نىكاھ بۇزۇلۇشتىكى توققۇز بېشارەت

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-13 23:31:47

ئامېرىكىلىق بىر نىكاھ ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى نىكاھ بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىدا كۆرۈلىدىغان توققۇز تۈرلۈك بېشارەتنى ئوتتۇرغا قويغان.


    نىكاھ بۇزۇلۇشتىكى توققۇز بېشارەت
     
      ئامېرىكىلىق بىر نىكاھ ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى نىكاھ بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىدا كۆرۈلىدىغان توققۇز تۈرلۈك بېشارەتنى ئوتتۇرغا قويغان. ناۋادا قايسىبىر ئەر ياكى خوتۇندا بۇ بېشارەتلەردىن تۆت تۈرلۈكى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەكى كۆرۈلسە، ئۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن :
       1. ئەر ياكى خوتۇن ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ھەددىدىن زىيادە دىققەت قىلسا. مەسىلەن، ئورۇقلاشنى ياخشى كۆرۈش، ھۆسن تۈزىتىش، ئۈنچە–مەرۋايىتقا ھەۋەس قىلىشقا ئوخشاشلار؛
       2. ئەر–خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى سۈركىلىشلەر ئازلاپ كەتسە. بۇ ئەر–خوتۇنلارنىڭ ھازىرقى نىكاھ مۇناسىۋىتىگە بىپەرۋا پوزىتسىيە تۇتقانلىقتىن دېرەك بېرىدىكەن؛
       3. ئائىلىدىكى مال–مۈلۈكنى «سېنىڭ–مېنىڭ» دەپ ئايرىسا ياكى ئۆز ئالدىغا ئايرىم پۇل ئىقتىساد قىلسا؛
       4. ئائىلىنىڭ مۇراسىم ئىشلىرىغا قىزىقماس بولۇپ قالسا. مەسىلەن، توي خاتىرە كۈنى ۋە تۇغۇلغان كۈنلىرىنى خاتىرىلەش، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئائىلە يىغىلىشلىرىغا قىزىقمىسا؛
       5. ئۆزئارا بىللە بولۇش ئازىيىپ، ئەل–ئاغىنە، دوست–بۇرادەرلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلىسا؛
       6. تۇيۇقسىزلا خىزمەتكە بېرىلىپ كەتكەن بولۇۋېلىپ، ئائىلىدىكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكلىرىدىن قاچسا؛
       7. ئەر-خوتۇن ئىككىسى كوللېكتىپ سورۇنلارغا بىللە بېرىشتىن ئامالنىڭ بارىچە ئۆزىنى قاچۇرسا؛
       8. تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ئائىلىدىكى ۋاقتىنى ئامالنىڭ بارىچە ئازايتسا؛
       9. ئائىلە ۋە تۇرمۇشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پىلانىغا پەرۋاسىز قارايدىغان بولۇپ قالسا.
     
    مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.