە ئېلخەت ئارقىلىق يوللىنىشى، wavشەكلىدىكى نۇسخىسى پوچتا ئارقىلىق يوللىنىشى كېرەك. گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ناخشىلارنىڭ wavشەكلىدىكى نۇسخىلىرىنى دەنىزلىگە كەلگەندە ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتىمۇ ئېلىپ كېلىشى لازىم.

    5)فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەر، فېستىۋالدا ئېيتىدىغان بىرى تۈركچە، بىرى ئانا تىلىدىكى ئىككى ناخشىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ھوقۇقىنى تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىغا ھەقسىز شەكىلدە ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. فېستىۋال دائىرىسىدە بېرىلىدىغان كونسېرتلار ئەسناسىدىكى ئاۋاز ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ لىنتىلىرى ۋە فېستىۋالدا ئېيتىلىدىغان ناخشىلارنىڭ لىنتىلىرى تۈركىيە – رادىيو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن مۇناسىۋەتلىك گۇرۇپپا ياكى ناخشىچىلارغا نەشىر ھەققى تۆلىمەستىن نەشىر قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ ۋە TRTتەرىپىدىن ياۋروپا تارقىتىش بىرلىكى رادىيو پوپ / روك/ دۇنيا مۇزىكا ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى Eurosonicقا بارلىق ئەزالار تەرىپىدىن تارقىتىلىشى تەكلىپ قىلىنىدۇ؛ يەنە TRTتەرىپىدىن مۇۋاپىق دەپ قارالغان مېديا ئورگانلىرىغا بېرىلىدۇ.

    6)فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەر دۆلەتلىرىگە ئائىت ئالاھىدە چالغۇلىرى ۋە سەھنە كېيىملىرىنى ئۆزلىرى ئېلىپ كېلىشى كېرەك.

    7)فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچى ئىككى ئاخشام سەھنىگە چىقىدۇ، بىرىنچى ئاخشىمى تېكىستى تۈركچە ناخشىلىرىنى، ئىككىنچى ئاخشام بولسا، تېكىستى تۈركچە ناخشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنىڭ ئانا تىللىرىدىكى ناخشىسىنى ئورۇندايدۇ.

    8)فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەرنىڭ سەھنىگە چىقىش تەرتىپى بارلىق گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەر ئىشتىراك قىلغان بىر يىغىندا چەك تاشلاش ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ.

     9)فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەر فېستىۋال ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مېھمانخانا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى قاتناش چىقىملىرىنى ئۆزى كۆتۈرۈش شەرتى بىلەن بېلىتىنىڭ كېتىدىغان ۋاقتى كەلگۈچە دۆلىتىمىزدە تۇرالايدۇ. بۇ ئەھۋالدا قايتىش بېلەتلىرى خالىغان يەرلىرىگە ۋە خالىغان ۋاقتىغا توغرىلاپ ئېلىنىدۇ. بۇ ۋاقىت ئىچىدە خالىسا بىرەر ئورۇن تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كونسېرتلارغا قاتناشسىمۇ، خالىسا تەتىل ئۆتكۈزسىمۇ بولىدۇ.

     2010- يىللىرى پامۇققەلئە ئانتىك تىياتىر زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالنى كۆرۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە بېسىڭ.

     

     3- نۆۋەتلىك تۈركچە ناخشا – مۇزىكا مۇسابىقىسى ئىلتىماس جەدۋىلى

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر 3-