21-ئاپرېل، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنىستېتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ خۇينىڭ ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلاندى، باشقىلارغا ۋاكالىتەن ئوقۇۋاتقان، يالغاندىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇچۇرى ياسىغان، يالغان دېپلوم ياساپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقانلاردىن يەنە 17 سى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىر تەرەپ قىلىندى.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مونۇلارنى بىلدۈردى: باشقىلارنىڭ نامى بىلەن ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىش ئىشى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، ئالىي مەكتەپ قاتارلىق تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىغا، شۇنداقلا بىر قىسىم ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ پۇل خەجلەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى سېتىۋېلىش ياكى سېتىش قىلمىشىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، تەكشۈرۈشتە ئەگەر مەكتەپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئادەملەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى سېتىشقا قاتناشقان ياكى باشقىلارنىڭ نامى بىلەن ئوقۇشقا كىرىشكە ياردەم قىلغان ئەھۋاللار بايقالسا، مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرگە جازا بېرىلىپ، بۇ خىلدىكى ئەھۋاللارنىڭ قايتا سادىر بولۇشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
مەنبە : خەلق تورى
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.