ئارمان- مۇسۇلمانچە يېمەكلىكنىڭ «جۇڭگودا ئىشلەنگەن» ئوبرازىنى تىكلىدى

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-22 21:01:59

«مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلىرى» نىڭ يېرىم سائەت داۋاملىشىدىغان پرۇگراممىسىدا مىللىي سانائەتنىڭ پەخرى بولغان «ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر گۇروھى» نى تونۇشتۇرۇپ ئارمان شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلىرى «Made in China» (جۇڭگودا ئىشلەن

    ئارمان- مۇسۇلمانچە يېمەكلىكنىڭ «جۇڭگودا ئىشلەنگەن» ئوبرازىنى تىكلىدى!!!
    Arman-Musulmanche Yimeklikning "Made in China" sini yaratti!!!
     

    «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلىرى» نىڭ يېرىم سائەت داۋاملىشىدىغان پرۇگراممىسىدا مىللىي سانائەتنىڭ پەخرى بولغان «ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر گۇروھى» نى تونۇشتۇرۇپ ئارمان شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلىرى «Made in China» (جۇڭگودا ئىشلەنگەن) دېگەن ئوبرازىنى تىكلىدى، دەپ يۇقىرى باھا بەرگەن.  فىلىمدە يەنە، يېقىندا قازاقىستاندىن كەلگەن كارخانىچىلارنىڭ ئارمان شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان كەمپۈت قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا كىرگۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ «ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇروھى» نىڭ بۇ يىل 16-تۈركۈمدە مۇسۇلمان ئەللىرىدىن كەلگەن خېرىدارى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن.

    «ئارمان مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەر سانائىتى گۇروھى»نىڭ قۇرغۇچىسى رادىل ئابلا ئەپەندى: «بىز پۈتۈن مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىش ساھەسىنى دۇنياۋى سەۋىيىگە ئېلىپ چىقىپ ئۇنى دۇنياغا يۈزلەندۈرمەكچى، ھەمدە شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىش كارخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنىڭ «جۇڭگودا ئىشلەنگەن» (Made in China  ) ماركىسىنى يارىتىمىز!. ئارمان ئۆزىنىڭ دىيارىمىزدا قۇرغان زاۋۇتلىرى ئارقىلىق 25 دىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئەللىرىگە ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى يۈزلەندۈردى دېگەن. خەۋەردە يەنە «ئارمان شىركىتى كەلگۈسىدە، خەلقئارادىكى ھەر يىللىق مۇسۇلمانچە يېمەكلىك سودىسى 200 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى بولىدىغان بازاردا ئۆزىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نىسبەتنى ئىگەللىشنى ئۈمىد قىلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.

    ئاخىرىدا رادىل ئابلا ئەپەندى :«جۇڭگو نۇرغۇنلىغان ئەۋزەللىككە ئىگە، بىزنىڭ مەقسىتىمىز بولسا شىنجاڭدىكى باشقا مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ، بىرلىكتە دۇنيانىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىك سانائىتىدىكى بىر چوڭ يېمەكلىك دۇنياسىنى قۇرۇپ چىقىش!» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. 

    چەۋەندازلار بلوگىدىن ئېلىندى 

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.