شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ يوللىرى

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-23 01:34:29

شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ يوللىرى ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، ئۈمىدلىك، جاسارەتلىك، قەلبى ئۈلۇغۋار غايىلەر بىلەن تويۇنغان بىر تۈركۈمقېرىنداشلىرىمىز زامانىۋىي ئىقتىسادنىڭ، دۇنياۋى...

    شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ يوللىرى

     

     

        ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، ئۈمىدلىك، جاسارەتلىك، قەلبى ئۈلۇغۋار غايىلەر بىلەن تويۇنغان بىر تۈركۈم قېرىنداشلىرىمىز زامانىۋىي ئىقتىسادنىڭ، دۇنياۋىي ئىقتىسادنىڭ تەلىپى بويىچە تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە بولۇش، سېستىمىلاشقان سودا ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭىچە شىركەت، زاۋۇت، كارخانىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش، قانۇننىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. پېقىرمۇ بەزى سەۋەبلەر بىلەن بىر قانچە شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىشلىرى داۋامىدا بۇ ھەقتە ئانچە-مۇنچە چۈشەنچىلەرگە ئىگە بوپ قالدىم. شۇڭا تېخىمۇ كۆپ ئىشلاردا باشقىلارغىمۇ پايدىسى تىگىپ قالارمىكىن دەپ بۇ يازمىنى يازدىم. مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ئەمىسە بۇنى

    ئەلۋەتتە ئەڭ ئاۋۋال شىركەت نامى، شىركەت قانۇنىي ۋەكىلى، شىركەت مەبلىغى، شىركەت ئورنى (ئادېرىسى) دىگەندەك ئورۇنلارنى ئالدىن ئويلىشىسىز. ئاندىن تۆۋەندىكى تۈرلەر بويىچە بولىدۇ.

    1. شىركەت ئىسمىنى ئالدىن ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى (企业名称预先核准申请表) ئېلىش، شىركەت نامىنى تەھقىقلەش، جەدىۋەل تولدۇرۇش

    (ھەممە ئىشلار دىگۈدەك سودا-سانائەت ئىدارىسىدا بىجىرىلىدىغان بولغاچقا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنمايدۇ) سودا-سانائەت ئىدارىسىغا بېرىپ بىرىنچى قىلىدىغان ئىشىمىز شىركەت نامى ۋە تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش (نامى ئوخشاش بولسىمۇ تىجارەت دائىرىسى ئوخشىمىسا ئوخشاش ئىسىملارنى ئىشلىتىشكە بولىدىكەن)، بۇنىڭدا سودا-سانائەت ئىدارىسىدىكى خادىملار ئۆزىنىڭ مەخسۇس تورى ئارقىلىق بىر تۇتاش گەۋدىلەشكەن تور سېستىمىسى ئارقىلىق شىركەت نامى، تۈرلىرى، ئىسىم توقۇنۇشى كېلىپ چىقىدىغان-چىقمايدىغانلىقىنى ... دىگەندەك تۈرلەر بويىچە تەكشۈرۈپ بېرىدۇ، ئەگەر ئىشلىتىشكە بولسا بىر ۋاراق A4 قەغەزگە شىركەت نامىنى ئالدىن ئەنگە ئالغانلىقى توغرىسىدا ئىسپات چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ ئىسپات ئاشۇ ئىسپات بېرىلگەندىن باشلاپ ئالتە ئايغىچە كۈچكە ئىگە بولىدىكەن، يەنى شۇ ئالتە ئاي ئىچىدە ھىچكىم بۇ شىركەت نامىنى ئىشلىتەلمەيدىكەن (ئىشلىتىش پەقەت شۇ ئىلتىماس قىلغۇچىغىلا خاس بولىدىكەن).

    بۇ ئىسپاتقا شىركەت نامىدىن باشقا يەنە شۇ شىركەتنىڭ تىجارەت تۈرى، مەبلەغ سالغۇچىلار (پايچىلار) نىڭ ئىسىمى، كىملىك نومۇرى، مەبلىغى (بانكا ئامانىتى، كۆچمە، مۇقىم مۈلۈكلەر) ، ئومۇمىي مەبلەغنىڭ ئومۇمىي پايچىلار ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى (يەنى ئۈچ نەپەر شىركەت پايچىكى بولسا ھەر بىر پايچى شۇ ئومۇمىي مەبلەغنىڭ قانچە پىرسەنتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن)، كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلمىسى دىگەندەك مەسىلىلەر كىرگۈزۈلىدىكەن.

