باشقا يانفوننى ئوغىرلىقچە ئاڭلىغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەڭ

يوللىغۇچى : Biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2009-02-07 02:49:00

كۆپەيتىلگەن يان تېلېفون كارتىسى ياكى مەخسۇس ئۈسكۈنە ئارقىلىق سۆزلىشىش مەزمۇنىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغىلى بولىدۇ، دېگەن ئۇچۇرغا ئالدىنىپ قالماڭ 2009-يىلى 2-ئاينىڭ2-كۈنى شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى«تۈرلۈ...

          كۆپەيتىلگەن يان تېلېفون كارتىسى ياكى مەخسۇس ئۈسكۈنە ئارقىلىق سۆزلىشىش مەزمۇنىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغىلى بولىدۇ، دېگەن ئۇچۇرغا ئالدىنىپ قالماڭ 2009-يىلى 2-ئاينىڭ2-كۈنى شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى «تۈرلۈك يان تېلېفون كارتىلىرىنى تەقلىد قىلىپ كۆپەيتىمىز(ئەسلىدىكى كارتا بولمىسىمۇ بولىدۇ)، بۇ كارتا ئارقىلىق سىز قارشى تەرەپنىڭ تېلېفون ئالاقىسىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىيالايسىز ۋە قىسقا ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلالايسىز، قارشى تەرەپنىڭ ئالاقىسى پۈتۈنلەي سىزنىڭ كونتروللۇقىڭىزدا بولىدۇ»... يېقىندىن بۇيان، نۇرغۇن ئوقۇرمەن گېزىتىمىزگە ئۆزلىرىنىڭ يان تېلېفون كارتىسىنى تەقلىد قىلىپ كۆپەيتىش مەزمۇنىدىكى قىسقا ئۇچۇرلارنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى، توردىمۇ مۇشۇ ھەقتە ئۈسكۈنە ياكى مۇلازىمەتنى سېتىش ئېلانىنىڭ بارلىقىنى ئىنكاس قىلدى. بەزى ئوقۇرمەنلەر ئەگەر يان تېلېفون كارتىسىنى راستىنلا تەقلىد قىلىپ كۆپەيتكىلى بولسا، ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان چىقىشىدىن، شۇنداقلا شەخسىي سىر ھوقۇقىغا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرىدى. جۇڭگو كۆچمە ئالاقىچىلىكىنىڭ ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيىسىدىن ئىگىلىشىمچە، تېلېفون كارتىسىنى تەقلىد قىلىپ كۆپەيتىش ئۇچۇرى يېڭىچە قىسقا ئۇچۇر ئالدامچىلىقى بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئالدىنىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك ئىكەن. — ئەگەر مېنىڭ يان تېلېفونۇمنى باشقىلار ئاڭلىيالىسا، ئازراقمۇ شەخسىي سىرىم قالمايدىكەنغۇ؟ بۇ نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق! – دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى غەربىي تاغ يولىدىكى ‹‹يىخې›› ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق گۇڭ خانىم. ئۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان يان تېلېفون كارتىسىنى تەقلىد قىلىپ كۆپەيتىمىز، قارشى تەرەپنىڭ تېلېفون ئالاقىسىنى نازارەت قىلالايسىز، قىسقا ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيسىز (GPS ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەيمىز)، دېگەن مەزمۇندىكى ئۈچ قىسقا ئۇچۇرنى قوبۇل قىپتۇ. يان تېلېفون كارتىسىنى تەقلىد قىلىپ كۆپەيتىش ئارقىلىق راستىنلا باشقىلارنىڭ سۆزلىشىشىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغىلى بولامدۇ؟ مەن جۇڭگو كۆچمە ئالاقىچىلىكىنىڭ ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيىسى 10086گە تېلېفون قىلدىم. 