نېمە ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا باش كاتىپ لازىم بولىدۇ

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-01 20:02:30

نېمە ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا باش كاتىپ لازىم بولىدۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ب د ت نىڭ باش كاتىپى بونكىمون 10-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى. ب د ت نىڭ باش...

     

    نېمە ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا باش كاتىپ لازىم بولىدۇ

     

        جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ب د ت نىڭ باش كاتىپى بونكىمون 10-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى. ب د ت نىڭ باش كاتىپى تىلغا ئېلىنسا كىشىلەر دائىم ئاشۇ خەلقئارا سەھنىنىڭ مەركىزىدە، يورۇق چىراقلار ئاستىدا تۇرىدىغان، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە كېزىپ يۈرىدىغان سىمانى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ كۆڭلىدە باش كاتىپ ب د ت دىن ئىبارەت بۇ «دۇنيا ھۆكۈمىتى»نى ئگىلەپ تۇرغان، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، «دۇنيانىڭ زۇڭتۇڭى» سۈپىتىدە ئايان بولىدۇ.

      ۋاھالەنكى، رېئاللىقتا ب د ت ھەرگىز «دۇنيا ھۆكۈمىتى» ئەمەس، بەلكى، ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق ھۆكۈمەتلەر ئارا تەشكىلات. ب د ت نىڭ باش كاتىپىمۇ «دۇنيانىڭ زۇڭتۇڭى» ئەمەس، پەقەت ئەڭ مەشھۇر خەلقئارالىق مەمۇر خالاس. «ب د ت نىزامنامە» سىگە ئاساسەن، باش كاتىپنىڭ فۇنكىسىيەسى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بد ت نىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئىقتىساد-ئىجتىمائىي ئىشلار مۇدىرىيىتى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ يىغىنىدا، جۈملىدىن، دوكلات تاپشۇرۇش، تەكلىپ بېرىش، ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا باش كاتىپ سالاھىيىتى بىلەن ھوقۇق يۈرگۈزىدۇ؛ ب د ت نىڭ قۇرۇلتىيى ب د ت قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاھىدە يىغىنىنى چاقىرىدۇ؛ ئۆزى خەلقئارا تېنچلىققا ۋە بىخەتەرلىككە تەھدىت بولىدۇ دەپ قارىغان ئىشلارنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دىققىتىگە سۇنىدۇ؛ زور خەلقئارا مەسىلىلەرگە بايانات ئېلان قىلىدۇ ياكى تەشەببۇس چىقىرىدۇ؛ خەلقئارادىكى تالاشلارنى ياراشتۇرىدۇ ۋە مۇرەسسە قىلىدۇ ۋە باشقىلار.

      «نىزامنامە»دە، باش كاتىپ ب د ت نىڭ مەمۇرىي باشلىقى، دەپ بەلگىلەنگەن، بۇ .ۇنىڭ ب د ت نىڭ كاتىبات باشقارمىسىدىكى مەمۇرىي باشلىقلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ب د ت نىڭ كاتىبات باشقارمسى ب د ت نىڭ مۇلازىمەت ئاپپاراتى، شۇڭلاشقا، تۈپ ئاساسىدىن ئېيتقاندا، باش كاتىپ دېگىنىمىز، ئەزا دۆلەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان «چاكار»، بۇ ئۇنىڭ خىزمەت مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەيدانى بىلەن غەمخۇرلىقىغا سەل قارىسا بولمايدىغانلىقىنى، ھەر قايسى دۆلەتلەر پوزىتسىيەسى ۋە سىياسەتلىرىنى ئۇيان-بۇيان قىلشىنىڭ قىيىن بولۇشىنى بەلگىلىگەن. ئىلگىرىكى ب د ت نىڭ باش كاتىپلىرى خىزمەتتە ناھايىتى تىرىشىپ ئىشلىگەن بولسىمۇ، لېكىن، نۇرغۇن ئىشلارغا كۈچى يەتمىدى ۋە ئامالسىز قالدى. باش كاتىپنىڭ قارشىلىقى 2003-يىلى ئېراق ئۇرۇشىنى توسۇپ قالالمىدى؛ باش كاتىپنىڭ چاقىرىقى بارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش ۋەدىسىنى ئادا قىلدۇرالىشى قىيىن؛ باش كاتىپنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى رۋاندىكى چوڭ قىرغىنچلىق قاتارلىق ئادەمنى ئېچىندۇرىدىغان كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى- تەرۈز قىلىش ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئالالمىدى.

      ب د ت نىڭ باش كاتىپى ھەممىگە قابىل بولمىسىمۇ، لېكىن، ئۇ بولمىسىمۇ بولمايدۇ. باش كاتىپ ب د ت نىڭ سىمۋولى، ئۇ سېلىشتۇرغۇسىز ھەققانىيەت تەسىرى كۈچىگە ۋە سىياسىي ئىناۋەتكە ئىگە.  ب د ت قۇرۇلغاندىن تارتىپ، بۈگۈنگىچە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، سەككىز باش كاتىپ ئۆتتى، ئۇلار خەۋپسىزلىك، تەرەققىيات ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ھېچكىم ئورنىنى باسالمايدىغان روللارنى ئوينىدى.

     - باش كاتىپ ب د ت نىڭ تېنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ، بىتەرەپ تۇرۇش، قوشۇلۇش، ئۆزىنى قوغداش تىن ئىبارەت تېنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ ئۈچ پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇرۇش ۋە تېنچلىقنىڭ ھالقىلىق پەيتلىرىدە ئوتتۇرا شەرقتە پەيدا بولدى، ئافرىقىدىمۇ پەيدا بولدى، بالقاندا پەيدا بولدى، ئۇ بىتەرەپ مەيدانى ۋە ئالاھىدە سالاپىتى بىلەن مۇرەسسە قىلدى ۋە ياراشتۇردى.

     - باش كاتىپ ئۇدا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى تەشەببۇس قىلدى، تەرەققىيات مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە چېپىپ يۈرۈپ،  چاقىرىق قىلدى، كېلىمات ئۆزگىرشى، مۇھىتنى قوغداش ساھەلەردە خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردى.

      باش كاتىپ ئېرىقچىلىققا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى باشلاپ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئېرىق ئايرىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى؛ جىنسىي باراۋەرلىكنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاجىزلار توپىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى.

     خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك چوڭقۇرلاپ، ب د ت نىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى يادرولۇق ئورنى تېخىمۇ كۈچەيگۈسى، باش كاتىپ تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغۇسى. خۇددى ئانا ئېيتقاندەك،«ب د ت نىڭ كاتىپى بولغان مەن قىقاسچىلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى، مەن تەشكىللىگۈچى، مەن مال ساتقۇچى، مەن شىكايەتلەرنى تىڭشىغۇچى، يەنە باشقا تەرەپلەر مېنىڭ قېزىشىمنى كۈتۈۋاتىدۇ.»

     

          تەرجىمە قىلغۇچى:   ئەھمەت ئىمىنھاجى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.