مىزاج (مىجەز-تەبىئەت)نىڭ بايانى

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-25 16:11:36

مىزاج (مىجەز-تەبىئەت)نىڭ بايانىمىزاجتۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرىدىكى ئۇششاق بىرلىكلىرىنىڭ يەنە بىر ماددىنىڭ ئۇششاق بىرلىكلىرى بىلەن بىرىكىشى ياكى تەسىر قىلىشىدىن شەكىللەنگەن كەيپىياتنى مىزاج دەپ ئ...

    مىزاج (مىجەز-تەبىئەت)نىڭ بايانى

     

    مىزاج

    تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرىدىكى ئۇششاق بىرلىكلىرىنىڭ يەنە بىر ماددىنىڭ ئۇششاق بىرلىكلىرى بىلەن بىرىكىشى ياكى تەسىر قىلىشىدىن شەكىللەنگەن كەيپىياتنى مىزاج دەپ ئاتايمىز.

    مىزاج تۆتكە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل، قۇرۇقتىن ئىبارەت يەككە مىزاجغا ۋە قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغۇق، قۇرۇق سوغۇقتىن ئىبارەت مۇرەككەپ مىزاجىغا تەقسىملىنىدۇ. ھەربىر يەككە ۋە مۇرەككەپ مىزاجىغا تەقسىملىنىدۇ. ھەربىر يەككە ۋە مۇرەككەپ مىزاجنىڭ نورمال، غەيرىي نورمال ھالەتلىرى بولۇپ، جەمئىي 64 خىل مىزاج مەۋجۇت. بۇلار يەنە سېكونت ۋە مىنۇتتا ئۆزگىرىش ياسىشى، يېڭىدىن باشقا مىكرو مىزاجغا ئايلىنىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادىكى دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، بىر-بىرىگە ئوخشىمىغىنىدەك مىلياردلىغان ئىنسانلار ئۈچۈن بىر-بىرىگە شەكىل ۋە پىسخىك خۇسۇسىيەت جەھەتتىن قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان ئىككى ئادەمنى تاپقىلى بولمايدۇ.

     

    1. قۇرۇق ئىسسىق مىجەز كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

    قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەر كۆز ئېقى سارغۇچراق، ئېغىز تەمى ئاچچىق، تىلى قۇرۇقراق، كۆپ ئۇسسايدىغان، بەدىنى قىززىق، سوغۇق ھاۋا ۋە سوغۇق يېمەك-ئىچمەكلەرنى خالايدىغان بولىدۇ. تومۇرى كۈچلۈك ۋە تېز سوقىدۇ، سۈيدۈكى قىزىلغا مايىل سېرىق كېلىدۇ.

    ئۇلار ئاچچىقى يامان، غەزەپلىنىشكە مايىل، نېرۋىسى ئىتتىك، ھەرىكىتى تېز، سەزگۈر، ھېسسىياتى كۈچلۈك، ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدۇ. ئۇيقۇسى كەم بولىدۇ، تۇراقسىز، دىلىغۇل بولۇپ، مەلۇم ئېقىمنى تېز قۇبۇل قىلىپ، يەنە تېز چۆرۈيدۇ. ئۆزى تاپقان نەرسىدىن ئۆزى پايدىلىنالمايدۇ، ھاياجان مىزاج كېلىدۇ. يەڭگىللىك، ئالدىراڭغۇلۇق، چالىلىق ۋە ساددىلىق مۇشۇ خىل كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇ خىلدىكى ئىنسانلار كۆپرەك روھىي ۋە نېرۋا كېسەللىكلىرى، جىگەر كېسەللىكلىرى ۋە باشقا ھەزىم سېستىمىسى كېسەللىكلىرى بىلەن ئاسان كېسەللىنىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر ئادەتتە قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتتىكى يېمەك-ئىچمەك ۋە دورىلارنى كۆپ يېيىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

     