    ئەگەر شىركەت ئەنگە ئالدۇرغان مەبلەغ بىر مىليۇن يۈەندىن ئاز بولسا شەھەرلىك ياكى ناھىيلىك سودا-سانائەت ئىدارىلىرى بۇ ئىلتىماسنى قۇبۇل قىلىدىكەن، ئەگەر شىركەت ئەنگە ئالدۇرىدىغان مەبلەغ بىر مىليۇن يۈەىندىن يوقىرى بولسا ۋىلايەت ياكى ئۇنىڭدىن يوقىرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلار ئەنگە ئالىدىكەن.

    2. بانكا ھېساباتى ئېچىش (银行公司账户)

    ئۆزىڭىزگە ئەڭ قولايلىق خالىغان بانكىدىن ھېسابات ئاچسىڭىز بولىدۇ، چوقۇم شىركەت نامىدا بىرھېساب ئېچىلىدۇ.

    3. كاپىتال تەكشۈرۈش دوكلاتى (验资报告)

    بۇنىڭدا سودا-سانائەت ئىدارىسىنىڭ ئېتراپىغا ئېرىشكەن مەلۇم بوغالتىرلىق ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى (会计事务所) سىز ھېساب ئاچقان بانكىغا بېرىپ سىز ئىلتىماس قىلىپ ئەنگە ئالدۇرماقچى بولغان مەبلەغنىڭ بانكا ھېساباتىغا كىرگەن-كىرمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئىسپات چىقىرىپ بېرىدىكەن. ئادەتتە نەق پۇل ئامانىتى تولۇق بولسا ئۇلار ئىسپاتقا مەلۇم مىقداردا (نەچچە يۈز يۈەن، كۆپرەك بولسا بىر نەچچە مىڭ يۈەن) مۇلازىمەت ھەققى ئالىدىكەن.

    ئەگەرمەبلەغ يېتىشمىگۈدەك بولۇپ قالسا ئاشۇ بوغالتىرلىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرى كەم مەبلەغنى سىزنىڭ ھېساباتىڭىزغا تولۇقلاپ ئۇرۇپ بېرىپ تۇرىدىكەن، پۇلنىڭ شىركەت ھېساباتىدا ئەڭ قىسقا تۇرۇش ۋاقتى 15 كۈن بولغاچقا، شۇ 15 كۈن تۇرغانغا ئۇلار چىقارغان مەبلەغنىڭ %2.5 ~ %3.5 گىچە ھەق ئالىدىكەن.

    4. شىركەت تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى، شىركەت رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ بېرىش ھاۋالىنامىسى (يەنى سىزنىڭ شۇ ماتىرىياللارىڭىزنى تاپشۇرىۋالغان خادىمغا تاپشۇرىدىغان شىركەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ بېرىش ئىلتىماسى)، مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار (پايچىلارنىڭ كىملىكلىرى كۆپەيتىلمىسى، كاپىتال تەكشۈرۈش دوكىلاتى)، شىركەت نىزامنامىسى

    يوقىرىقى جەدىۋەل ۋە ئىسپاتلارنى تولۇقلاپ تاپشۇرغاندا بىرەر ھەپتە ئىچىدە شىركەت قۇرۇشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىسپات چىقىرىپ بېرىدۇ.

    شىركەت نىزامنامىسىنى ئۆزىڭىز تۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئاساسەن سودا-سانائەت ئىدارىسى ياكى بوغالتىرلىق مۇلازىمەت ئۇرۇنلىرىدا نۇسخىلىرى بار، مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

    5. تىجارەت گۇۋاھنامىسى (营业执照)، مۇناسىۋەتلىك ئىجازەتنامىلەر(许可证)

    ئادەتتە يوقىرىقى تۈرلەر تاماملانغاندا سىزنىڭ تىجارەت قىلىشىڭىزغا بېرىلىدىغان كىنىشكە (بۇنى سۆزلىمىسەممۇ ئەقىللىق ئوقۇرمەنلىرمىز چۈشىنىدۇ)

