بالىلار ئاڭلاشتىن ئەڭ قورقىدىغان ئون ئېغىز گەپ

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-21 19:48:34

بالىلار ئاڭلاشتىن ئەڭ قورقىدىغان ئون ئېغىز گەپ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاڭلاشنى خالىمايدىغان گەپلىرى بولىدۇ، بالىلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ھېچنىمىنى چۈشەنمەيدۇ دەپ ...

    بالىلار ئاڭلاشتىن ئەڭ قورقىدىغان ئون ئېغىز گەپ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاڭلاشنى خالىمايدىغان گەپلىرى بولىدۇ، بالىلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ھېچنىمىنى چۈشەنمەيدۇ دەپ قاراپ، تەپتارتماستىن قالايمىقان سۆزلەيدۇ، بۇنداق قىلىش ئەمەلىيەتتە بالىلارغا ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىك ۋە ئۇلارغا قىلغان ھاقارەت ھىسابلىنىدۇ. تۆۋەندىكى ئون جۈملە گەپنى ھەممە ئاتا-ئانىلار كۆرۈشكە تېگىشلىك، تۆۋەندىكى شۆزلەرنى بالىڭىزغا قىلىشتىن ساقلىنىىڭ:

     1. كالۋا، كارغا كەلمەيدىغان بىر نىمە.

    2. سەن بىر نان قېپى شۇ!

     3. ئەجەپ بولىدىكەنسەن، ئاخىرى مۇشۇنداق ئىشنى قىلىۋېتىپسەن-ھە.(تەنە)

     4. ئاغزىڭنى يۇم! نىمانداق گەپ ئاڭلىمايسەن؟

     5. مەن بولمايدۇ دىگەندىكىن بولمايدۇ!

     6. مېنىڭ ئىككىنچى سەن بىلەن كارىم يوق، ئۆزەڭنىڭ ئىختىيارىچە ئىش قىل.

     7. ئۆتۈنۈپ قالاي بۇنداق قىلمىغىن بۇلامدۇ؟

     8. ئەگەر سەن يۈز نومۇر ئالساڭ، مەن ساڭا .....ئېلىپ بىرىمەن.

     9. سېنىڭ قىلغان بۇ ئىشىڭدىن مەن ھەقىقەتەن قايغۇردۇم.

     10. سەن يەنە خاتا ئىش قىلدىڭ، ئەسكىكەنسەن.

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-22 0:24:49]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.