سېمىزلىكنىڭ يەنە بىر زىيىنى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-12 17:10:01

بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. بەدەن كۆرسەتكۈچى ھەر بەش پىرسەنت ئاشسا، ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %6 كۈچىيىدىكەن


    سېمىزلىكنىڭ يەنە بىر زىيىنى
     
    ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا تاماملىغان تەتقىقات نەتىجىسىدىن يېقىندا مۇنداق نەتىجە چىقتى: بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. بەدەن كۆرسەتكۈچى ھەر بەش پىرسەنت ئاشسا، ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %6 كۈچىيىدىكەن، يەنى بەدەندىكى ياغ ئاياللاردا تۇخۇمدان راكىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بوي ئىگىزلىك بىلەن ئىرسىيەت ئامىلىمۇ بۇ كېسەلنىڭ پەيدا بولىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «سېمىزلىك ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، راك كېسىلى خەۋىپىنى يۇقىرىلىتىدىكەن. سېمىزلىك يەنە بەدەندىكى ئىنسۇلىننىڭ كۆپىيىشى ۋە ئىنسۇلىنلىشىشقا تاقابىل تۇرۇپ، بەدەندە سوزۇلما ياللۇغ پەيدا قىلىدىكەن، ياللۇغ ئاياللاردا تۇخۇمدان راكىنى پەيدا قىلىدىغان ھەم ھاياتلىق سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىدىغان بىر مۇھىم ئامىل».
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.