    6. تامغا تەستىقلىتىش ۋە مۇناسىۋەتلىك تامغىلارنى ئويغۇزۇش

    بۇنىڭدا شۇ سودا-سانائەت ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كۆزنىكىگە شۇ شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، پايچىكلارنىڭ كىملىكى كۆپەيتىلمىسى دىگەندەك ئۈچ ياكى تۆت تۈرلۈك نەرسىلەرنى كۆپەيتىپ ئېلىپ بارىسىز، ئاندىن ئۇلار شۇنىڭغا ئاساسەن شىركەتنىڭ مەمۇرىي تامغىسى (公司公章)، توختام تامغىسى (公司合同章) ۋە مالىيە تامغىسى (公司财务章) نى ئويغۇزۇشقا ئىپسات چىقىرىپ بېرىدۇ، ئادەتتە تامغىلارنى ئۇلار بەلگىلەپ بەرگەن ئۇرۇنلاردا ئويغۇزۇش مۇمكىنچىلىكىڭىز%100 بولۇشى مۇمكىن. قالغان كىچىك تامغىلارنى ئۆزىڭىز ئويغۇزىۋالسىڭىزبولىدۇ.

    7. شىركەتنىڭ ۋاكالەت كود نومۇرى كىنىشكىسى (公司代码证)

    شىركەت تامغىسى چىقىپ بولغاندىن كېيىن 6-تۈردىكى مۇناسىۋەتلىك كۆپەيتىلمىلەر ۋە شىركەت تامغىسىنى ئېلىپ باشقا بىر كۆزنەكتىن بۇ كىنىشكىنى ئېلىش ئىلتىماس جەدىۋىلى ئېلىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلىرىنى تولدۇرۇپ تاپشۇرىسىز، ئادەتتە ئۈچ كۈن ئەتىراپىدا تەستىقلىنىپ چىقىشى مۇمكىن، بۇ كىنىشكىنى ئالىدىغان چاغدا 148 يۈەن ھەق ئالىدۇ (ئېھتىمال مۇشۇ ئىدارىنىڭ بانكا ھېساباتىغا پۇل تاپشۇرۇپ، پۇل تاپشۇرۇش تالۇنىنى مۇشۇ كۆزنەككە تاپشۇرۇشىڭىز مۇمكىن)، رەسمىي نۇسخا (正本) ۋە قوشۇمچە نۇسخا (副本) دەپ ئىككى نۇسخا چىقىرىپ بېرىدۇ.

    يوقىرىدىكى 6 تۈرنىڭ ئىچىدە تامغا ئويۇش، كاپىتال تەكشۈرۈش دوكىلاتىدىن باشقا تۈرلەرگە بەك كۆپ ھەق ئالمايدۇ ياكى ئالمايدۇ.

    8. دۆلەتلىك باج كىنىشكىسى ۋە يەرلىك باج كىنىشكىسى

    دۇنيادا باج ئېلىنمايدىغان دۆلەت ياكى رايۇنلار بەك ئاز، جۇڭگودا باج تاپشۇرۇش ھەر بىر پۇقرانىڭ مەجبۇرىيىتى، بۇنى سۆزلەپ ئولتۇرمايمىز.

     

    ئېھتىمال ھەر قايسى جايلارنىڭ بىجىرىش تەرتىپلىرى ۋە تەلەپلىرى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئومۇمەن ئېيتقاندا يوقىرىقى سەككىزتۈردىكى مۇناسىۋەتلىك باسقۇچلارنى باسماي، بىجىرمەي تۇرۇپ سودا-سانائەت ئىدارىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ ئاۋارە قىلىشىدىن ساقلانماق تەس.

    ئەمەلىيەتتە يوقىرىقى جەريانلاركۆپ بولسىمۇ، ئەمما بەك باش قاتۇرغۇدەك ئىشلار ئەمەس، ھەممە ئۆز يولىدا ئاسانلار بىجىرگىلى بولىدىغان ئىشلار، تەس دىيىلسە، ئەڭ قىيىن ئۆتكەل-مەبلەغ. مەبلەغ ئىشلىرى ھەل بوپ كەتسە قالغان رەسمىيەتلەرنى بىجىرمەك بەك تەسكە توختاپ كەتمەيدۇ.

    خەير، ئىشلىرىڭىزلار ۋە ئىشلىرىمىز ئوڭ بولسۇن!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر شىركەت