    1. ھۆل ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

    بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ گۆش ۋە ياغ قاتلاملىرى خېلى ياخشى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ، بەدەن ھارارىتى ئۈستۈنرەك، تېرىلىرى سىلىق ۋە چىرايى نۇرلۇق، قىزىل، تېتىك ھەم قۇۋۋەتلىك. ئېغىزى تاتلىق، تولا ئەسنەيدىغان، ئۇيقۇسى كۆپرەك بولىدۇ. پۇت-قوللىرى ئاسان قولىشىپ قالىدۇ، بۇلارنىڭ تۇغما مىزاجى بىلەن خۇلق پەيلى ۋە روھىي ھالىتىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، بۇ خىلدىكى كىشىلەر خۇش پېئىل، ئوچۇق چىراي كېلىدۇ. قارىماققا خاتىرجەم كۆرۈنىدۇ، بىراق سىرتقى تەسىرگە ئالاھىدە ئىنكاس كۆرسىتىدۇ. ئەقىل ۋە پىكىر قابىلىيىتى ئوتتۇراھال كېلىدۇ، باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشقا ماھىر، بۇ مىزاجدىكى كىشىلەر كۆپرەك تېرە، بۆرەك ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرى بىلەن ئاسان كېسەللىنىدۇ، ھۆل سوغۇق غىزالار (مەسىلەن: قوي گۆشى شورپىسى)نى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلسا، ئاسانلا يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ. قۇرۇق سوغۇق خاراكتېردىكى غىزالار بىلەن ئوزۇقلانسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ، قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتتىكى دورىلار ياخشىراق ئۈنۈم بېرىدۇ.

    1. ھۆل سوغۇق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

    ھۆل سوغۇق مىزاج كىشىلەرنىڭ چىرايى ئاق، سۈزۈك، لەۋلىرى تومراق، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى كۆپ، بەدىنى سۈزۈك، يۇمشاق ۋە سوغۇقراق بولىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئېغىر-بېسىق، بىغەم كېلىدۇ. ھەرقانداق ئىشقا ئاسان تەسىرلەنمەيدۇ، لېكىن تەسىرلەنگەندىن كېيىن ئەسلىگە قايتىشىمۇ ئاستا بولىدۇ. ئاسان يادقا ئالالمايدۇ، ئاسان ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مېخانىك ۋە مۇقىم قانۇنىيەتلىك ئىشلارنى پۇختا بىر تەرەپ قىلالايدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەرگە ئادەتتە ھۆل سوغۇق (مەسىلەن: سۇيۇقئاش، سۆل مېۋە-چېۋە) غىزالار يامان تەسىر قىلىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق (مەسىلەن: ئات گۆشى، زاغۇن يېغى تائاملىرى) خاراكتېردىكى غىزالار مەنپەئەت قىلىدۇ، بۇ مىزاجدىكى كىشىلەر ئادەتتە كۆپرەك سوغۇقتىن بولىدىغان كېسەللىكلەر، بوغۇم ئاغرىقلىرى (مۇساپىل) پالەچ كېسەللىكلىرىگە يېقىن تۇرىدۇ، ئەمما داۋالانسا تېز ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

    1. قۇرۇق سوغۇق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى

    قۇرۇق سوغۇق مىزاج كىشىلەرنىڭ بەدىنى چىڭ، چىرايى ئاقۇش (بەزى ئىنچىكە غەيرىي تەبىئىي ھالەتلىرىدە قارامتۇل)، ئورۇقراق، بەدەنلىرى سوغۇقراق، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى ئاز تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. ئۇيقۇسى ئازراق بولۇپ، سوغۇقتا ئۇيقۇسى قاچىدۇ، ئىسسىقتا ۋە ھۆل مۇھىتتا ئۇيقۇسى كېلىدۇ ھەم سەمىرىيدۇ، بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئاستا تەسىرلىنىدۇ، ىىيال ۋە ئارزۇ دۇنياسىدا ياشايدۇ، رېئاللىقتا يوق پىكىر ۋە تەسەۋۋۇرلاردا بولىدۇ. يالغۇزلۇقنى خالايدۇ، ئەندىشە ۋە ئازابقا مايىل كېلىدۇ. لېكىن ھەر ئىشنىڭ ئېھتىمالىنى ئالدىن بىلەلەيدۇ، تەسەۋۋۇرغا ۋە گۇمانغا باي كېلىدۇ، كىشىلەر چۈشەنمەيدىغان چوڭقۇر پىكىرلەردە بولىدۇ.

    بۇ خىلدىكى كىشىلەر كۆپىنچە ئۇستىخان، نېرۋا، روھىي كېسەللىكلەرگە يېقىن تۇرىدۇ، ئۆسمە كېسەللىكلەرگىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. ھۆل ئىسسىق خاراكتېردىكى تاماق ۋە دورىلار پايدا قىلىپ، قۇرۇق سوغۇق خاراكتېردىكى ئوزۇقلۇق ۋە دورىلار دەرھاللا زىيان قىلىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مىزاج