2954 – نومۇرلۇق مۇلازىم مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان جەمئىيەتتىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار قىسقا ئۇچۇرنى توپ تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يان تېلېفوننىڭ تەقلىد قىلىپ كۆپەيتىلگەن SIM كارتىسىنى سېتىش توغرىسىدىكى ناچار ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ نورمالسىز پسىخىكىسىدىن پايدىلىنىپ پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش، شۇڭا ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىك، ئالدىنىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە باشقىلارنىڭ تېلفونىنى ئوغىرلىقچ ئاڭلاش ئەسلىدىنلا قانۇنسىز ھەركەت بولغاچقا ، قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلمەيدىكەن، شۇڭا ئالدانغان ئىستىمالچىلارمۇ «باشقىلارنىڭ تېلپونىنى ئاڭلىيالمىدىم دەپ ئەرز قىلىپ يۈرمەيدىكەن. زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىلەرنى ئىگىلىدىم: جۇڭگو كۆچمە ئالاقىسىنىڭ ھازىر قوللىنىۋاتقىنى خەلقئارا GSM تەشكىلاتى بەلگىلىگەن خەلقئارا بويىچە بىر تۇتاش ئۆلچەملىك SIM كارتىسىغا مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈش تېخنىكىسى بولۇپ، SIM كارتىسىنى تەقلىد قىلىپ كۆپەيتىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن، كۆپەيتىش توغرا كەلگەندىمۇ چوقۇم يان تېلېفون ئىگىسىنىڭ ئەسلىدىكى SIM كارتىسى بولۇشى كېرەك ئىكەن، شۇڭا، ئۆزىڭىزنىڭ SIM كارتىسىنى ياخشى ساقلاپ، ناتونۇش كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلانسىڭىزلا، SIM كارتىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، باشقىلارنىڭ كۆپەيتىۋېلىشىدىن ساقلىنالايدىكەنسىز. ئەگەر ئابۇنىچىلار يان تېلېفون كارتىسىنى يىتتۈرۈپ قويسا، تىجارەت زالىدىكى خىزمەتچىلەر ئالاقىدار ئىسپاتلارنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئاندىن يېڭى كارتىنى كۆپەيتىپ بېرىدىكەن، يېڭى كارتىنى كۆپەيتىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئەسلىدىكى يان تېلېفون كارتىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدىكەن، يەنى ئىككى ئوخشاش يان تېلېفون كارتىسى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىلىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمەيدىكەن، ئابۇنىچىلار خاتىرجەم بولسا بولىدىكەن. ئۈسكۈنە ئارقىلىق ئاڭلاشمۇ يالغان بولۇپ ئادەتتە تېلېگىراف شىركەتلىرى ئالاھىدە ھوقۇق بەرگەن دۆلەت ئاپاراتلىرىدىن باشقىلارنىڭ تېلفونلارنى ئوغىرلىقچە ئاڭلىيالىشى مۈمكىن ئەمەس ئىكەن. مەن جۇڭگو كۆچمە ئالاقىچىلىكى تورىدا ‹‹يان تېلېفون كارتىسىنى كۆپەيتىش قاتارلىق قىسقا ئۇچۇرلاردىن ھەزەر ئەيلەش توغرىسىدىكى ئەسكەرتىش›› دېگەن ماقالىنى كۆردۈم، توردا يەنە يان تېلېفون ئابۇنىچىلىرىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئالدامچىلىق ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلغاندا جۇڭگو كۆچمە ئالاقىچىلىكىنىڭ ئەخلەت ئۇچۇر پاش قىلىش سۇپىسىغا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق پاش قىلىشى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، قىسقا ئۇچۇر ‹‹پاش قىلىنىدىغان نومۇر* پاش قىلىنىدىغان ئۇچۇر مەزمۇنى›› شەكلىدە يېزىلىپ 10086999غا ئەۋەتىلسە بولىدىكەن، جۇڭگو كۆچمە ئالاقىچىلىكى ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە زەربە بېرىدىكەن.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق