ئۇد يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەر

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-11 16:53:18

ئۇد يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەرۋاقىت تەۋەلىكى: 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچەسوغا يۇلتۇزلۇقلارنىڭ بارماق ئىزى ئالاھىدىلىكى: ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ئا تىپلىق ياكى د تىپلىق بولغانلار: ئۇل...



     

    ئۇد يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەر

    ۋاقىت تەۋەلىكى: 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە

    سوغا يۇلتۇزلۇقلارنىڭ بارماق ئىزى ئالاھىدىلىكى: ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ئا تىپلىق ياكى د تىپلىق بولغانلار: ئۇلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى ناھايىتى يۇقىرى، ھەرىكىتىمۇ چاققان، چەبدەس بولۇپ، يېڭىلىق تەرەپدارلىرىغا مەنسۇپ، ياش چاغلىرىدا يامان ئەمەس يېتىلگەن. ئەگەر سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولسا، ئوبدان پايدا ئالالايدۇ. بىراق ئىشلىرىم تېخىمۇ تېخىمۇ ئوبدان يۈرۈشسۇن دېسە، جەزمەن باشقىلارغا كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، كىچىك پېئىل بولىشى، ئۆزىگە تەمەننا قويماسلىقى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئەيىبى شۇكى، ئۆزىگە بەك ئىشىنىپ كېتىپ، باشقىلارنى كۆزگە ئىلماي قويىدۇ.

    ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ب تىپلىق ياكى ئې تىپلىق بولغانلار: ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندىلا زاھىر بولىدۇ. شۇڭا قانچىلكى قىيىن ئىش بولسا، قىلىشقا شۇنچە قىزىقىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۆزىنى چەتكە ئالمايدۇ. ھەرقانداق ئىشقا ئىنتايىن ئەستايىدىل قارايدۇ. بىرەر ئىشقا ئالدىراپ-سالدىراپ ھۆكۈم قىلمايدۇ. جىمى ئىشقا مىزان بولسىكەن دەيدۇ. بەزىدە كىشىگە «تەرسا»دەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. ئەمما ناھايىتى چىقىشقاقق بولغاچقا، دوستلىرىىنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بولىدۇ.

     ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى س تىپلىق ياكى ئېف تىپلىق بولغانلار: ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئەمما ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئىش قىلغاچقا كەتكۈزۈپ قويىدۇ. بىراق غەرەز ئۇقىدىغان بىرەر كىشى ياندىشىپ ھەمدەم بولسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ. ئۇلار خىزمەتكە ئۆزىنى ئۇرۇپ يۈرۈپ، باشقا جەھەتتىكى تۇرمۇشنىڭ مېغىزىنى چېقىشقا سەل قارىماسلىقى لازىم. بولۇپمۇ كۆڭۈل مەسىلىسىگە تازا ئېتىبار بەرمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، مۇھەببەتلىشىدىغان ۋاقتى كېچىكىپرەك باشلىنىشى مۇمكىن.

     ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ج تىپلق بولغانلار: ئوچۇق-يورۇق مىجەزلىك، خۇش پېئىل بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلاردا ياخشى تەسىر پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ چوڭلارنىڭ ئىچىنى تېخىمۇ كۆيدۈرىدۇ. بىراق ھەمىشە چوڭ بولماس بالىدەك ئەركە مىجەزى كەسپىي تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ. باشقىلارغا زىيادە تايىنىۋالغانلىقى ئۈچۈنمۇ، مۇستەقىل ياشىمىقىمۇ قىيىن. كەلسە-كەلمەس چاقچاق قىلىدىغان ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، بولمىسا كەسىپتە ئامىتى قاچىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر مۇستەقىل كۆز قاراش ۋە ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.