ئەرلەر يانمۇيان پاراڭلىشىدۇ، ئاياللار ئۇدۇلمۇئۇدۇل پاراڭلىشىدۇ

يوللىغۇچى : nfisa يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-11 14:58:40

يېقىندا بىر قىزىقارلىق ئىستاتىسكىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئىككى ئادەم پاراڭلىشىۋاتىدۇ دېسەك، ئەگەر ئۇلار ئەر بولسا، كۆپىنچە ئۇلار يانمۇيان تۇرۇپ پاراڭلىشىشىنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئەگەر ئاياللار پاراڭلاشقان بولسا، ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئولتۇرۇپ پاراڭلىشى


    ئەرلەر يانمۇيان پاراڭلىشىدۇ، ئاياللار ئۇدۇلمۇئۇدۇل پاراڭلىشىدۇ

    شى بىڭ
    ئابدۇغوپۇر راخمان تەرجىمىسى

     
    يېقىندا بىر قىزىقارلىق ئىستاتىسكىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئىككى ئادەم پاراڭلىشىۋاتىدۇ دېسەك، ئەگەر ئۇلار ئەر بولسا، كۆپىنچە ئۇلار يانمۇيان تۇرۇپ پاراڭلىشىشىنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئەگەر ئاياللار پاراڭلاشقان بولسا، ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىشنى ياقتۇرىدىكەن. دەسلىپىدە مەن تازا ئىشىنىپ كېتەلمىدىم، بىراق ئەتراپلىق كۆزەتكەندىن كېيىن، دەرۋەقە بۇ ئىستاتىستىكىنىڭ ھەقىقەتەن توغرىلىقىنى ھېس قىلدىم.
    تەپسىلىي ئويلاپ كۆرسەم، مەن مەسىلىنىڭ نىگىزىنى بايقاپتىمەن. بۇنىڭدىكى نىگىزلىك مەسىلە يەنىلا ئەرلەر ئەقلىي بىلىشكە، ئاياللار ھېسىي بىلىشكە مايىل كېلىدىكەن. ئەرلەرنىڭ ئەقلىي بىلىشكە مايىللىقى، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرسا كۆڭلىدىكى ئويلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنى خالىمايدىغانلىقى؛ ئاياللارنىڭ ھېسىي بىلىشكە مايىللىقى، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا قارىشىپ پاراڭلاشقاندا بىر-بىرىدىكى سەمىمىيەتنى ھېس قىلالايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.
    ئوغۇل قىز پاراڭلاشقاندا، ئۇلارنىڭ ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئولتۇرۇشى بىلەن يانچە ئولتۇرۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى ماڭا تەپمۇتەڭدەك تۇيۇلىدۇ. لېكىن، مەيلى ئۇدۇل ياكى يانچە ئولتۇرغاندا بولسۇن، قىزلار ھەمىشە ئوغۇللارغا سەپسېلىپ ئولتۇرىدىكەن. بىراق ئوغۇللار قانداقتۇر بىر ئىشنى ئويلاۋاتقاندەك، دىققىتى قىزلارغا مەركەزلەشمەيدىكەن.
    مەن بىر قانچە دوستلىرىمدىن سورىغانىدىم، ئوغۇل دوستلىرىم ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئولتۇرغاندا خۇددى بىرى ئەيىپلەۋاتقاندەك قورۇنۇپ ئەركىن بولالمايدىغانلىقىنى، يانچىلاپ ئولتۇرسا باراۋەر ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قىز دوستلىرىم بولسا باشقىچە جاۋاب بەردى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئولتۇرغاندا تېخىمۇ قىزغىن بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە زەن سېلىش ئارقىلىق قارشى تەرەپنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيدىكەن. يانمۇيان ئولتۇرغاندا بولسا بىخەتەر بولالمايدىكەن.
    مەن ھەر ئىككىيلەننىڭ كۆز قارىشىدىن چىقىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مىجەز خاراكتىرىنى تەھلىل قىلىش جەريانىدا، مەيلى قىز ياكى ئوغۇللارنىڭ بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئاساسىنىڭ بارلىقىنىنى بايقىدىم. ئەمەلىيەتتە، بۇ قىزىقارلىق ھادىسىنىڭ شەكلى ئوخشاشمىسىمۇ، ھەقىقىي ئالاقىگە ۋە ئالاقە ئۈنىمىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت ماھىيىتى يەنىلا ئوخشاش.
    ئەتراپىمىزدىكى قارىماققا ئەرزىمەستەك كۆرىنىدىغان بۇنداق بىلىملەرنىمۇ ئۆگىنىپ قويۇڭ. بىز ھادىسىلەرنى مۇشۇنداق ئىنچىكىلەپ كۆزەتكەندىلا، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى باردى-كەلدى قىلىش ئۇسۇللىرىنى ياخشى ئىگىلەپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايمىز.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2014-يىللىق 2-سان
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.